«ئۇيغۇرىستان » دېگەنلىك «شەرقىيتۈركىستان » نى چەتكە قاققانلىق ئەمەس

«ئۇيغۇرىستان » دېگەنلىك «شەرقىيتۈركىستان » نى چەتكە قاققانلىق ئەمەس

كۈرەش ئاتاخان

ۋەتەننىڭ ئىسمىنى «ئۇيغۇرىستان » دېگەنلىك «شەرقىيتۈركىستان » دېگەن نامنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقمايدۇ. «شەرقىيتۈركىستان » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن «ئۇيغۇرىستان » ئاتالغۇسى خۇددى «ئىنسان » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن «ئادەم » دېگەن ئاتالغۇدەك ۋە «ئاپا » دېگەن كەلىمە بىلەن «ئانا » دېگەن كەلىمىدەك ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قەتىي چەتكە قاقمايدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ داۋا كونتېكىسىدا تۇتقان ئورنى ئوخشىمايدۇ. «ئانا ۋەتەن » دېگىلى بولىدۇ ئەمما «ئاپا ۋەتەن » دېگىلى بولمىغاندەك. شەرقىيتۈركىستان دېگەن نام جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي نام بولۇپ، تارىختا تار ۋە كەڭ مەنىلەرنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈنكى خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇردەك بىر مەزلۇم مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى بىلەن تېخىمۇ ئالاقىسى كۈچلۈك. «شەرقىيتۈركىستان » دېگەن ئىسىم ھازىرقى خەلقارا ئىستىمالدىكى «Germany » دېگەن سۆزگە، «ئۇيغۇرىستان » ئاتالغۇسى «Deutschland » دېگەن كەلىمىگە ئوخشايدۇ.بىز ئۇيغۇرىستانلىقلار خەلقارادىكى بەزى مىللەتلەرگە ئوخشاش «Germany»نى گېرمانىيە دەيمىز، ئەمما گېرمانلار ئۆزىنى «دوچلار » دەيدۇ، ۋەتىنىنى Deutschland دەيدۇ.ئۇلار ئارىسىدا «Deutschland nicht es mehr Germany » دېگەن سۆز بار. بۇ سۆز دەل مىللىي مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورونغا قويۇپ ئېيتىلغان. ئەمما خەلقارادىكى بەزى مىللەتلەر ئۇ دۆلەتنى » Deutschland» دەسە بەزىللىرى » Germany» دەۋاتىدۇ.بۇنداق ھادېسىلەرنى ساماندەك مىسالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر خەلقارادا بەزى دۆلەتلەر ۋەتىنىمىزنى ئادەتلەڭىنى بويىچە «شەرقىيتۈركىستان » دېسە بىز ئۇلارنىڭ تىلىدا يازغاندا «شەرقىيتۈركىستان » ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا يازغاندا «ئۇيغۇرىستان » دەپ يېزىۋەرسەك خاتا ئەمەس.ھەممىدىن يامان بولىۋاتقىنى بۇ رايونىڭ ھەقىقىي يەرلىك خەلقى ھېساپلانغان ۋە ئۇ يەردە ئەسىرلەردىن بېرى ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا قان كېچىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر ئېتنىك توپلۇق يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلار بۇ يەردىن يوقالسا ئاپتوماتىك ئۇيغۇرغا قانداش بولغان خەلقلەرمۇ يوقۇلىدۇ. بۇ زىمىن تېخىچە ھۆررىيىتىنى قولىغا ئالالمىغان، بۇ يەردە ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈشكە ھەممىدىن بەك شەرتى توشىدىغان بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتالمىغاندا مىللىي ھەركىتىمىز قۇلاي غەلبە قىلالمايدۇ. ھازىرقى مۇشۇ خەلقارا ۋەزىيەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئەڭ ئاساسىي كۈن تەرتىپكە قويۇشقا قارشى تۇرماسلىق كېرەك.ئۇيغۇر مەسەلىسىنى مىللىي جۇمھۇرىيىتى ئاللا بۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسەلىسى ئىچىگە قويۇپ كۆرسۈتىش، ئۇيغۇرىستاندا ئەسىرلەردىن بېرى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خەلقنىڭ مۇقەددەس سىياسىي غايىسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، خەلقارا سەھنىلەردە سىياسىي كۈرەشلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋېتىدۇ.

بىزنىڭچە نورمال بىر ئەھۋال ئاستىدا «شەرقىيتۈركىستان » دېگەن نام بىلەن «ئۇيغۇرىستان » دېگەن نامنىڭ پەرقى يوق.ئەمما تارىخىمىز، بۈگۈنىمىز ۋە يىراق كېلىچەكتىكى مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا ۋە ئەتراپىمىزغا ئوبدان بىر نەزەر تاشلىغاندا ئاندىن «ئۇيغۇرىستان » دېگەن ئىسىمنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكى بىلىنىدۇ.شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز، تۈركىي خەلقلەر ۋە ئەرەپلەر تىل ئادىتى ۋە بەزى ئىلمىي سەۋەپلەر بىلەن بۇ زېمىننى «شەرقيىتۈركىستان » دەپ ئاتىسا ئۇنىڭدىن بىئارام بولۇشنىڭ، ھەم «ئۇيغۇرىستان «دەپ ئاتىغانلارغا سىياسىي ھۇجۇم قوزغاشنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئەخمەقانىيلىك.ئەمما ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچلەر ۋە شەخىسلەر زور تىرىشچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن «ئۇيغۇرىستان » دېگەن ئاتالغۇنى قېلىپلاشقان سىياسىي نام سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن چېكىنمەسلىكى كېرەك.خەلقارا ئېتنىك مۇناسىۋەتلەر ۋە كېيىنكى ئىككى يۈز يىللىق دۇنيا تارىخىنىڭ تەجىرىبىللىرىدىن قارىغاندا بىر دۆلەتنىڭ داۋاسى بىر مىللەت ئارقىلىق، بىر گوروھنىڭ داۋاسى بىر پارتىيە ئارقىلىق، بىر پارتىيەنىڭ داۋاسى بىر شەخىس ئارقىلىق غەلبە قازانغان.رايونلار ئارا ئورتاق بولغان نام بىلەن چېتىشلىق، ئاساسلىق ئېتنىك توپلۇق يەنى ھەقىقىي يەرلىك ئولۇسلار غۇۋالاشتۇرۇلغان مىللىي ھەركەتلەرنىڭ ئىچىدە مەغلۇپ بولمىغانلىرى يوق.مانا بۇ تەشكىلاتلىنىشىمىزدا نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغان قانچە مىڭ قېتىم تەجىربىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت!

بىز ئۇيغۇرىستانلىقلارغا ھەممىدىن ئاۋال «مۇستەقىللىق «، «ئۇيغۇرىستان «، «داھى » دېگەن ئۈچ كەلىمە كېرەك.بۇ ئۈچ كەلىمە زورۇقماستىن بىزنىڭ سىياسىي مەۋقەيىمىزنى، مىللىي ئالاھىيىدىلىكلىرىمىزنى ۋە تەشكىلاتلىنىش ئىقتىدارىمىزنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ. مىللىي نامىنى مىللىي دۆلەتكە تامغا قىلىپ ئۇرالمىغان، ئاخىرقى سىياسىي مەقسىدىنى «مۇستەقىللىق » دەپ بېكىتەلمىگەن، ئۆز ئىچىدىن چىققان «داھى » نى ئېتىراپ قىلمىغان مىللەت رادىكال مىللەتچىلكىنىڭ ياكى ئەكسىيەتچى ئېرقچىلىقنىڭ قاراڭغۇ ۋە تار كوچىللىرىدا ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلىدۇ.

ئاساسلىق مىللەت نامى دۆلەت نامى قىلىپ بېكىتىۋەتىلگەندە، ئېتنىك قەۋىملەرنىڭ ھەتتا مىللىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئالاھىيدە تەكىتلەش كېرەك بولمايدۇ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق ئاساسىي بولغان قۇتسال «خەلق » كەلىمىسى قۇياشتەك پارلايدۇ. ئۇ چاغدا «تۈرك » ۋە «ئۇيغۇر » دېگەن بۇ چرايلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئىككىدە بىر باشقىلارنى راھەتسىز قىلىدىغان ئاقىۋىتىدىن قۇرتۇلغىلى، ئۇيغۇرىستاننىڭ مىللىي ئىستىقلالى ئۈچۈن ئەمىلىي ۋە ئىجابىي بىر قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.

گېرمانىي /فرانكفۇرت (م)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى تەڭگىسى توغرىسىدا

جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى توغرىسىدا مەزكۇرجۇمھۇرىيەت تەڭگىسىنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى خەت ۋە رەقەملەر ئۈستىدە ، قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى …

ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرۈكلەرگە قارتا سۆزلىگەن ئىلتىماسى

بەھىرلەپ قويۇڭ