رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپاتلىق بېرىپ، ئامېرىكىنى خىتايغا قارىتا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-07-25

25-ئىيۇل كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئېچىلغان «خىتاي تەھدىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش» نامىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاساسلىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەن جازاسى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

RFAئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر قاتناشتى. 2012-يىلى 25-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر قاتناشتى. رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ قالايمىقان تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن تەڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ھەمدە تاشقى سىياسىتىدە خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا 12 يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قوللىنىپ كەلگەن ئەركىن سودا سىياسىتىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ئورتاق قاراشقا كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، تەن جازاسى ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش ھەمدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش مەسىلىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق قانداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە نېمىلەردىن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

بىز يەنە، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ گۇۋاھلىق نۇتقىغا تەرجىمانلىق قىلغان، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، يىغىندىكى مۇھىم نۇقتىلار ھەمدە مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكى قېتىمقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىر مۇھىم تەرىپىنىڭ، يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان، خىتايدا دېموكراتىيىنى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قوللانغان ئەركىن سودا سىياسىتى ياخشى نەتىجە بەرمىدى» دېگەن قاراشقا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/guwaliq-berish-07252012165214.html

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …