ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاتالغۇسىنىڭ سىياسى ئارقا كۆرىنىشى

IMG-20150702-WA0018
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركىزى مىيونخېندىكى مۇستەقىل كارخانىچىلار ئىپتار سۆھبىتىگە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەسمى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئىپتار ئەھلى بىلەن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىپتارغا قاتناشقان ئالاھىدە ۋەكىلى ئىجرائىيە كومىتىت رەئىسى ئالىمجان مەمەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرىستان بىلەن شەرقى تۈركىستانچىلىق ئۈستىدە قىزغىن ئىلمى سۆھبەتلەر بولغان.

IMG-20150703-WA0004

سائادەت پارتىيىسى مىيونخېن شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇسەمەت تەمەل ئەپەندى ئۇيغۇرىستان دىگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىپادىلەشتە سىياسىۋىلىگى،ئېتنىۋىلىگى،جەھەتتە توغرا تاللانغان ئىسىم ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

IMG-20150702-WA0015
مۇستەقىل كارخانىچىلار تەشكىلاتى مىيونخېن شۆبىسىنىڭ رەئىسى سالىم شاھىن ئۈزىنىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى سودا تىجارەت جەريانىدا ئۇچراتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىنى تۈركىستانلىق مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلىغىنى،بۇنى سىياسى جەھەتتە چۈشۈنەلمەي قىينالغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

IMG-20150703-WA0002(1)
ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سائىت يۈكسەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىنى ئۇيغۇرىستانلىق دەپ ئاتىسا ھەم ئۇيغۇر ئىكەنلىگى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دەپ ئالاھىدە ئاتىمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىگى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە باشقا دىنغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنىڭ يوقلىغى،شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ كەينىگە مۇسۇلمان دىگەن سۆزنى قوشۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتاشنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى بىر دىنى پۈتۈنلىكتىن پارچىلاپ باشقا دىنى ئېقىملارنى كىرگۈزۈش،پەيدا قىلىش سۈيىقەستى ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

IMG-20150703-WA0003

ئاخىرىدا ئالىمجان مەمەتگە بېرىلگەن 5 مىنۇتلۇق سۆز پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى قاتتىق پاش قىلدى

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …