پاسپورتسىز چەتئەلگە «ھىجرەت»كە چىققان ئۇيغۇر

2

 
ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار… (نۇر سۈرىسى 27-ئايەت)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئۇشبۇ يازمىدا پاسپورتسىز چەتئەلگە «ھىجرەت»كە چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بەزىلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ. كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى نەزەردە تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى شەخسلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمايدۇ. ئەمما ۋەقەلەر ھەممىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان رىئاللىقتىن ئىبارەت.
1-  «م…» ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا قايتا ئوقۇمىدىم. ساتراچچىلىققا شاگىرت بولۇپ ئىشلىدىم. تاپاۋىتىم يامان ئەمەس جان باققىلى بولاتتى. ئەل-ئاغىينىلەر بىر يەرگە كەلسەك ساپلا چەتئەل  پارىڭى، ئىچىمگە بىر ئوت چۈشتى. ئولتۇرسام قوپسام چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. توردىن چۈشۈرگەن «ھىجرەت تەسىراتلىرى» ناملىق بىر ئەسەر بۇ ئوتنى تېخىمۇ بەك يالقۇنلاتتى. بىزنىڭ يۇرتتىكى ئەرلەرنىڭ ساقال مەسىلىسى، روپاش ئاياللارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلار مېنىڭ ئەركىن دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈشىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. چەتئەلگە چىقسام، مەسىلەن: سەئۇدىيغا بېرىپ راھەت ياشىيالمىسام، ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇيالمىسام، ھېچبولمىغاندا ئافغانىستان، ئىراق ياكى سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلسام بەرىبىر جەننەتكە كىرىمەنغۇ! دېگەن ئارزۇ ئارمانلار مېنى تېزرەك تۇتۇش قىلىپ يول مېڭىشقا ئۈندەيتتى.
چەتئەلدىن تەكلىپنامە ئەكەلدۈرۈپ پاسپورت بىجىرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس! چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇققىنىم يوق. ئوقۇش ئۈچۈن يول ماڭسام، بۇ بەرىبىر ئالدامچىلىق بولىدۇ، چۈنكى مەن ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. قانداق قىلاي؟ بۇ جۇھۇت گۇيلار ماڭا ئەللىك مىڭ كويغىمۇ پاسپورت بىجىرىپ بەرمەيدۇ. پاسپورت بىجىرەتتىم دېگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭغا ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىغا بېرىپ سوكۇلداشقا يەنە نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت كېتىدۇ. بېيجىڭغا بېرىپ كىمگە يالۋۇرۇپ يۈرىمەن؟! ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئىزدىنىپ يۈرگىنىمدە مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، خۇددى بۇلۇتلۇق ئاسماندا نۇرلۇق قۇياشنى كۆرگەندەك كۆڭلۈم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى. كۆڭلۈمگە بەك يارايدىغان ئاسان ئامال تېپىلدى.
ئەللىك مىڭغا پاسپورت بىجىرمەيدىغان، نەچچە مىڭ خەجلەپ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىغا سوكۇلدىمايدىغان، بىراقلا چەتئەلگە چىققىلى بولىدىغان ئاسان ئامال ماڭا بەكلا خوش ياقتى. مېنى مالايسىياغا پاسپورتسىز ئاپىرىپ قويغۇچى كىشى ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس قىرىق مىڭ كوي پۇل تەلەپ قىلدى. ئويلاپ باقسام، بۇ ئانچە كۆپمۇ ئەمەسكەن. ئۇلارمۇ بۇ ئىشنى جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىدىكەن. ماقۇل بولدۇم، پۇلنى نەق تاپشۇردۇم.
بۇ پۇلنى نەدىن تاپقىنىمنى سورىمامسىلەر؟ ئاتا-ئانام بوۋىسدىن قېلىپ ماڭا ئايرىپ بەرگەن (مېنىڭ نامىمغا يەر خېتى بىلەن يازدۇرۇپ قويغان) ئۆينى ساتتىم. توغۇلغان ماكانىمغا قايتا كەلمەسلىككە ئاللىقاچان نىيەت قىلىپ بولغان ئىدىم. چۈنكى ئالدىمدا ئىككى يول بار: 1) ئەگەر چەتئەلدە تەلىيىم كېلىپ كاتتا باي بولۇپ كەتسەم، كەلگۈسىدە كېلىپ ئانا يۇرتۇمدا بىرەر ئۆي سېتىۋالسام بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، 2) ھىجرەت يولىدا جىھاد يولىدا ئۆلۈپ كەتسەم بەرىبىر جەننەتتە مېنى تېخىمۇ گۈزەل بىر ئۆي كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ شېرىن خىياللار ئىلكىدە مېنىڭ ئاتا-بوۋامدىن مىراس قېلىپ، رەسمىيىتىنى مېنىڭ نامىمغا ئۆتكۈزۈپ قويغان بىر قانچە ئېغىزلىق كونا ئۆيۈم كۆزۈمگە بەكلا ئاددى، كۆرۈمسىز كۆرۈندى. ئۆينى سېتىشقا ئالدىراپ، بەك باھا تالىشىپمۇ يۈرمەي بىر خەنزۇغا(خىتايغا) تېزلا ساتتىم. ئاڭلىسام بۇ خەنزۇ (خىتاي)مېنىڭ ئۆيۈمنى يىقىپ ئورنىغا توققۇز ئون قەۋەتلىك بىر بىنا سالارمىش. قانداق قىلسا قىلمامدۇ! مەن ئۇنىڭدىن يۈز يىگىرمە مىڭ كوينى نەق ئالغانغا خوش. نەچچە ئون يىل ئىگىرى يۇرتىمىزدىن قىيداپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەر ئاڭلىسام ھازىر چەتتە كاتتا داچا سارايلاردا ئولتۇرارمىش. خۇدايىم بويرىسا، ماڭىمۇ شۇنداق كۈنلەر نېسىپ بولسا ئەجەپ ئەمەس!
ئەلقىسسە، كېسەلچان ئاتا-ئانامنىڭ نارازىلىق ئارىلاشقان يالۋۇرۇشلىرىدىن ئىمكانقەدەر ئۆزەمنى قاچۇرۇپ، تەييارلىقلارنى پۈتتۈردۈم. پاسپورتسىز ئۇيغۇرلارنى چەتكە يولغا سالغۇچى كىشىگە قىرىق مىڭ كوينى ئالدىنئالا تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانام بىلەن خوشلاشتىم. ئۇلار بەرىبىر بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغانلار. بۇ دۇنيادا قايتا كۆرۈشەلمىسەك، ئاخىرەتتە جەننەتتە كۆرۈشەرمىز. ئۇلار مېنىڭ قەتئىي نىيىتىمنى كۆرۈپ، يىغلىغان ھالدا: «خۇدايىمغا ئامانەت بالام!» دېدى.
شۇنداق قىلىپ يۈننەنگە كەلدىم. بۇ يەردە بىر قانچە ئاي پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈشكە توغرا كەلدى. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىقكەن. مەسچىتلىرىمۇ زامانىۋى، كوچىدا مۇسۇلمان ئاياللار چىرايلىق ھىجاپلىنىپ مېڭىشىدىكەن.
پۇرسەت كەلگەن كۈنى يۈزگە يېقىن كىشى كېچىسى ئوغۇرلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ ۋېيتنامغا، ئاندىن تايلاندتىكى ئورمانلىققا كەلدۇق. بىزگە يول كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇر بولغان بىلەن، بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار ئاساسەن خەنزۇلار(خىتايلار) ئىكەن. بۇلار مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى كەسىپ قىلىپ تىجارەت قىلىدىغانلار ئىكەن. بىر كىشىنى چېگرىدىن پاسپورتسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىرىق مىڭ ئالغان بىلەن، بۇنىڭ بىر قانچە مىڭىنى ئادەم تونۇشتۇرغۇچى ئۇيغۇر ئالسا، بۇنىڭ يەنە بىر قانچە مىڭى خەنزۇ (خىتاي)شوپۇرغا،چېگرىدىكى قاراۋۇلغا پارا بېرىشكە، يول باشلىغۇچىغا، پايلاقچىغا… دېگەندەك بولۇپ، كۆپىنچە پۇل يەنە خەنزۇنىڭ(خىتاينىڭ) چۆنىتىكىگە كىرىدىكەن. بولۇپمۇ ھازىر بىزدە چەتئەل قىزغىنلىقى كۈنسايىن ئۆرلەپ كەتكەچكە، بۇ خىل تىجارەتتىن كېلىدىغان كىرىم، يەنى ئۇيغۇرلارنى چېگىرىدىن چىقىرىپ قويىدىغانلارنىڭ تاپاۋېتى ئالاھىدە ياخشى بۇلىۋېتىپتۇ. بۇ ئىشقا تەۋەككۈل قىلىپ قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاقىۋېتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارقىغا يېنىشقا بولمايتتى. ئولتۇرىدىغان ئۆيۈمنىمۇ سېتىپ بولدۇم. يۇرتقا قايتسام نەدە ئولتۇرىمەن؟! ئاتا-ئانامنىڭ تاپا-تەنىسى، دوست-دۈشمەننىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟! ئەمدى ماڭا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالدىغان قاراپ مېڭىشلا بار، ئارقىغا قايتىش قەتئىي يوق!!
كېچىسى قاراڭغۇدا ئورمانلىققا كەلگەندە شۇنچىلىك قورقتۇمكى، ئىمانىم مانچە گەز يۇقىرى ئۆرلىدى. «ئاللاھ، ئاللاھ!» دەپ چىن يۈرەكتىن زىكىر قىلىپ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولدۇم. مىڭ پۇشايمان قىلغىنىم بىلەنمۇ ئارقىغا قايتالمايتتىم. قولۇمدا پاسپورت يوق، يۈزدەك ھەمراھلار بىلەن ئورمانلىققا كەلدۇق. بۇ يەردىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەسۋىرلەشكە تاقىتىم يوق. خۇتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ چىققانلار بار، كېسەلمەن ئاغرىقچانلار بار. مۇشۇنداق چاغدا ۋەتەننىڭ قەدرى بەك بىلىنىدىكەن. لېكىن ئەمدى بۇ باسقۇچتا ئارقىغا قايتتۇق دېگەنلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
ئىشلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايۋاتاتتى. تىل بىلمەيمىز، يول بىلمەيمىز، ئىشىمىزنى قىلىدىغانلار قەدەمدە بىر پۇل ئالىدۇ. ناۋادا ۋېيتناملىق ئەسكەرلەرگە تۇتۇلۇپ قالساق، ئۇلار بىزنى ئۇدۇل جوڭگۇغا(خىتايغا) ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مۇشۇنداق ۋېيتنامدا تۇتۇلۇپ قېلىپ جوڭگۇغا (خىتايغا)قايتۇرۇلۇپ گۇاڭشىدىكى تۇرمىدا نەچچە ئاي سۇلاقتا يېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ۋېيتنامدا ساقچىغا سۆز ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلىپ، ئۆلۈكى مۇسۇلمان مازىرىغىمۇ دەپنە قىلىنماي قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى بىزگە ئېنىق. چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلار بىزنى قانداق قىينىسا، تۈرمىگە سۇلىسا، كەلگەن يېرىمىزگە قايتۇرسا، ئۇلارغا نىسبەتەن ھەممىسى يوللۇق، قانۇنلۇق. نەدىن كەلگەنلىكىمىز ئېنىقلانسا، كەلگەن يېرىمىزگە قايتۇرىدۇ. بىز شۇ يەردە ياشاشتىن جاق تۇيۇپ قېچىپ چىققانلار بولغاندىكىن، ئۆلسەكمۇ كەلگەن يېرىمىزنى ساقچىغا تىنمايمىز. يېتەكچىنىڭ بۇيرۇقىسىز قىمىر قىلمايمىز. ھازىرچە نىيەت تۈركىيەگە بېرىۋېلىش بولغاندىكىن، ئەگەر بىرەرسى سوراپ قالسا، بىز تۈركىيەلىك تۈرك دېيىشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇغلۇق. لېكىن بۇ يالغاننىڭمۇ ئۆمرى چاغلىق. چۈنكى ھەقىقىي تۈركىيەلىك تۈركتىن بىرسى كېلىپ گەپ سورىسا، دەردىمىزنى راۋان ئاڭلىتالىغۇدەك تۈركچە سەۋىيە ھېچبىرىمىزدە يوق. ۋېيتنامدىن مىڭبىر تەسلىكتە تايلاندتىكى ئورمانلىققا كېلىپ «ئوھ، خۇدايىمغا شۈكرى، بىر پەشتاق ئاتلىدۇق!» دېگەن بىلەن تايلاندتىن قاچان مالايسىياغا بېرىش، مالايسىيادىن تۈركىيەگە قاچان، قانداق بېرىش توغرىسىدىكى كونكرت پىلان بىزدە يوق. بىلىدىغىنىمىز پەقەت ئاخىرقى مەنزىل ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئورمانلىقتا قۇرت-قوڭغۇز، ھاشارەتلەرگە يەم بولغاچ خەۋەر كۆتۈش، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، كەلگۈسى مەۋھۇم.
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئارىمىزدىكى كېسەلچان، ئاغرىقچانلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقىلى تۇردى. يۇرتتىن ئېلىۋالغان سەپەر نانلىرى، ئۇزۇق-تۈلۈكلەر تۈگەشكە باشلىدى. بۇنداق چاغدا پۇلمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئۆيىنى، بار يۇقى ھەممە نەرسىسىنى سېتىپ چىققانلار ئەمدىلىكتە بۇ كېچىسى قاراڭغۇ ئورمانلىقتىن  تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇلنى ئايىماي سۇدەك خەجلەشكە باشلىدى. چىقىم دەسلەپتە ئۆتكۈزگەن قىرىق مىڭ كوي بىلەنلا تۈگىمىدى. جان تاتلىقكەن، ئىنسان جان ساقلاش ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىدىغان ئىشكەن.
بۇ يازمىنى ئوقۇغانلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن تايلاندتىكى ئورمانلىقتا ياشاش جەريانىدىكى پاجىئەلەر، بەدەنگە چىقىپ كەتكەن يېرىڭلىق قاپارتقۇ چىقان جاراھەتلەر، كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر، ئاچلىق، ئالدىنىپ چىققانغا قىلىنغان مىڭبىر پۇشايمان نادامەت… قاتارلىق قۇرلار قىسقارتىلدى. تۇققۇز ئايغا يېقىن تايلاند تۇرمىسىدە يېتىپ قىيىن قىستاققا قالغانلار ئۇيغۇر ئاياللار، قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان كامېردا يەتتە سەككىز ئاي يېتىش جەريانىدا بۆرىكى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان ئەرلەر توغرىسىدىكى بايانلارنى ھازىرچە سۆزلىمەيمەن. بۇلارنى مەن دېمىسەممۇ خەلقئارا خەۋەرلەردە چىقىپ بولدى. رفئېنىڭ خەۋىرىدىن ئۆزەڭلار ئوقۇۋېلىڭلار، تىلى ئۇيغۇرچە.
مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتتە تايلاندتىن مالايسىياغا ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن يەنە شۇ پۇل خەجلەپ يۈرۈپ تۈركىيەنىڭ ساختا پاسپورتىنى ياساتتۇق. بۇمۇ پۇلى بارلارغا نېسىپ بولدى. پۇلسىز بىچارىلەر، ئېغىر كېسەلچانلار يەنە شۇ بەزىلىرى ئورمانلىقتا، بەزىلىرى مۆكۈنۈپ يۈرگەن ئۆيلىرىدە يىغلىغان پېتى قالدى. قولىمىزغا تۈركىيە پاسپورتىنى ئالغان ئوتتۇز نەچچىمىز خۇشاللىقتا ئىلگىرىكى جاپايىمىزنى ئۇنۇتقان پېتى مالايسىيادىن ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا چىقتۇق. بىلەتنى قانداق ئالغانلىقىمىزنى سورىمامسىلەر؟ كۇئالالامپۇر بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئارىلىقى يېقىن ئەمەس، ئۇدۇل ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتى قىممەت بولغاچقا، يېتەكچىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يېنىمىزدىكى بارلىق پۇلىمىزنى چىقىرىپ كۇئالالامپۇردىن دۈبەيگە، دۈبەيدىن ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان بىلەت سېتىۋېلىندى. پۇلى يەتمىگەنلەر باشقىلاردىن قەرز ئالدى، نېمە كۈن كۆرسەك مەيلى، ئىشقىلىپ تۈركىيەگىلا بېرىۋالساقلا مۇرادىمىزغا يېتەتتۇق.
زارىقىپ كۈتكەن ئىستانبۇلغا ئاخىرى يېتىپ كەلدۇق. بىر يىلغا يېقىن ۋېيتنام، تايلاند، مالايسىيادا سەرسان بولۇپ تارتقان جاپا-مۇشەققەت ئەمدى ئاخىرلاشتى، ئوھ شۈكرى!
تۈركىيەدە
ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدا، تۈركچە ھاۋالىماندا پاسپورت تەكشۈرىدىغان يەردە تۇيۇقسىز ساقچىلار پاتپاراق بولۇپ، بىزنى قورشىۋالدى. ئوتتۇز بەشكە يېقىن ئۇيغۇرنى تۈرك ساقچىلار قۇپاللىق بىلەن سۇراق قىلغاچ تۇتۇپ بىر ئۆيگە سۇلاپ قويدى. ۋەتەندىكى چاغدا تەلپۈنگەن تۈركىيەدىكى بۇ تۈرك ساقچىلار كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتىكى، چېچىنى سېرىق بوياپ گىرىم قىلغان تۈرك ئايال ساقچىمۇ كۆزۈمگە بەئەينى ئالۋاستىدەك كۆرۈندى. بۇلار بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئەمەسمىدى؟! ئۇياقتىن قەدەم بېسىمىزغىلا نېمىشقا بىزگە بۇنچىۋىلا سوغۇق ھەم قۇپال مۇئامىلە قىلىدۇ؟! ئەر ساقچىنىڭ ئىتتىرىپ ئېلىپ مېڭىشلىرىچۇ تېخى!؟ ۋەتەندىكى چاغدا «تۈركلەر ئۇيغۇرغا ئانداق ئامراقەي، مۇنداق ئامراقەي!» دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرسەم، خەپ!
ئىشقىلىپ مەن بۇ يەرگە كېلىپلا ئايرۇپىلاندا قىلغان شېرىن خىيالنىڭ ھېچبىرىنى كۆرمىدىم. ساقچىلار قۇپاللىق بىلەن سىلكىشلەپ يۈرۈپ، بىزنى ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئۆيىگە سۇلاپ قويدى. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا شۇنداق يېقىن دەپ ئاڭلىغانتىم، ئەمما بۇلارنىڭ قۇپال ھۇمايغان چىرايىدىن، قول شىلتىپ ۋاقىراشلىرىدىن باشقا بىر نەرسە چۈشەنمىدىم. قېنى مەن ئارزۇ قىلغان ئىستانبۇلنىڭ كۆك ئاسمىنى؟! قېنى ئۇ ھەيۋەتلىك مەسچىتلەر؟ قېنى ئۇ مارمارا دېڭىزى ئۈستىدىكى ئاسما كۆۋرۈك؟! قېنى ئۇ كىنو فىلىملەردىكى رومانتىك سەھنىلەر؟! بۇ يەردە بىزنى كۈتىۋالغىنى جىنايەتچىگە قىلىنغان قۇپال ۋە سوغۇق مۇئامىلە، يىگىرمە كۈندەك قۇياش نۇرى كۆرمەي ئايرپىلان ئىستانسىدىكى ئۆيگە سۇلىنىپ، ھەر كۈنى سوراق قىلىنىپ تۇردۇق. بىزنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىشىمىز ئېغىر بىر جىنايەت ئىدى.
يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاندا ئارىمىزدىكى بىر ئايال سەكراتقا چۈشۈپ جان تالىشىپ قالدى. بۇ چاغدا بىر ئاز ئىنساپقا كەلگەن تۈرك ساقچى ئەمەلدارى بىزنىڭ ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدىكى سۇلاقخانا ئۆيىدىن چىقىپ سىرتتىكى سۇلاقخانىغا يۆتكىلىشىمىزگە، سەكراتتىكى ئايالنى دۇختۇرلارغا كۆرسىتىشكە ماقۇل بولدى. ئوھ، ئاللاھقا شۈكرى، ھەر ھالدا ئىستانبۇل ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدىلا جوڭگۇغا(خىتايغا) قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن بىر ئاز بولسىمۇ قۇتۇلدۇق، ماشىنىدا ماڭغاچ سىرتتىكى مەنزىرىلەرنى ئاز تۇلا كۆرگىلى، ئەركىن ئادەملەرنىڭ مېڭىش تۇرۇشىنى كۆرگىلى بولدى.
كېيىنكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۆزلىگۈم يوق. نامراتلىق، يوقسۇللۇق، بىچارىلىق! ۋەتەندە بولغان بولساممۇ بۇنچىلىق، ئۇرۇلۇپ قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرمەستىم.
بىزنى چەتئەلگە قىزىقتۇرغانلاردىن بەزىلەر ئىراققا بېرىپ «جھاھ» قىلىشقا ئۈندىدى، چۈنكى ماڭا ئوخشاش پاسپورتسىز كەلگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەدەك قىممەت دۆلەتتە ئىشسىزلىق ئېغىر دۆلەتتە ياشاش ئاسان ئەمەسمىش. بوپتۇ، شۇنداق قىلاي، بىراق بۇنى تۈركلەر ئوقۇپ قالسا قەتئىي بولماسمىش، چۈنكى پۇلات ئەلەمدارنىڭ كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ فىلمىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئىراق شام خەلىپىلىكىنىڭ ئەپتى بەشرىسى ئاشكارىلىنىپ، بەكلا ناچار كۆرسىتىلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان بولغاچقا، يىراقتىن تۈركىيەگە پاناھ تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراققا جىھادقا مېڭىۋاتقانلىقىنى تۈركلەر بىلىپ قالسا، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئۇيغۇرغا ياردەم قىلماسمىش. يەنە نۇرغۇن مىش-مىش….
ۋەتەندىكى چاغدا فىلىمدە كۆرگەن تۈركىيە مەن ھازىر كۆرگەن تۈركىيەگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمگە يۈزمىڭ شۈكرى، تايلاند ئورمانلىقىدىكى زەھەرلىك پاشىلاردىن قۇتۇلدۇم، دېمىق ئىسسىق مالايسىيادا مۆكۈپ ساقچىدىن قېچىپ يۈرۈشتىن قۇتۇلدۇم. ئايالى ۋە بالىلىرى باشقا تۈرمىدە، ئۆزى باشقا تۈرمىدە يېتىپ بۆرىكى، ئىچكى ئەزالىرى ئاللىقاچان كاردىن چىقىپ نىمجان ھالەتتە ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا قارىغاندا مېنىڭ ئەھۋالىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس. قولۇمدا كىملىك ياكى پاسپورت بولمىغاچقا بۇ يەردە ئىشلىرىم راۋان بولمىغان، يانچۇقتا پۇل يوق بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق يۈرىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما مەندە پەرزەنت دەردى، خۇتۇن بالاۋاقا بىلەن جەم بولۇش دەردى يوق، يەر ئاستى مەسچىتتە ۋاقىتلىق تۇرالغۇدا ھەر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ياتقىلى بولىدۇ، تايلاندتا تۈرمىدە داق سىمۇنىت يەردە ئايلارچە يېتىپ كەتكەنلەرگە قارىغاندا گىلەم ئۈستىدە يېتىش تولىمۇ ھۇزۇرلۇق ئىش. بۇنى ۋەتەندىكى ئۆيىمىزدە كۆرپىدە يېتىش بىلەن سېلىشتۇرۇپ مېنىڭ قەلىب يارامغا تۇز سەپمەڭلا! گېپىم تۈگىدى.  
ساخاۋەتچى تۈرك ئاڭلىغان گەپلەر
ئاتمىش نەچچە ياشلىق بىر تۈرك تىجارەتچى مالايسىيادا تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۇلارغا قاتتىق ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش كۇيىغا چۈشتى. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرمىسا، ئۇلارنىڭ كېسەل ئازاۋىدا قىينىلىپ ئۆلۈشىگە سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئىمانى بار مۇسۇلماننىڭ بۇنىڭغا تاقىتى بارمۇ؟!
ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈزدەك ئۇيغۇرنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەلدى. ئەمدى بۇلارغا جىددى ھالدا يېمەك-ئىچمەك، دورا ۋە ياتىدىغان يەر تاپمىسا بولمايتتى. تۈركىيەدە ھازىر سۈرىيەدىن كەلگەن بىر مىليوندىن كۆپ مۇساپىر، ئىراقتىن  كەلگەن نەچچە يۈزمىڭ مۇساپىر، سۇمالىدىن، مىسىردىن، ئافرىقىدىن كەلگەن نەچچە يۈزمىڭ مۇساپىر بولغاچقا، بۇلارغا ھەر كۈنى ئىئانە ياردەم توپلاش ئۈزۈلمەيدىغان بولغاچقا، يەرلىك تۈركلەرمۇ خېلى بىزار بولۇپ كەتكەن ئىدى. ياردەم تىلەپ بارغان يەرلەردىن ئوننىڭ بىرىدىن ماقۇل جاۋاپ چىقسا، توققۇزى «كەچۈرۈڭ، ھازىرچە ئارتۇق پۇل يوق» دەپ قۇرۇق قول ياندۇراتتى.
سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ قاتارلىق يەرلەردىكى ئۇيغۇرلار كۈچى يەتكەنلىرى بۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىنىڭ ئون، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك ئېھتىياجىغا ياردەم قىلالىغان بىلەن، بۇلارمۇ ئاران ئاران كۈنىنى ئېلىۋاتقانلار بولغاچقا، كۈنسىرى كېلىۋاتقان بۇ پاسپورتسىز، پۇلسىز قېرىنداشلىرىغا داۋاملىق ياردەم قىلىشقا قۇربى يەتمەي، تۈرك دەرنەك، ۋەقىپلەرنىڭ ئادرېسىنى بېرىپ يولغا سېلىپ قويۇشاتتى.
ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچى تۈرك بىر كۈنى بىر ۋەقىپكە بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان دىندار تۈرك مۇنداق دېدى:
       مەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم تۈركۈم بولۇپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشىنى قوللىمايمەن. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋەتىنىدە چىڭ تۇرۇپ، زېمىنىنى تۇتۇپ ياشىمىسا بولمايدۇ. ئۇ زېمىننى ياتلارغا تارتقۇزۇپ قويسا بولمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلۇپ، بولغارىيە (بۇلغارىستان) مۇستەقىل بولغان يىللاردا ئۇ يەردىن بەش يۈز مىڭ ئەتراپىدا تۈرك تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. دۆلەت ھازىر شۇلارنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىپ بەكلا خاتا قىلغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. بۇلغارىيەنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى بەش مىليۇن. ئەرلىرى ھاراق ئىچىپ يۈرىدۇ، نۇپۇسى كۆپەيمەي ئازلاۋاتقان بىر دۆلەت. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا بەش يۈز مىڭ تۈرك ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەتمەي چىڭ تۇرۇپ ياشىغان بولسا، كۈنىمىزدە ئۇلارنىڭ سانى ئىككى مىليۇندىن ئاشقان ۋە بۇلغارىيە بىر تۈرك يۇرتى بولغان بولاتتى. ئەپسۇس، بىز ئۇ يەرنى تۈرك يۇرتى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرالمىدۇق، تۈركلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ خاتا قىلدۇق. يەنە غەربىي تىراكيا (گېرىتسىيەدىكى تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەر)دىكى تۈركلەرنىڭمۇ تۈركىيەگە كېلىشىنى ھازىر ھۆكۈمەت چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. تۈركلەر ئۆزى تۇغۇلغان زېمىننى چىڭ تۇتۇپ، ياتلارغا تارتقۇزۇپ قويماي ياشىغاندا ئاندىن توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ.
       توغرا دېدىڭىز. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن بىچارە ھالەتتە، بۇلارغا ياردەم قىلمىسىڭىز ئاچلىق، كېسەل ۋە يوقسۇزلۇقتا ئۆلۈشىگە سۈكۈت قىلسىڭىز بولىدۇ. باشقا ئامال يوق.
       بولىدۇ، مەن پەقەت بىر قېتىم ئازىراق ياردەم قىلاي. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پاسپورتسىز كېلىدىغانلارنى چەكلىمىسەك، ھەم بۇلارغا ئۇۋال بولىدۇ ھەمدە بۇنداق ئېقىپ كېلىشنى توختىتىپ بولالمايمىز.
       شۇنداق قىلىش كېرەك. لېكىن ھازىر مالايسىيادا بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ ياتىدۇ. ئۇلارنىڭ پاسپورتى يوق. ئىنتايىن بىچارە ھالەتتە. جوڭگۇغا (خىتايغا)قايتۇرۇلسا ئۇدۇل تۇرمىغا بارىدۇ، شۇڭا قايتىشنى خالىمايدۇ.
       سىز بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ چېگرىدا قاراۋۇل يوقمۇ؟ بۇلارغا قەستەن يۇچۇق ئېچىپ بېرىپ، بارسا كەلمەس يولغا سېلىپ قويغانلار يوقمىدۇ؟ مېنىڭچە بۇلارنى ئۆز يۇرتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىۋاتقان كۈچلۈك بىر قارا قول بار. پاسپورت بىلەن چىققانلار خالىسا قايتىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما پاسپورتسىز چىققانلار ۋەتىنىدىن مەڭگۈگە  ئادا جۇدا بولىدۇ.
       شۇنداق، مەنمۇ ئۇ ئۇيغۇرلار ئالدىنىپ چىققان بىچارىلەركەن دەپ بىلگەچكە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ ياردەم قىلىۋاتىمەن. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىۋاتىدۇ.
       جىھادنى قايسى دۈشمەن بىلەن نەدە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىراق، سۈرىيەدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىمۇ؟ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ياشاش، جان بېقىش، ئۇنىڭدىن ئاشقاندا باشقا ئىشلار.
       بۇلارنى بۇ يەردە تارتىشمايلى. بۇلار يۇرتىمىزغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلار، ياردەم قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز.
       توغرا دېدىڭىز. لېكىن بىر مۇسۇلمان ئالدىراپ ئۆزىنى خەتەرگە تاشلىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە رىئايە قىلمىغان مۇسۇلمان بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا مەككىدىن مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەتكە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، ھەبەشىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەردە بىخەتەر ياشىشىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۆزى ئەڭ ئاخىرىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدىغان چاغدىمۇ 2-ئەقەبە بەيئىتىدە مەدىندىن كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنى قوغداش ھەققىدە ۋەدىنامە، كاپالەتنامە ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ھىجرەت يولىغا قەدەم تاشلىدى. ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلغان ئۇيغۇرلار ۋېيتنام، تايلاند، مالايسىيادىن شۇنداق ۋەدىنامە ئاپتىمۇ؟ قېنى قايسى بىرى ئۇنىڭغا كەلسىڭىز بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز دەپتۇ؟ چېگىرىدىن قېچىپ چىققانلارنىڭ ھىجرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە، بىخەتەرلىك تەدبىرىگە ماس كېلەمدۇ؟
       شۇنداق، دېگەنلىرىڭىز ھەممىسى توغرا. ئەمما ھازىر بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، يا بۇلارنىڭ ئاچلىق ۋە كېسەلدە ئۆلۈشىگە قاراپ تۇرساق بولىدۇ، ياكى قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلساق بولىدۇ.
       ماقۇل، مەن بىر قېتىم ئازىراق ياردەم قىلاي. لېكىن ئەمدى يول مېڭىپ مۇشۇ قانۇنسىز كېلىدىغانلارنىڭ يولىنى ئېتىشكە كۈچەيمەن.
       بولىدۇ، شۇنداق قىلىڭ.
…………………………………………
ساخاۋەتچى تۈرك سافاكۆيدە بىر ئېغىز ئۆيدە يىگىرمە نەچچە كىشى يېتىۋاتقان، دۇختۇرخانا ئالدىدا ئەللىك ئاتمىش ئۇيغۇر قاتار ئۈچرەتتە تۇرۇپ پۇلسىزلىقتىن داۋالىنالماي قالغان ئاچ-يالىڭاچلارنى كۆرگىنىدە يەنە چىدىماي شەخسى دۇختۇرلارنى ئىزدىدى، تىرىشتى، تىرىشتى…

http://meripet.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=876

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …