« راينا قەتلىئامى » دا سىناقتىن ئۆتكەن رېئاللىق

istanbul-anschlag-club-is-650x435

« راينا قەتلىئامى » دا سىناقتىن ئۆتكەن رېئاللىق

« ئېسىل مالنىڭ خېرىدارى ھەر يەردە، ناچار تاۋارنىڭ خېرىدارى قەيەردە»
كىشىلەر ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان، نامى- شەرىپىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىرەر ئادەم ياخشى نام چىقارسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە سورىلىدىغان بىرىنچى سوئال: قەيەرلىك ئادەمكەن؟- دېگەندىن ئىبارەت، قىزىقىش نۇقتىسى ئۇنىڭ يۇرتى بولىدۇ. ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق بولۇپ چىقسا، ئۇنىڭ نامىنى چېكىسىگە گۈل قىلىپ قىسىۋالىدۇ. ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر كىشىگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ. ئەگەر باشقا يۇرتلۇق بولۇپ قالغاندا، ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىدۇ، ياكى ئاڭلاپ باقمىغاندەك بىر قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك يامان، يىرگىنىشلىك خاتا ئىشتىن، ياكى چوڭراق جىنايەتتىن بىرنى سادىر قىلغان كىشى ئۈستىدىمۇ يۇرتى سورىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق چىقىپ قالسا، ئاڭلىمىغان بولىۋالىدۇ، ياكى: تېگى- تەكتى پالانى يەردىن، تېنەپ كەلگەن كۆچمەنتى – دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىپلەپ، خۇددى ئۆز يۇرتىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاۋاتقاندەك ئىپادە كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرقانداق يۇرتلۇقتا، بەلكى ھەرقانداق مىللەتتە، قىسقىسى ئىنسانلاردا بولىدىغان ئورتاق، ئىجتىمائى خۇسۇسىيەت بولسا كېرەك.
2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدە، زەيتىن بۇرنۇدىكى داڭلىق « راينا دىسكوخانىسى» دا، ئاڭلىغانلارنىڭ نەپىسى توختاپ قالغىدەك بىر دەھشەت، قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى. تۈرك ئاخباراتلىرى بۇ قاتىللىق جىنايىتى ئۈستىدە بەسلىشىپ سايراشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەسلىدە بىر دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنداق ۋەزىيەتتە تەمكىن، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن پائالىيەت قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ . ئەمما تۈرك ئاخباراتلىرى خۇددى ھاشارەت قوغلاپ يۈرگەن زاۋالدىكى قالغاچلاردەك تۇتامسىز، تۇراقسىز ۋىچىرلايتتى. ئۇلار شۇنچىلىك شاللاق ئىدىكى، كوچىدىكى ئۇرۇشقاق بېشەملەردەك، ئاغزىغا نېمە كەلسە بوغىزىغا يۈتمەي ئاخبارات يۈزىگە چىقىرشتا بەسلىشەتتى. ئاتالمىش 170 يىللىق تارىخقا ئىگە « تۈرك مىللى ئىستىخباراتى» مۇ ئاخباراتچىلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆرۈك بېسىپ، ھەر سائەتتە بىر يېڭىلىق بىلەن تەمىنلەيتتى.
پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بۇ ۋەھشى قەتلىئامنىڭ قاتىلىدا ئىدى. تۈرك ئىستىخباراتى تەمىنلىگەن دەسلەپكى « يىپ ئۇچى» تۈرك ئاخباراتلىرىدا تارقىتىلدى. «راينا قاتىلى شەرقى تۈركىستانلىق – ئۇيغۇر!»- دېگەن بىر جۈملە سۆز ، پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا نەقىل قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى تېلىقىپ، ھەرىكەتتىن توختايدىغاندەك بىر شۈركىنىش ئىچىدە ئازاپلىناتتى. « ئىلاھىم بۇ قاتىل ئۇيغۇر ئەمەستۇ!» – دەپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ياخشى تىلەكتە بولسىمۇ، كۆڭۈللىرىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا « ئەگەر بۇ ھايۋان ئۇيغۇر بولۇپ قالغان تەقدىردە پالانى يەرلىك! » دېگەندىن ئىبارەت ئۆز يۇرتلىقىدىن بولۇپ قالماسلىقىنى ھەم كۈتەتتى. شاللاق، تۇترۇقسىز تۈرك ئاخباراتى بىر پارچە رەسىمنى « راينا قاتىلى مۇشۇ خائىن!» دەپ، ئېلان قىلىۋىدى، ئۇيغۇر ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى تۇنجا ئىنكاسلاردا: « ياق بۇ ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ، بۇ ئۆزبەك، ياكى قىرغىز، ياكى تاجۈك بولىشى مۇمكىن!»- دەپ، ئاتالمىش قاتىلنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىگە پاكىت ئىزدەندى. بىرەر ئۇيغۇر ئېزىپ كېتىپ بولسىمۇ « قاتىل راينانىڭ ساھىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن، قاتىل تۈرك مافىيالىرى بولىشى مۇمكىن، قاتىل« پ كا كا » لىق بولىشى مۇمكىن، قاتىل ئامېرىكا ئىستىخباراتى، رۇس ئىستىخباراتى، ياۋرۇپا جاسۇسلىرى بولىشى مۇمكىن، نېمىشقا ئۇيغۇر بولغىدەك؟ » دېمىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىسىنىڭ قۇلاقلىرىغا، تۈرك ئىستىخباراتچىلىرى پىچىرلاپ « قولىمىزدا يىپ ئۇچى بار، ھەتتا ئېنىق پاكىت، ئىسپات بار، قاتىل شەرقى تۈركىستانلىق- ئۇيغۇر! قاتىل شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ شايكىسى!» دەپ، قورقۇنچ سېلىپ قويغان. سۈرىيەدە، شامدا ۋەتىنىدىن تانغان، مىللىتىدىن يۈز ئۆرىگەن مىڭلارچە مانقۇرتلارنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق بۈگۈنكى كۈندە. شۇڭا يۈرەك ئەزەلدىنلا پوكۇلداپ تۇرغاچقا، ھەي، شۇ نېجىس قاتىل ئۇيغۇر چىقىپ قالمىغىيتى- دېگەن ئەندىشىنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، كېلىۋاتقان رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشتى. ھەمدە بۇ جىنايەت ئۇيغۇردىن ئېلىنىپ، باشقا قېرىنداشلارغا يۈكلىنىشىگە تىلەكداشلىق قىلىندى.
بۇ يەردە قىزىق بىر ھېكايىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن: ئاتمىش يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بىر دېھقاننىڭ دار- دۇنيالىقتىكى ئوغلىمۇ، قىزىمۇ شۇ بىرلا ئوغۇل بولۇپ، بالا ئالتە ياشلارغا يەتكەندە، بىر كۈنى تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ، قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. كۈنلەر، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. بالا سۆزدىن قاپتۇ، ئۇسۇزلۇقتىن قاپتۇ. تىنىقلىرىمۇ بىلىنەر بىلىنمەس ھالغا چۈشۈپتۇ. بالىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمۈدى تولۇق ئۈزۈلگەن ئاتمىش ئالتە ياشلىق دېھقان دادا، كېچە يېرىمىدا تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ تەھەججۈت نامىزى ئوقۇپتۇ. ئۇ دۇئاسىدا: ئەي رەببىم، پەرزەنت كۆرۈشتىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلگەندە بۇ بالىنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇنىڭ مېھرىنى يۈرىكىمگە سالدىڭ. ئۇ تېخى دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مەن يەيدىغاننى يەپ، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولغان بىر بوۋاي. سەندىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى، ئوغلۈمغا كەلگەن ئەجەلنى ماڭا بۇيرىغىن. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ئۆلەي- دەپ، شۇنداق قاتتىق ئىلتىجا قىلىۋاتقان ئىكەن، ھويلىدا ئۈپۈر- تۈپۈر شەپە چىقىپ، ئۇدۇل ھۇجۇرنىڭ ئىشىكى ئەنسىز تاراقلاشقا باشلاپتۇ. دېھقان ئەس- ھۇشىنى يىغىپ بولغىچە، ھۇجۇرنىڭ ئىشىكى قاراسلاپ ئېچىلىپ، شۇنداق بىر ھەيۋەتلىك مەخلۇق كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ بېشى ئىشىككە تاقىشىپ يامان تەسلىكتە ھۇجۇرىغا كىرىشى بىلەن تەڭ، دېھقان شۇنى ئويلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ: دۇئايىم شۇنداق تېز ئىجابەت بولغان چېغى، يا ئاللاھ! نەچچە ۋاقىتتىن ئوغلۇمنىڭ ساقىيىشىغا دۇئا قىلسام ، دەرت- ھەسرەتلىرىمنى ئاڭلىمىغان خۇدايىم، ئەمدى جېنىمنى ئېلىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ، ئەزرائىلنى ئەۋەتىپتۇ. بۇ مەخلۇق نەقەدەر قورقۇنچلۇق – ھە! بۇنىڭ ئالقىنىدا جان بېرىشمۇ بىر دەھشەت بولسا كېرەك. دېھقان دۇئاسىنى توختىتىپ: ئەزرائىل! مەن ساق- سالامەت. ئاغرىيدىغان يېرىممۇ يوق. يەنە ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆرسەممۇ ئارتۇق ئەمەس. بۇ ئۆيدىكى كېسەل كىشى مەن ئەمەس، توغۇرتامنىڭ كەينىدە ھۇشسىز ياتقان ئوغلۇم، جان ئالماقچى بولساڭ، شۇنىڭ جېنىنى ئال- دەپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئوغلىنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇ مەخلۇق تۈنۈگۈن كەچكىچە ئېتىزدا سۆرەم تارتىپ، ھېرىپ، ئېچىرقاپ كەتكەن ئۆكۈزئىكەن. ئۇ يوغان بادان سۆۋەتكە سېلىپ بەرگەن ھەلەپنى يەپ بولۇپ، سۆۋەتكە مىقلىشىپ قالغان مۈڭگۈزىنى ئاجىرتالماي، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۈسۈپ يۈرۈپ، دېھقاننىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىپ قالغان ئىكەن.
« راينا قەتلىئامى» نىڭ ۋەھشى، تېرورىست قالپىقى ئۇدۇل كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەنچە، خۇددى «ئەزرائىل » دىن ئۈركىگەن دېھقان بوۋايدەك، « بۇ قاتىل ئۇيغۇر ئەمەس! ئۆزبەك. بۇ قاتىل ئۇيغۇر ئەمەس! قىرغىر. بۇ قاتىل ئۇيغۇر ئەمەس! تاجۈك. بۇ قاتىل ئۇيغۇر ئەمەس! ئافغان»- دەپ، سەكرەشلەر، شۇنىڭدەك « خۇدايىمغا شۇكرى، قاتىلنىڭ كىملىكى ئىسپاتلاندى. راينا قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئاخىرى ئايدىڭلاشتى. ئۇ قىرغىزستان پۇقراسى، مىللىتى ئۆزبەك، ئابدۇقادىر ماشرىپوۋ ئىكەن. بۇ ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىلەر! » – دەپ، يىنىكلەپ قېلىشلار. شۇنىڭدەك: « ئوھ خۇدايىم، قاتىل ئۆزبەك چىقتى- دەپ، يىنىكلەپ قالساق، مۇنۇ خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرنى چېتىپ قويۇپتۇ» – دەپ، ئۆكۈنۈشلەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بىر ھەپتە، ئون كۈندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئىچ ئەستىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن رېئاللىقتۇر.
ئىنسانلارنى يارىتىپ، تۇپراقلاردىن ماكان بېرىپ، ئايرىم تىل، ئايرىم ھايات ئۇسلۇبى، ئايرىم ئۇرۇق، ئايرىم قەبىلە، ئايرىم مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تەبىئىتىنى ئىنسانلارنىڭ گېنىتىك خاراكتېرىگە كىرگۈزگەن ئاللاھ، ھەر ئىشنىڭ سىرىنى، مەخپىيەتلىكىنى، خاسلىقىنى بەلگىلىگەن ئەلۋەتتە. بىزنىڭ ئۇيغۇر بولىشىمىزنىمۇ ئەلمىساقتا بىلەتتى ۋە تارىخنىڭ بەلگىلىك باسقۇچىدا ئۇيغۇر بولۇپ شەكىللىنىدۇ- دېگەن شىفرىنى ھەم تەقدىر قىلىۋەتكەن. كىملەر خالىمىدى بۇ يارىتىلمىشنى؟ كىملەر مەنسىتمىدى ئاللاھنىڭ تەبىرى ۋە تەدبىرلىرىنى؟
– بىزگە ئىنكار قىلىدىغانلار ئالدى بىلەن دۈشمىنىمىز خىتايدۇر. ئۇلار بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدىيىتىمىزگە ئىنكار قىلدى. خىتايلار بىزنى ئۆز قوۋمىلىرىنىڭ بىر پارچىسى- يەنى « جۇڭخۇۋا ئائىلىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى»- دەپ، ساختا دەۋاسىنى كۆككە كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن تولىمۇ ئۇزۇن تارىخى دەۋرىلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغان ئەرەب- پارىسلار ئىنكار قىلدى بىزگە. ئۇنىڭدىن قالسا، كېيىنكى 20 يىلدىن بۇيان ئەرەب ئەللىرىدە مەدىرىستە ئوقۇپ يېتىشكەن « ئۇيغۇر تىللىق »پەرزەنتلىرىمىز ئەرەب ئۇستازلىرىدىن بىزگە ئىنكار قىلىشنى يۇقۇملاندۇردى. بۇ يۇقۇملىنىش شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇيغۇر دېسە ئىمانسىزلىق، كۈپرىدەك، تۈرك دېسە ئىماننىڭ مۇكەممەل چوققىسىدەك ھېس قىلىشىدىغان ھالەت يامرىدى. پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا يېرىم ئەسىر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق « شەرقى تۈركىستانلىق، ئۇيغۇر بىز» -دەپ، ئومۇملاشتۇرغان مىللى كىملىكنى ، بىر قانچە يىل ئىچىدە يۇيۇپ تازىلاپ: بىز تۈركىستانلىق، ۋەتىنىمىز تۈركىستان- دەيدىغان، ئېنىقسىز كىملىك تىكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈرك سىياسەتچىلىرىگە بۇ مۇجمەل يېڭى كىملىكىمىز تازا خوش ياقتى بولغاي، سىياسى سەھنىلەردە، ئىجتىمائى پاپائالىيەت سورۇنلىرىدا « ھادى تۈركىستان، بىزىم قاردېشلىرىمىز تۈركىستانلىلار!» دەپ- بۇغۇر تۆگىدەك نەر تارتىدىغان بولۇشتى. نېمىشقا؟ چۈنكى دۇنيادا تۈركىستان – دەپ بىر خۇغراپىيە مەۋجۇت بولمىغان. ئۇ ئاتالغۇنىڭ بىر ئوبيېكتى بار- دېيىلسە، ئۇ ئالدى بىلەن قىرغىستان، ئۆزبەكىستان، تاجۈكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى، كەشمىرنىڭ بىر قىسمى قاتارلىق جايلارنى مۇجمەل ھالەتتە كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىر ۋە تارىختا ئۇنداق نام بىلەن ئاتالغان بىر جۇغراپىيە يوق ھەم بولۇپ باقمىغان. شۇڭا تۈركىستان- دەپ قانچىلىك توۋلىسىمۇ، بىر كىمنىڭ خىيالىدىن كىرىپ چىقمايدۇ. ھۇشيار تۈرك سىياسەتچىلىرى تۈركىستان ئاتالغۇسىنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئىنكار قىلىدىغان يېڭى زامان تالىپ، ئۆلىمالارنى خوش قىلىدىغان، ( چۈنكى ئۇلار بىزنى دەۋاتىدۇ- دەپ، خوشلىنىدۇ) خىتايمنىمۇ خاپا قىلمايدىغان ( چۈنكى ئۇنداق بىر جۇغراپىيەنىڭ تارىختىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيەتتىمۇ خىتاي بىلەن ئالاقىسى يوق) بىر ئىگىسى ۋە ئۇدۇل قاراتمىسى بولمىغان، سىياسىلىكى، ئېتنىك ئوبيېكتى بولمىغان ساختا داۋراڭنى يۇقىرىدىن تۆەنگىچە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە يەنە بىر قېتىم قايتىپ كېلەيلى. تۈرك ئستىخباراتى « دېنى تۇتمىغان » ساختا ئۇچۇر بىلەن ئاخباراتچىلارنى ئوينىتىشنى توختاتمىدى. بىر جۈملە يېڭى ئۇچۇر تېپىۋالسا، خامانغا دۆۋىلىگەن ساماندەك، دېنى يوق پاخال خەۋەرنى تارقىتىشنى تۈرك ئاخباراتچىلىرى ھەم توختاتمىدى. ئەكسىچە ھېلى قاتىلنىڭ خوتۇنى، ئىككى بالىسى بىلەن قولغا چۈشتى- دەپ، خەۋەر ئىشلىسە، بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ خەۋەرنى بېشىدىن تەكرارلاپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىزىپ ئىچۈرۈپ، ئۇ قولغا چۈشكەن قاتىلنىڭ خوتۇنى ئەمەسكەن، ئۇنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە- دېگەندەك، پايپاق گەپلەر بىلەن، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا تىرىشسا، بىردە قاتىل شەرقى تۈركستانلىق، ئۆزبەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئەمما ئىسمى، ئېنىق ئەمەس . كىملىكى مەخپى تۇتىلىۋاتىدۇ. قاتىل قىرغىرستان پۇقراسى، مىللىتى ئۆزبەك، ئىسمى پالانى . بىردە قاتىل شەرقى تۈركىستانلىق، مىللىتى تاجۈك، ئۇ رۇسچە، ئۆزبېكچە، تاجۈكچە تىللاردا سۆزلەيدىكەن- دېگەندەك پەقەتلا تۇتامسىز، تۇراقسىز، شاللاقلىقتىن يالتايمىدى. بۇنداق قىلىشتا تۈرك ئىستىخباراتىنىڭ ۋە تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قانداق بىر پىلانى، قانداق بىر نىشانى بارلىقى ھازىرچە قاراڭغۇ. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، «راينا قاتىلىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى » نى بىرەر سىياسى قۇربانلىقنىڭ تەقەززاسى تەلەپ قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنداق قەتلىئاملار تۈركىيەدە ھەركۈنى دېگىدەك بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، جىنايەتچىنىڭ مىللى تەۋەلىكى ئەمەس، بەلكى تەشكىلى تەۋەلىكى تەكشۈرۈلەتتى. پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ شۇ دائىرىدە خەۋەر، ئانالىز تارقىتاتتى. « راينا قەتلىئامى» دا بولسا، تۇنجا خەۋەردىن باشلاپ قاتىلنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، ئېنىق ئېيتقاندا ئۇيغۇر ، شەرقى تۈركىستانلىق، قىرغىستانلىق، قىرغىر، ئۆزبەك، تاجۈك- دېگەندەك مىللەت نامى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداق ئويۇن بارلىقى سىنارىست ۋە ئويۇننى پىلانلاۋاتقان رېجىسورلارغا ئايدىڭ. ئەمما بىزگە ئايدىڭلاشقان يەنە بىر رېئاللىق بولسا، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت چېگرالىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئېتنىك مىللى چېگرالارنى بۇزۇپ تاشلاپ « بىز بىر قېرىنداش، بىز ئۇ ئىستان، بۇ ئىستانلىق ئەمەس، بەلكى ھەممىمىز تۈركىستانلىق!»- دەپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ توۋلىغان شۇئارلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭدەك بۇنداق شۇئار توۋلىغانلارنىڭ ئېتنولوگىيەدىن، جۇغراپىيەدىن، مىللى سىياسەتلەردىن قىلچە مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا بولغان چۈشەنچىلىرىنىڭ ناقىسلىقىنى، دۆلەتلەر ئارا دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلنىش قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. قىسقىسى ئۆزى ياشاۋاتقان رېئال ھاياتتىن قىلچىمۇ مەلۇماتى بولمىغان، ئەقەللى ساۋاتقىمۇ ئىگە بولمىغان، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇچۇرما قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ پىلانىغا ھاۋادا لەيلەيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى سۇ يۈزىگە كۆپۈكتەك لەيلەپ چىقتى.
مىللەتتىن ھالقىغان، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان، جۇغراپىيە جەھەتتە رايون خاراكتېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق « بىرلىك »، جەزمەنكى ئېمپېرىيەلىك قۇرۇلمىغا ئىگە بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ. « تۈركىستان بىرلىكى» مۇ دەل، دۆلەتلەر چېگراسىدىن ھالقىغان، كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تېررېتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىرقداشلىق ئېمېرىيەسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئەمما سىياسى، ئىقتىسادى ئاساسى يوق، نەزەرىيىۋى ئاساسى تىكلەنمىگەن بىر خىيالى ئۇقۇمدۇر. ئۇ پەقەت « تۈركلوگىيە ئىلمى تەتقىقاتى» غا مەنسۇپ بىر ئىلمى تېمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. لېكىن بۇ شۇئارغا يىلىمدەك چاپلىشىپ قېلىۋاتقان، بىزنىڭ تالىپ ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ، مەسىلىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، ئارقىدىن كېلىدىغان نەتىجىسىنى تەھلىل قىلالىغىدەك يەردە ئەمەسلىكى ھەممە تەرەپتىن ئايدىڭلاشتى. چۈنكى دەۋارىڭدا سادىق بولساڭ، توۋلىغان ئاتالمىش « تۈركىستان قېرىنداشلىقى» شۇئارىڭغا ئىگە بولالىساڭ يامان كۈندىمۇ، ياخشى كۈندىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيتتىڭ. بىر قېتىملىق جىنايى شۇملۇقنى كۆرۈپلا بۇ قەدەر شۈمشەرەپ كەتمەيتتىڭ. « راينا قەتلىئامى» شۇنداق بىر رېئاللىقنىڭ ئىچ ئەستىرىنى ئېچىپ بەردىكى، بۇ ھادىسە خۇددى ئوغلىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ، « ئەزرائىل» كەلگەندە كېسەل ياتقان ئوغلىنى كۆرسىتىپ قويغاندەك، بىر ساختا ئەقىدىنىڭ يوشۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەردى.
ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۆزلىرنىڭ مىللى، ئېتنىك ناملىرى بىلەن ۋەتىنىنىڭ، دۆلىتىنىڭ نامىنى ئاتىشى ئەلۋەتتە ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ تاللاش ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.
بىزنىڭ ۋەتىنىمىزمۇ بىر كۈنى مۇستەقىل «ئۇيغۇرىستان » دۆلىتى قۇرۇلغاندا، قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن مەركىزى ۋە شىمالى ئاسىيادا ئۆز- ئارا مىھرى مۇھاببەتكە تولغان، ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ يېقىنچىلىقلىرىدىنمۇ بەكرەك يېقىن، ھەقىقى دوست، قېرىنداشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. شۇ كۈنلەرنڭ تېزراق يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان تۇپراقتا مىللى دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز شەرتتۇر. ئۆزىمىز دەسسەيدىغان بىر غېرىچ يەرنىڭ تاينى يوق تۇرۇپ، « ئاللاھنىڭ كېلىمىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىمىز!»، « بىز ھەممىمىز بىر تۈركىستانلىق، ئۇ يەرنىڭ شەرقى، غەربى- دەپ، بۆلۈنىشىگە يول قويمايمىز! تۈركىستان ئۈچۈن جىھات قىلىمىز!»- دېگەن شۇئارلارنىڭ ھەممىسى ساختىكارلىقتىن، رىياكارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەلكى بۇنداق شۇئارلارنىڭ ئارقىسىدا دۈشمەننىڭ ئىستىخباراتى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇرمىلىرى بولىشى مۇمكىن.
قىسقىسى ئۆزىمىزنى تۇنىغان بولساق، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلغان بولساق، دوست بىلەن دۈشمىنىمىزنى پەرق ئېتەلىگەن بولساق « راينا قەتلىئامى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئىشى بولسۇن! ئۆزبەكلەرنىڭ نېمە ئىشى بولسۇن؟ قىرغىزلارنىڭ نېمە ئىشى بولسۇن؟ چۈنكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىمىزدىكى يېڭى ئىسلام گۈللىنىشى دەۋرىدە، ھەممىدىن ئاۋال ئۇيغۇرلاردا دىن ئومۇملاشقان ئىدى. ئۆزىمىز بىلەن ئوخشاش تىللىق، ئورتاق مەدەنىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزغا دىننى ماھىيىتى بىلەن يەتكۈزۈشكە تىرىشقان بولساق، ئۇلارنىڭ ئەرەب جىھاتچىلىرىغا سېتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارمۇ، بىزمۇ خەلق ئالەم ئالدىدا بۇنچىلىك رەسۋا بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. ئۆزبەك، قىزغىز، تاجۈك، قازاقلار ئىرقى ۋە مەنىۋى جەھەتتە بىزنىڭ ئىنىلىرىمىزدۇر. بىز چوڭ ئاكىسى بولغان ھالدا ئۇلارغا ئىنسانلىقنىڭ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۈلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق. ئۇلارنىڭ نادانلىرىنى رۇس« ك گ ب » ئورگانلىرى يېتەكلىدى. بىزنىڭ نادانلىرىمىزنى خىتاي ۋە ئەرەب ئىستىخباراتى يېتەكلىدى. ئەڭ ئاز يىگىرمە يىلدىن بۇيان تەكىتلىنىۋاتقان بىر ھەقىقەت شۇ ئىدىكى، « بىز ئاۋال مىلتىق ئېتىشنى ئەمەس، كاللىمىزنى ئوڭشىمىساق بولمايدۇ. بىز ئاۋال مىلتىق ئېتىشنى ئەمەس، مىلتىقنى كىمگە قارىتىپ ئېتىشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ!» – دېگەن ئەقەللى، ئادىمىلىك ساۋادىنى بىزلەر قوبۇل قىلالمىدۇق. مۇشۇ يىللار ئىچىدە دىنى ساھەدىن دوكتور- ئەللامىلىرىمىز يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، چالاساۋات تالىپچاقلارنى توغرا يېتەكلىگىدەك ئىلمى ماغدۇر ھازىرلىيالمىدۇق. يېقىنقى يىللاردىكى چەتئەل ھاياتىمەزدا، بېشىمىزدىن ساناقسىز ئىسسىق – سوغاقلار ئۆتكەن بولىشىغا قارىماي، ئازراق بولسىمۇ ئىنسانى تەجرىبە ھاسىل قىلماي، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە « جىھات قىلىش پەرىز كۇپايە ، جىھاتقا تەييارلىق قىلىش، مىلتىق ئېتىشنى ئۆگۈنۈش پەرىز ئەيىن . بۇنىڭغا ئىنكار قىلغان مۇرتەتدۇر!»- دېگەن شۇئار ۋە چاقىرىقلارنى، ئاللاھ نامىدىن بازارغا سېلىۋاتقان بىر تۈركۈم – بەلكى كەڭ كۆلەمگە ئىگە تالىپچاقلار تورلاردا كاكىراپ يۈرىۋاتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ئۇۋال- ھېسابى سۆزى چوڭ، نوپۇزى چوڭ، ئوقۇرى ئىگىز ئەھلى – ئىلمى، ئۆلىمالىرىمزغا چۈشىدۇ.
بېشىمىزغا تاغدىن ئېغىر دەرت كەلگەندە بولسىمۇ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەقىقەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالايلى. كېيىنلىكىنى كۈتكىدەك بىر نەرسە قالمىدى. ھەقىقەتنى، توغرىنى ھەر قەدەمدە، ھەر يەردە ئوچۇق بايان قىلايلى. مىڭ يىللاپ ياشاپ قېلىشقا ئىمكانىمىز بولمىغانكىن، توغرىنى سۆزلەپ، تىك تۇرۇپ ئۆلۈشنى شەرەپ بىلەيلى.
2017- 01-09
ئابدۇرەھىمجان

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …