ئىمان توغرىسىدا تەپسىلى بايان(3-باپ)

مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامدا ھەممىدىن ئاۋال مۇكەممەل ئىمان شەرت قىلىنىدۇ. ئىماننىڭ شەرتلىرى تولۇق ئادا بولمايتۇرۇپ قىلغان ئىبادەتنى ئاللاھ  قوبۇل قىلمايدۇ. ئىمان بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرسىدىكى پەرق شۇنچىلىك چوڭ، شۇنچىلىك كەسكىنكى، بىر مۇسۇلمان زىممىسىدىكى پەرز قىلىنغان ئىبادەتنىڭ بەزەنلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ، بەزەنلىرىنى ئىمكانىيتى يار بەرمىگەنلىكتىن ئادا قىلالمىسا ( مەسىلەن تۈرلۈك توسقۇنلۇقلار تۈپەيلى  ھەجنى  ئادا قىلالمىغاندەك ….)، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۆز مەرھەمىتىگە ئېلىپ ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۆزرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ياكى بەزەن ئىبادەتلەرنى شارائىت يار بەرگەن ھالەتتىمۇ  سۇسلۇق،  ھورۇنلۇق تۈپەيلىدىن قازا قىلىۋەتسە، شۇنىڭدەك ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان بولسا، گۇناكار قاتارىدا دوزاقتا جازاسىنى تارتىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، جەننەت بىلەن نەسىپلىنىدۇ. ئەمما بىر كىشى ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان بارلىق ئەركانلارنى تولۇق بەجا كەلتۈرمەي، بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىگە ئىنكار قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئىمانى ھەقىقى ئىمان ھېساپلانمايدۇ. ئۇنداق چالا ئىماننى ئاللاھ  قوبۇل قىلمايدۇ. چالا ئىمان بىلەن قىلغان ئىبادەتمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چالا ئىمانلىق كىشى بىلەن ئىمانسىز كاپىرنىڭ ئاخىرەتتە پەرقى بولمايدۇ. دۇنيادىكى پەرقى چالا ئىمانى بىلەن مۇسۇلمانلار  ئارىسىدا بىرگە ياشايدۇ ۋە  مۇسۇلمانلىقتىن بەھرىمان بولالايدۇ خالاس.
مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامدا ئىبادەتلەرنىڭمۇ تەپسىلى شەرتلىرى بولغاندەك، شۇ شەرتلەر تولۇق بەجا كەلتۈرۈلمىسە  قىلغان ئىبادەت ئادا بولمىغاندەك، ئىماننىڭمۇ  ئالاھىدە، ئۆزگىچە  شەرتلىرى بولۇپ، ھەقىقى  مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاشۇ شەرتلەرنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. سەھۋەنلىك قىلىشتىن، بىلمەسلىكتىن، سەل قارىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق مەسئۇلىيەتسىزلىك توغرىسىدا  ئۆزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەسىلەن بىراۋ ئاللاھقا ئىشىنىپ، پەيغەمبەرگە ئىشىنىشكە ياكى ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتاپلارغا ئىشىنىشكە بىلمەسلىكتىن  ناقايىللىق قىلغان بولسا، شۇنىڭدەك ئاخىرەت كۈنىگە، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە، دوزاق، جەننەتكە ئىشەنمىگەن بولسا، پەيەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىگە ناقايىللىق قىلغان بولسا، پېرىشتىلەرگە، تەقدىرگە ئىشەنمىگەن بولسا،  جۈملىدىن يىغىپ ئېيتقاندا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئەركانلارنىڭ بىردە بىرىگە سەھۋەنلىكتىن ئىنكار قىلغان بولسا  ئۇ كىشىنىڭ سەھۋەنلىك ئۆزرۈسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك  دىنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر مۇقەددەسلىككە بىلمەسلىكتىن ئىنكار قىلغان، ياكى ھاقارەت قىلغان بولسا….. شۇنىڭدەك ئاللاە ھالال قىلغان نەرسىنى بىلمەسلىكتىن ھارام دەپ، ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال دەپ پەتىۋا قىلغان بولسا، دىنى مۇقەددەسلىكنى، ئىبادەتلەەرنى  كەمسىتكەن بولسا ( مەسىلەن :ھەج تاۋاپ قىلىش ئەرەپنى باي قىلغانلىق، ناماز ئوقۇغان ئىشى يوقنىڭ ئىشى،  روزا تۇتقان ئېشى يوقنىڭ ئىشى دېگەندەك…)، گەرچە شۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئىماننى بۇزىدىغانلىقىنى بىلمەي سەھۋەنلىكتىن سادىر قىلغان بولسىمۇ،  ئۇنىڭ بىلمەسلىك ئۆزرۈىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىمانى بوزۇلىدۇ ۋە  تەۋبە، ئىستىغپار ئېيتىپ ئىمانىنى يېڭىلىمىغۇچە ئۇ بەندىنىڭ ئىمانى بۇزۇلغان ۋە كۇپرىلىق تەۋەسىگە كىرىپ كەتكەن بولۇدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. ئىمان مەسىلىسىدە سەل قاراش، سۇسلىق قىلىش، چاخچاققا ئايلاندۇرۇىش قاتارلىق كەيپىياتلارغا ئورۇن يوق. بىر مۇسۇلمان باشقا بىرىگە قېيداپ، ئاچچىقلىنىش يۈزىسىدىن، ياكى چاخچاق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتسا، شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلىقتىن باشقا دىننى  ئەۋزەل كۆرگەنلىكىنى ئېيتسا، ئۇنىڭ نىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر جەزمەن ئىمانىدىن ئاجرىغان بولۇدۇ.
ئىمان قەلب ھەرىكىتى، تىل ھەرىكىتى ۋە بەدەن ھەرىكىتىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاغىزىدا ئىمان ئېيتىپ، ئاغىزىدا مۇسۇلمانلىقنى ئىپادىلەپ، شۇنىڭدەك بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىبادەت شەكىللىرىنى كۆرسۈتۈپ ئەمما قەلبىدە ئىشەنمىسە، يەنى قەلىب ھەرىكىتى باشقىچە بولسا  ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ.   ئۇنداق كىشى ئىچىدە كاپىر ئىمانى يوق، سىرتىدا مۇسۇلمان قىياپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئالداش ئۈچۈن يالغان ئىبادەت قىلىدۇ ۋە يالغان ئىماننى كۆرسۈتىدۇ. ئۇنىڭ نامى « مۇناپىق » نىڭ بىر تۈرىدۇر. يەنى ئىچكى ئالېمى بىلەن سىرىتقى كۆرۈنۈشى، قەلبى بىلەن تەن ۋە تىل ئىپادىسى بىردەك بولمىغان  ئىككى يۈزلەمچىدۇر.  ئۇنىڭ ئەكسىچە قەلبىدە ئىمان ئېيتىپ، تىلى بىلەن، قەلىمى بىلەن  ئىنكار قىلسا، دىنى مۇقەددەسلىككە ھاقارەت قىلسا، ئىقتىسادى ۋە ئەمەلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق دىنى مۇقەددەسلىكنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇنىڭدەك ئىسلامنىڭ غەيرىدىكى دىنلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئىپادىلىسە _ بۇتقا تېۋىنسا، بوينىغا كىرىست بەلگىسىنى ئېسىۋالسا، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئىلاھ دەپ چوقۇنسا…. جەزمەنكى ئۇ ئىماندىن ئاجرايدۇ. چۈنكى ئىمان يالغۇزلا كۆڭۈل ۋە قەلب ھەرىكىتى بولۇپ قالماستىن بەلكى سىرتقى ئىپادىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم جىسمانى ھەم قەلب بىرلىكىدۇر. بۇيەردە ئوچۇق ئايرىۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر زۆرۈر مەسىلە شۇكى، بىر كىشى ئۆزۈنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدە قەتئى چىڭ تۇرۇپ لېكىن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلمىغان بولسا، ياكى ئىماندىن چىقىرىۋەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى گۇنالارنى سادىر قىلغان بولسا  ئۇنىڭ نامى ھەرگىزمۇ ئىمانسىز، كاپىر ياكى مۇناپىق بولمايدۇ. بەلكى يەنىلا مۇسۇلماندۇر. ئەمما گۇناكار پاسىق دەپ تەنقىتلىنىدۇ. چۈنكى ئىبادەت قىلماسلىق  بىلەن ياكى  گۇناھ  قىلىش بىلەن مۇسۇلمان ئىماندىن ئاجراپ كەتمەيدۇ.
سۆيۈملۈك، مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامدىكى ئىماننىڭ شەرت ۋە ئەركانلىرى، ئىبادەتنىڭ شەرت ۋە ئەركانلىرى، پەتىۋا مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك دىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك  بارلىق مەسىلىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ شەرھىلەپ كۆرسۈتىشى بىلەن تەرىپلەنگەن، تەرتىپلەنگەن ۋە مۇقىملاشقان مۇقەددەس قائىدىلەردۇر. دىنىمىزگە ئالاقىدار ھەرقانداق مەسىلە كىشىلىك كۆز قاراشتىن، كىشىلىك خاھىش ۋە ئارزۇ، مۇددىئالاردىن تامامەن خالى ھالدا  پەقەت مۇقەددەس قۇرئاننى ۋە  سەھى ھەدىسلەرنى دەلىل قىلغان ئاساستا بەلگۈلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ناقايىللىق قىلىش، ئوچۇق ئاشكارە ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەكسىچە مەۋقەدە بولۇش كىشىنى ئىماندىن ئايرىپ كۇپرىلىققا ئېلىپ كېلىدۇ.
دىنى مەسىلىلەردە  ھېچكىمنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ياكى ئۆز كۆز قارىشى بىلەن ھۆكۈم قىلىش، پەتىۋا بېرىش ھەققى يوق. ھەر قانداق بىر مەسىلىدە  ئەگەر قۇرئان، ۋە  ھەدىس ئۈستىدە ئىجتىھاد قىلىپ تەھلىل يۈرگۈزەلىگۈدەك  ئىلم، قائىدىلەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتلىق بولسا قۇرئان ۋە سەھى ھەدىسلەردىن دەلىل قىلىشى شەرتتۇر. ئەگەر  قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ئىجتىھاد قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىلمى ئاساسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا  شەرتسىزكى مۇجتەھىدلەرنىڭ پەتىۋالىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ، شۇ پەتىۋالار ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىشى ۋە سۆزلىشى كېرەك. قۇرئاننى ئوقۇيالىغۇدەك، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى چۈشۈنەلىگۈدەك سەۋىيە بىلەن، ياكى قۇرئاننىڭ، ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىنى بىلگۈدەك ئەرەپچە ساۋات بىلەن : « قۇرئاننىڭ مۇنۇ ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن، مۇنۇ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان، بۇ مەسىلە مۇنداق » _ دەپ، كېسىپ ھۆكۈم قىلىش، پەتىۋا بېرىش ئەھۋاللىرى ئېغىر گۇناھ بولۇش بىلەن بىرگە بەزىدە ئىمانغا دەخلە يەتكۈزۈپ، كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر.
ئۇيغۇرچە تۇرمۇشتا ھەممىگە ئاددى قاراش، مەمەدانلىق، « سەن بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەن » ھاكاۋۇرلىقى خېلە ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى سەۋەپلىك نۇرغۇن مۇھىم ئىشلار ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. جۈملىدىن دىنى ئىشلىرىمىز  شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىزلىشىپ كەتكەنكى، ھەر كىم ئۆز خاھىشى بىلەن، كاللىسىغا نېمە كەلسە دىن نامىدىن، ئاللاھ نامىدىن، قۇرئان نامىدىن سۆزلەپ قويۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. « يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشنى ئۆزەڭ بىل دەپتىكەن خۇدايىممۇ، ھالال تېپىلمىسا ھارام يېمەي ئۆلەيمۇ دەپتىكەن، تۈرۈككە بىر توخماق، موللىغا يۈز توخماق دەپتىكەن قۇرئاندا…..» _ دېگەندەك ئۆزگىچە دەلىللەر دەل ئاشۇ ئۇيغۇرچىلىقتىكى ھەممىگە ئاددى قاراش خاھىشىمىزنىڭ مەھسۇلىدىن كېلىپ چىققان مەمەدانلىقلاردۇر. تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاددى ئىشلاردىمۇ مەلۇم قائىدە بولۇدۇ. موزدوز ئۇستا دوپپا تىكمەيدۇ. ياغاچچى ئاياق تىكمەيدۇ. ھەر ئىشنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلى بار. قىرىقىنچى ئاياق كېيىدىغان پۇتقا موزدوز ئۇستا  ئوتتۇز توققۇزىنچى ئاياق تىكمەيدۇ. تۆمۈرچى ئۇستىغا ھېچكىم ياغاچتىن شىرە بۇيرۇتمايدۇ. بۇ ئەڭ ئەقەللى بىر قائىدە. لېكىن ئىمان، ئىبادەت، پەتىۋا، ئەقىدە قاتارلىق دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ساھەلىرىدە  ئۆز بېشىمچىلىق يامراپ كەتكەن. ئىشنى دەسلەپ قىلىپ دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ جان بېقىشنى، دىننى ھۈنەر كەسىپ ئورنىدا قوللىنىشنى ئادەت قىلىۋالغان ناكەس كاززاپلار بۇزغان. ئۇنىڭدىن كېيىن چالا ساۋات، چالا موللا بۇزغان. شۇنىڭدەك دىننى ئابروي قازىنىشنىڭ گىرىم ۋاستىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن نائىنساپلار بۇزغان.  ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئۆزلىرى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەرگە ئېيتقانلىرى ساختىكارلىقنىڭ دەسمايىسى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۆزى دېگەننىڭ تەتۈرسىنى ئۆزلىرى سادىر قىلغانلىقتىن كىشىلەر ئارىسىدا « موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما » دەيدىغان ئېغىر مەسخىرىلىك مەنتىقە يىلتىز تارتقان.
دىنى مەسىلىدە كىشىلەرگە پەتىۋا  ۋە  ھۆكۈم شەكىلدە جاۋاپ بېرىش ۋە  شۇنىڭدەك  قىياس قىلىش ئۈچۈن دىنى ئىلىمدە  ئىجتىھاد قىلالىغۇدەك دەرىجىدە  ئەڭ يوقۇرى ئالى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش شەرتتۇر. ئۆزى بىلگەنچە ھۆكۈم قىلىش ياكى « بۇ مەسىلىدە مېنىڭ قارىشىم مۇنداق » دېگەندەك، مەمەدانلىق قىلىش مۇقەددەس دىنىمىزگە ئەھمىيەتسىز قارىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنداق مۇئامىلىدە بولغان كىشى دىن بىلەن، ئىمان بىلەن ئويناشقان بولۇدۇ. مەسىلەن : ھاراقنى ئىچكەن كىشى گۇناكار بولۇدۇ. ئەمما ئۇنى ھالال دېگەن كىشى ئىماندىن ئاجرايدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم ۋە نوقتۇلۇق مەسىلە پەتىۋا ۋە ھۆكۈم مەسىلسى بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال دېگەنلىك ئاللاھنىڭ قارشىسىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىك ۋە ئاللاھنىڭ قارشىسىدا ھۆكۈم قىلغانلىق بولۇدۇ. بۇنىڭدەك  بويۇنتاۋلىق ئىنساننى ئىماندىن ئاجرىتىدىغان ئەڭ چوڭ خاتا قىلمىشتۇر.
دېمەك،  دىنىمىزدىكى ھەرقانداق مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى ئەمەل، ئىبادەتكە ياتسا يەنە بىر تەرىپى ئىمان، ئەقىدىگە تەئەللۇق بولۇدۇ. شۇڭا  دىنىمىزدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك   ئەڭ نازۇك مەسىلەدۇر. مەسىلەن:  ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ئىبادەتتۇر. ئۇنى قەستەن ئادا قىلمىغان كىشى گۇناكار بولۇدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلىش كۇپرىلىق بولۇپ  ئىمانىدىن ئاجىرىتىدۇ.
__________________________
ئۆلۈكتىن ھاياتلىقنى بەرپا قىلغۇچى، قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇقلۇقنى ئاپېرىدە قىلغۇچى، سۇنىڭ ئىچىدىن ئاتەشنى چىقارغۇچى قۇدرەتلىك ۋە ھېكمەتلىك ئاللاھ    ئىنسانى خىسلىتىنى يوقۇتۇپ  تەبىئەت دۇنيا سىغا يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقان ناتىۋان خەلقىمىزنىڭ زۇلمەت باسقان روھىيتىگە ، خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە ياڭرىغان دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىدەك بىر ھەيۋەت بىلەن، تۈن زۇلمىتىنى تىلىپ ئۆتكەن چاقماق تېزلىكىدە  ئىمان جەۋھېرىنى  نېسىپ ئەيلىسە بىزنىڭ نىجاتلىق يولىمىز ئېچىلغان بولاتتى!

http://www.azatliq.net/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=326&extra=page%3D1

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئىسلام ۋە مىللەتچىلىك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان 2013-08-26 بىز ھەممىمىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ بىر ئىسلام ئائىلىسىگە مەنسۇپمىز. بىزنىڭ …

ئىسلام

ئىسلام ئەينى ۋاقىتتا ئەقىدەدۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىبادەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىسلاھاتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا سىياسەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا …