گېرمانىيەدىكى ئىپتارلىق

Untitled-1

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى 29-ئىيۇن ئىپتار سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى.ئىپتار سۆھبىتى توغرىسىدا توختالغان ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن  تۆۋەندىكىدەك 3 نۇقتا بويىچە ئىزاھات بەردى.
1.بۇ يىل رامىزان ئېيىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرىستاننىڭ گۇما ناھىيەسى شۇنداقلا قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە شەھىد قىلىنغان،ھەمدە ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەققىلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ شەھىد بولغان مۇستەققىللىق جەڭچىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇران تىلاۋەت قىلىش ئىكەنلىگى
2. 2012-يىلى مىيونخېن شەھرىدە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا قارشى ئىمزا توپلاش جەريانىدا،ئازدۇرۇلۇپ ،قايمۇقتۇرۇلۇپ قول قويدۇرۇلغان بىگۇناھ ۋەتەنداشلارغا قارىتا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان سىياسى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىگى
3. 2010-يىل يىل بېشىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ،تەشكىلات تور بېتىدە،شۇنداقلا سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ شەخسى بلوگلىرىدا.ھەمدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئاسىيانى دېمۇكىراتىيەلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەركىن ئاسىئا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان دىني تەشۋىقاتلارنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن داۋاسىنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇق دەۋاسىنىڭ بىر تۈرى بولغان دىني ئەركىنلىكنى قوغداش دەۋاسىغا ئايلىنىۋاتقانلىغى بۇخىل يەككە يۆنۈلۈشلۈك دەۋانىڭ ۋەتەننى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرىشقا ئىجابى تەسىر ئېلىپ كەلمەيدىغانلىغىنى ئەسكەرتتى. ھەمدە ۋەتەن دەۋاسىنىڭ ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈزىل-كەسىل مۇستەققىللىغىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا،دۆلەت قۇرۇش دەۋاسىغا تېخىمۇ ئېنىغىنى قىلىپ ئېيتقاندا دۆلەت دەۋاسىغا يۆنەلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى

Unbenannt-1

ئىپتاردىن ئىلگىركى سۆھبەت داۋامىدا مەمتىمىن قارىھاجىم ئۇيغۇرىستان شەھىدلىرىگە ئاتاپ قۇران تىلاۋەت قىلدى.

IMG-20150629-WA0004

IMG-20150629-WA0005

ئىپتارلىق سۆھبەتتە ئىجرائىيە كومىئېت مۇدىرى ئالىمجان مەمەت رامىزاننىڭ خاسىيىتى ۋە توپلۇشۇپ ئىپتار قىلىشنىڭ ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …