ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا (2)

 

index

دوكتور مەمتىمىن ئەلا

 

  1.        «ئازادلىق» ھەققىدىكى نەيرەڭۋازلىقلار

 

نەيرەڭۋازلىق ئارقىلىق يەڭگىلى بولىدىغانغا ھەرگىز كۈچ ئىشلەتكۈچى بولما.

نىككولو ماكياۋېللى، «شاھزادە»

 

 

نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسىنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمى مېڭىنى يۇيۇش ياكى كونترول قىلىشتۇر. مېڭە يۇيۇش ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ساختا ئۇچۇر بىلەن ئۈلۈكسىز غىدىقلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇرمىلاپ ۋە ھەتتا ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي يات، يېڭى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قارىشى بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان قاراشنى قۇبۇل قىلغۇزۇشقا قىزىقتۇرۇشتىن (ياكى زورلاشتىن) ئىبارەت ئىدىيە ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. مېڭە يۇيۇش ئادەتتە بەدەننىڭ زەخملەندۈرۈلۈشى ياكى قىيىن قىستاققا ئېلىنىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇر جەريانىنى ئۆگەرتىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇنى يېتەكلىگىلى بولىدىغان يۆنىلىشكە سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا پاكىت فانتازىيە ياكى خام خىيال ئارقىلىق بۇرمىلىنىدۇ: ياكى  ئالدىنئالا تەييارلانغان ساختا قۇرۇلما ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن دەسسىتىلىدۇ ياكى رېئاللىقنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى كۆپ قېتىملىق قايتا-قايتا ئورۇن يۆتكىلىش جەريانىدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدۇر. بۇ 1949-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ قانداق قىلىپ تاجاۋۇزچىلىق ئەمەلىيىتىنى «ئازادلىق» ئۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۆتكىيەلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

1949-يىلى خىتايلار 2 مىڭ يىللاردىن بېرى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن مۇنۇ چۈشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇردى: غەربىي يۇرتنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ قەدىمقى ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل بوي سۇندۇرۇش. بۇ يىل خىتايلارنى 2 مىڭ يىللار ئىلگىرى توختاۋسىز ساراسىمىگە سالغان ۋە بۇ ۋەجىدىن ئۇلارنى دۇنياغا مەشھۇر «سەددىچىن سېپىلى » نى قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان قەدىمقى «ياۋايى» ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇرلار ئاخىرى مۇنقەرز قىلىندى. ھازىرقى موڭغولىيىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، خىتايلارنى تا ھازىرغىچە پەخىرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان تاڭ سۇلالىسىنىڭ كىبىرىنى ھەربىي ئىسكەنجىلەر ئارقىلىق يەرگە ئۇرالىغان، ئۇنى ئالدىغا تەزىمگە كەلتۈرەلىگەن ۋە سېلىق تۆلەشكە مەجبۇرلىيالىغان ئۇيغۇرلار ئاخىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرىنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىندى. 840-يىلى موڭغولىيىدىن ئۆزلىرىنىڭ تارىم ۋادىلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى پاناھ تارتىپ كېلىپ، قاراخانىلار خانلىقى، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتى، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت مۇستەقىل خانلىقلارنى ۋە دۆلەتلەرنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كۇلتۇرال كىملىكى جىددىي كرىزىسكە دۇچار بولدى. خىتاينىڭ تارىخىي چۈشىنىشىدىكى غەربىي دىياردىكى سىرلىق، ياۋايى ۋە تىنجىماس ئۇيغۈرلار ئاخىرى ئەل قىلىندى.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ھېچقانداق بىر يىل 1949-يىلىغا ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇ يىلدا ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى، كىملىكى كرىزىسكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادىي ئاساسى تامامەن تالان-تاراج قىلىنىش خەۋپىگە چۈشۈپ قالدى، كۇلتۇرى ھايات-ماماتلىق ئېغىر خىرىسنى كۈتىۋالدى. 1949-يىلى خىتايلارنىڭ تىنجىماس غەربىي يۇرتنى بوي سۇندۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەتىنىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ باشلىنىشى بولدى.  رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتناشقان «بۈيۈك ئويۇن» شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا سوۋغات قىلىنىشى بىلەن ئاياقلاشتى. چوڭقۇر ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشقا پاتقان شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلىنمايلا ئەل قىلىندى.

1949-يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىق  خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشى» دەپ تەرىپلەندى. بۇ يەردە دىققەتنى تارتارلىق نۇقتا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ، ئوپئوچۇق تاجاۋۇزچىلىقنى ئۇيغۇرلارغا «ئازادلىق»  دەپ چۈشەندۈرەلىگەنلىكىدۇر: خىتايلار قانداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا 1949  -يىلى مۇستەقىل بىر جۇمھۇرىيەتنى ۋەيران قىلغان  مۇشۇنداق تاجاۋۇزچىلىقنى ماھىيىتى پۈتۈنلەي  بۇرمىلانغان شەكىلدە قوبۇل قىلغۇزالىدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدىكى كوللېكتىپ ئەسلىمىسى قانداق قىلىپ بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى «ئازادلىققا ئېرىشىش» دەپ چۈشىنىشكە يول قويالىدى؟ ئۇيغۇرلار نېمىدىن ۋە كىمدىن قانداق «ئازاد» قىلىندى؟ دەرھەقكى، سوئاللىرىمىزنىڭ جاۋابى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇنى تا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن تارىخىي پاكىتلار رامكىسى ئىچىگە قويغان ۋاقتىمىزدا، بۇ سوئاللىرىمىزنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. ھالبۇكى، بىز ماقالىمىزدا ئۇشبۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تارىخىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئىزدەيمىز.

ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئىدېئولوگىيىلىك كۈرەش ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان شارائىتقا شاھىد بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى بىر- بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان كوممۇنىزم، پان تۈركچىلىك ۋە ئىسلامىزم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر توقۇنۇشنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئۇشبۇ ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ ساھىبلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك بىر-بىرىگە قارشى تۇرىدىغان سىياسىي لاگېرلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ مەسلەكلەرنىڭ ئىچىدە كوممۇنىزم ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تاللىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، كوممۇنىزم ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ 2-جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق  سىياسىي پائالىيەتلىرىگە مەيلى ئاشكارا مەيلى يوشۇرۇن بولسۇن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى ۋە ھەتتا ئۇنى كونترول قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق بولدى.  كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈپ يېتەكچى مەسلىكى قىلىپ كەلگەن سوۋېت  ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ سوتسىيالىستىك ئىمپېرىيە شەرقىي تۈركىستانغا ئەخمەتجان قاسىمىغا ئوخشاش نۇرغۇن زىيالىيلارنى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر بىلەن ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭلا ئۇلارنى نىجادلىققا ئېرىشتۈرىدىغان بىردىنبىر ئىشەنجلىك مەسلەك ئىكەنلىكىنى تارقىتىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى فاشىزم ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسى كوممۇنىزمنىڭ دۇنياۋى غەلىبىسى ۋە ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنىڭ ھەقىقىي ۋە توسۇۋالغۇسىز يۈزلىنىشى سۈپىتىدە چۈشىنىلدى. دەل مانا مۇشۇ كوممۇنىزم ئىدىيىسى ئىنسانلارنى—بولۇپمۇ خۇددى لېنىن ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك—پارلاق كېلەچەككە يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇلارنى ئازاد قىلىدىغان ئەڭ ئاداققى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەسلەك سۈپىتىدە كۆككە كۆتۈرۈلدى. يەر يۈزىدە ئېزىش-ئېزىلىشنى يوق قىلىشنى كۆزلەيدۇ دەپ قارالغان ئۇشبۇ ئىدېئولوگىيە ئىنتايىن تېزدىن مىللىي ئازادلىق ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ماياكىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، جۇغراپىيىۋى يېقىنلىق سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كۇلتۇرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە 1920-يىللاردىن تارتىپ كۈچلۈك تەرىزدە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى.

1945-يىلى غۇلجىدا ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلق ئىنقىلاۋى پارتىيىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئۇلارنىڭ تۈپكى سىياسىي چاقىرىقى ئۇيغۇرلارنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىش بولدى. ئۇيغۇرلارنى «ئازاد قىلىش» ئۇلار تەرىپىدىن خىتايدىن ئىبارەت بىر يات مىللەتنىڭ–مەيلى بۇ مىللەت كوممۇنىزمغا ياكى سەنمېنجۇيى ئاساسىدىكى پىرقىچىلىككە ئىشەنسۇن–زۇلمىدىن ئەمەس، بەلكى كومىنداڭ ھاكىمىيىتىدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئارقىلىق «ئازاد» قىلىش دەپ تەشۋىق قىلىدى. ئۇلار سوتسىيالىستىك مىللەت نەزەرىيىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىسى بار، تارىخىي ۋە ھايات-ماماتلىق مىللىي زىددىيەتنى ئاتالمىش ئەزگۈچى ھاكىمىيەت (گومىنداڭ) بىلەن ئېزىلگۈچى خەلق (شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر) ئوتتۇرۇسىدىكى ئىگىسىز، ماھىيەتسىز ۋە تارىخسىز زىددىيەتكە يۆتكىۋەتتى. بۇ ئۇيغۇر سىياسىي رېئاللىقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىشى بولدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىمدىن كىمنىڭ «ئازاد» قىلىدىغانلىقىغا قىزىقماستىن، بەلكى نېمىدىن قانداق ئازاد قىلىنىدىغانلىقىغا قىزىقتى. كېيىنچە،  مانا مۇشۇ تەپەككۈر يولى بىلەن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كوممۇنىزمغا ئىشىنىدىغان خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنى پىرقىچىلىككە ئىشىنىدىغان خىتايلاردىن–جۈملىدىن ئۇنىڭ «ئەكسىيەتچى» ھاكىمىيىتىدىن—ئازاد قىلىدىغانلىقىغا بەكلا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەتمىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر كومۇنىستلىرى ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ قورغان مابا مۇشۇ ھالقىلىق ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى «ئازاد قىلىش» نى 1949-يىلىنىڭ ئالدى-گەينىدە قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ئۈزۈلكېسىل  ئېلىپ بېرىشقا ئۆتتى.

نەتىجىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېقىنلىشىشى ۋە ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتتىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىدا ئۇنچە چوڭ ئەندىشە قوزغىمىدى. چۈنكى، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىيونلار، كوممۇنىزمنىڭ ۋەدىسىگە ئاللىبۇرۇن خېلىلا چوڭقۇر ئىشەنگەنىدى.

بۇ ئىشىنىشنى يەنىلا كەلگۈسىدىكى بەخت-سائادەتلىك ھاياتقا بولغان ئوتوپىيىلىك كوللېكتىپ تەلپۈنۈشتىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئوتوپىيە قەدىمكى گرېك تىلىغا كۆرە، «ياخشى ماكان» ۋە «مەۋجۇت بولمىغان ماكان» دىن ئىبارەت بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدىغان ئىككى تەركىبتىن تۈزۈلگەن. شۇ سەۋەب، ئۇشبۇ ئاتالغۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولمىغان ئەمما كەلگۈسىدە ئىشقا ئېشىشى ئارزۇ قىلىنغان ئىدېئال جەمئىيەتنى تەبىرلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئوتوپىيە بىر خىل كوللېكتىپ ئىشىنىش  شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشتەك ئالىي مەقسەتنى كۆزلەيدۇ. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ، خۇددى ماركسنىڭ كوممۇنىزم ئىدىيىسىدە ئەكس ئەتكىنىدەك، شەخسىيەتنى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بوي سۇندۇرۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ياخشىلىقنى ئىنساننىڭ يۈكسىلىشىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئۇنىڭ شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئىنساننى ئەمگەكنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىش (يەنى ئەمگەكنى زۆرۈرىيەت شەكلىدىن ئەركىنلىك شەكلىگە كۆتۈرۈش) ۋە  يۇقىرى دەرىجىدە ئىنستىتۇتلاشتۇرۇلغان (ئۇيۇشتۇرۇلغان)  جامائە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك مۇھىم كۈنتەرتىپلىرى بار.

ئوتوپىيە پىسخىكىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «مۇمكىن بولمىغان ماكان» نىڭ مۇمكىن بولۇشى ھەققىدىكى بىر خىل قىياس—تېخىمۇ توغرىسى، بىر خىل فانتازىيىدۇر. ئۇ شەخسنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ ئۆتمۈش ھەققىدىكى مۇئەييەن ئارزۇ-ئىستىكىنىڭ ھازىرنىڭ چەكلىمىسى ئارقىلىق قاندۇرۇلماسلىقىنى كەلگۈسىدە قاندۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ۋەدە بىلەن تەمىنلەيدۇ.  شۇڭلاشقا، ئوتوپىيە ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ھازىرنىڭ تەسىراتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە كەلگۈسى ھەققىدىكى قىياسقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. ئۆتمۈش (ئەسلىمە)، ھازىر (تەسىرات) ۋە كەلگۈسى (قىياس ۋە خام خىيال) فانتازىيە قىلىش يولى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ.

1930-يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار، خۇددى باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش، ئوتوپىيىلىك قىياس ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رېئاللىقىدىن ھالقىشقا بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلىدى—بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مايىللىقى خېلىلا كۈچلۈك بولدى.  ئاۋۋال رۇسىيىدە غەلىبە قىلىپ، ئاندىن باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا تارقالغان—جۈملىدىن خىتايغا تارقالغان—سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب چۈشەنجىسى ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئوتوپىيىلىك مەنزىلگە يېتىشتىكى ئەڭ ئىشەنجلىك يولدەك بىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى دەل مانا مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رېئال مەسىلىلىرىگە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئارقىلىق جاۋاب تاپماقچى بولدى.

كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ «خەلقئارالىق بىرلىكسەپ» (ئىنتېرناسىئونالىزم) قۇرۇش نىشانى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە رەھبەرلىكىنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىدى. «خەلقئارالىق بىرلىكسەپ» ۋە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ پىسخىكىسىدا شۇنداق بىر قاراشنى تىكلىيەلەيتتىكى، ئۇيغۇرلار ئەمدى كىشىنىڭ ئېسىگە كىرىپ چىقماس تەكلىماكان بويلىرىدا دۇنيادىن ئايرىلغان ھالدا يەككە-يېگانە ياشىماستىن، بەلكى دۇنياۋى كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ھەم تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنالايتتى. ئۆزىنىڭ سىياسىي كىملىكى غۇۋا ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بۇ ئەزالىق ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز سىياسىي كۇلتۇرىدىكى ئېنىقسىزلىقنى يوقىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەشنى مەقسەت قىلىدىغان كوممۇنىزم ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنالايتتى—ئۇلار ئېنىق سىياسىي كىملىككە ئىگە بولالايتتى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى كوممۇنىزمدىن ئىبارەت خام خىيالغا ئىنتىلىۋاتقان بۇ زېمىنغا بېسىپ كىرىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى ئاساسەن قىلىپ بولدى. 1949-يىلى خىتاي گېنېرالى پېڭ دېخۈەينىڭ قوشۇنلىرى «ئازادلىق ئارمىيە» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا رەسمىي باستۇرۇپ كىردى. مەيلى زورلانسۇن-زورلانمىسۇن، ئۇيغۇرلار پېڭنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۈرۈمچىدە ناخشا-مۇزىكا بىلەن قارشى ئالدى. 1933-ۋە 1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى شادلىققا تولغان ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن كۈتىۋالغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىمۇ ئوخشاشلا ناخشا-مۇزىكا بىلەن كۈتىۋالدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارغا خۇددى مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزگىلى يىراق جايدىن رىيازەت چېكىپ كەلگەندەك دەبدەبە بىلەن ئۈرۈمچىگە كىردى. ئۇلارنىڭ ئەگەلگەن ئۇچۇرى گەرچە ئاتالمىش «ئورتاق گۈللىنىش» نى قوللايدىغان سېكۇلار (دىندىن خالىي) كوممۇنىزم ئىدىيىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خۇددى بىرەر ئالەمشۇمۇل (دىنىي) ھەقىقەتنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزمەكچى بولغاندەك تەسىراتنى ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ تەسىراتىدا پەيدا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقاتلىرى، يوشۇرۇن سىڭىپ كىرىشى، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى خىتايلارنى ئىنتايىن تېزلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن تەشۋىقاتىنىڭ يادرولۇق قىسمى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوزلىرى ئوتتۇرىسىدا دېئالىكتېكىلىق باغلىنىشقا ئىگە رول مودېللىق ئەندىزىنى گاھى ئاشكارا ۋە گاھى يوشۇرۇن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قۇيۇش بولدى. ئۇشبۇ مودېلدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت مۇستەقىل بىر دۆلەتنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئاكتىپ رولى ئاستا-ئاستا پاسسىپ رولغا ئالماشتۇرۇلۇپ تەسەۋۋۇر قىلىندى. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنىڭ نامى بولغان شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، ئۇنىڭ سىياسىي مەنىسى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» غا تارايتىلدى. ئۆز-ئۆزىگە خوجا ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىي دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كېڭىيىشىدە ئۇنىڭ بىر قىسمى قىلىپ قوشۇۋېلىندى. خىتايلار كوممۇنىزمدىن خەۋەر بەرگۈچى، گومىنداڭنىڭ فاشىستىك ھاكىمىيىتىدىن قۇتقۇزغۇچى، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى «ئورتاق» بەرپا قىلغۇچى، خەلقئارالىق ئىنتېرناسىئونالىزمنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەزالىرىنىڭ بىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلغۇچى ۋە گۈللەندۈرگۈچى مىللەتلىك رولىنى ئالسا، ئۇيغۇرلار كوممۇنىزم خەۋىرىنى قوبۇل قىلغۇچى، فېئوداللىق جەمئىيەتتە توختاپ قالغۇچى، خەلقئارادا نامى يوق ئەمما گومىنداڭ ھاكىمىيىتىدىن ئازاد قىلىنىپ گۈللىنىشكە موھتاج مىللەتلىك رولىنى ئالدى.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە تېڭىلغان رول ئۆزگىرىشىنىڭ—تېخىمۇ توغرىسى بۇرمىلىنىشىنىڭ– ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى ۋە سۇيىقەستنى دەماللىققا سېزەلمىدى. رول ئالمىشىش، ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنى—مەيلى ئۇلار ئېتىراپ قىلسۇن-قىلمىسۇن—خىتايلارنىڭ ئالدىدا بىر مەغلۇبىيەتچى قىلىپ ياساپ چىقتى. خىتايلارنىڭ «چوڭ ئاكىلىق» رولى تېزلا تىكلەندى. خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىرادىسىنى ئاساس قىلىدىغان يېڭى رولى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى پاسسىپ قوبۇل قىلىشتەك يېڭى رولى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئوبرازى كۈچلۈك ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قەلبىدىن ۋە مېڭىسىدىن ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى ئاچقۇچلۇق قەدىمىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. ئۇزۇن يىللىق نەيرەڭۋازلىقلار بۇ ئىككى رولنىڭ ئالمىشىشى ۋە مۇقىملىشىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى رولى ئۇلارنى ھۆكۈمران ۋە ھۆر مىللەتلىك ئورنىدىن پاسسىپ ۋە بېقىنغۇچى مىللەتلىك ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ خىل پاسسىپلىق ۋە بېقىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىگە ئەجەللىك زەربە بەردى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رېئاللىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي يېڭى ۋە سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ئىنستىتۇتلاشتۇرۇلغان—مەركەزلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان—مۇھىتتا ياشاشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ھەربىيلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىش-قۇر قىسىملىرى  تەرىپىدىن ئىچكى-تاشقى جەھەتتە قورشالغان ياشاش بوشلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقنىڭ بوشلۇقى—ياكى ياشاش دائىرىسى—بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي كونترول قىلىندى—ئۇلارنىڭ قانداق ئۇچۇر قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى پۈتۈنلەي باشقۇرۇشقا ئېلىندى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ فىزىكىلىق ئامىللىرىنى يوقىتىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ مەنىۋى ئامىللىرىنىمۇ يوقىتىشقا باشلىدى: ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىشى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تۈرمىسىمان بوشلۇق بىلەن چەكلەندى، پاسىللاندى.

1949-يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ماھىيىتى «ئازادلىق» سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا شۇ قەدەر چوڭقۇر يىلتىز تارتتىكى، ئۇلار «ئازادلىقتىن بۇرۇن» ۋە «ئازادلىقتىن كېيىن» دېگەن كەلىمىلەرنى تا ھازىرغىچە ھېچقانداق غەيرىلىك ھېس قىلماي ئىشلىتىپ كەلدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ رېئاللىقىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنى 1949-يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان مۇنداق ئىككى ۋاقىت بىرلىكى بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى: «ئازادلىقتىن ئىلگىرى» ۋە «ئازادلىقتىن كېيىن»[i]. «ئازادلىقتىن بۇرۇن» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى قاراڭغۇلۇققا ۋە زۇلۇمغا تولغان ئەركسىز جەمئىيەتنى (پىرقىچىلارنىڭ دۇنياسىنى) كۆرسەتسە، «ئازاتلىقتىن كېيىن» بولسا يورۇقلۇققا  ۋە ئاسايىشلىققا تولغان ئەركىن جەمئىيەتنى (سوتسىيالىستىك دۇنيانى) كۆرسىتىدۇ. خىتاي سىياسىي پىسخولوگلىرىغا شۇ نۇقتا ئايدىڭكى، ئۇشبۇ كەلىمىلەرنى ھەر بىر قېتىم ئىشلىتىش ماھىيەتتە تاجاۋۇزچىلىقنى يەنە بىر قېتىم ئاڭسىز جەزملەشتۈرۈش بولاتتى. ئۇنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈش بولسا كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ يالغاننى راست دەپ قوبۇل قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرەتتى، ئۇنىڭ پىسخىك تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇراتتى. ئاخىرىدا، ئۇشبۇ كەلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تىل ئادىتىدە ئىنتايىن تەبىئىي بىر شەكىلدە قوللىنىلىشى—ۋە قايتا-قايتا قوللىنىلىشى—ئۇلارنى قىل سىغقۇسىز پاكىتتەك كۆرسىتەلەيتتى. خۇددى بىز ئادەتتە، خاتا قوللىنىۋاتقان نۇرغۇن تىل ھادىسىلىرىنى سوئاللىمىغاندەك، بۇ كەلىمىلەرنىمۇ ھېچكىم سوئاللاپ كەتمەيتتى.

ئەمدى، رېئاللىقنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختىلايلى. رېئاللىق ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان شەيئىنى ياكى مەۋجۇتلۇقنى كۆرسىتىدۇ. رېئاللىق تۇيغۇسى بولسا ئادەمنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان شەيئىگە بولغان تەسىراتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەبىرگە ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ. بىرى، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان رېئاللىقتۇر—يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى ئۇلارنىڭ نېمىنى كۆرۈشى، نېمىنى سۆزلىشى، نېمىنى ئوقۇشى ۋە ھەتتا نېمىنى ئويلىشى ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن رېئاللىقتۇر. بۇ خىل شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ تەپەككۈرىنىڭ دائىرىسى ئۆزىگە بېرىلگەن ياشاش دائىرىسى تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ. يەنى باشقا تاللاشلىرى پۈتۈنلەي كونتروللۇققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۆزىگە نېمە بېرىلسە–يەنى نېمىنى سۆزلىشىگە، قىلىشىغا ۋە ئويلىشىغا يول قويۇلسا—شۇنى رېئاللىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. چەكلىمە بىلەن تولغان بۇ ياشاش ھالىتى قانچىلىك ئازابلىق ۋە ھاقارەتلىك بولسۇن، ئۇيغۇرلار بۇ خىل ھايات شەكلىدىن كەمدىنكەم گۇمانلىنىدۇ، چۈنكى  ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي رېئاللىق—يەنى ئۇنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ھەقىقىي رېئاللىق—ئۇستىلىق بىلەن ئۇلاردىن يوشۇرۇلىدۇ.

يەنە بىرى، بۇ ھالەتتىن ھالقىغان، تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە كەڭرى بولغان  رېئاللىق بولۇپ، كوللېكتىپ فانتازىيىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ رېئاللىق كۆرگىلى بولمايدىغان ئەمما تەسەۋۋۇر قىلىشقا يېتەكلىنىدىغان «رېئاللىقتۇر».  كوممۇنىزم دەل مۇشۇ رېئاللىق تۇيغۇسى بولۇپ، مەۋجۇت ھايات ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ھالقىتىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان ئوتوپىيىنى كۆرسىتىدۇ. تەشۋىقات ئارقىلىق ھەدەپ كۆپتۈرۈلگەن بۇ خىل رېئاللىق—قانچىلىك ئەپسانىۋى ۋە مىستىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر—شۇ قەدەر قۇدرەتلىك بولغانكى، ئۇ كۈندىلىك ھاياتى ئەمەلىيەتتە ئاچ-زېرىنلىققا، جازالاشلارغا ۋە قورقۇنچقا تولغان ئۇيغۇرلارغا يېپيېڭى بىر مەنزىلنى كۆرسەتكەن، ئۇلارنى بۇنىڭغا قىزىقتۇرالىغان،  ھەتتا ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەلتۆكۈس بېغىشلايدىغان قىلىۋەتكەن. كەلگۈسى ھەققىدىكى بۇ يالغانچىلىقلار شۇنداق بىر نەتىجىلىك شەكىلدە قىلىنغانكى، ئۇ ئادەمنىڭ نورمال تەجرىبىسىدىن ۋە چۈشىنىشىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن. بۇ كاتتا يالغانچىلىقلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايتتى، چۈنكى ئۇنى ھېچكىم تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان ئەمما ھېچكىم تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ھەم باقالمايدىغان خىيالىي دۇنيانى ھېچقانداق قىينالمايلا ۋەدە قىلالايتتى.

ھىتلېر «ئۇلۇغ يالغانچىلار ئۇلۇغ سېھرىگەرلەردۇر» دەيدۇ. ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان بۇ يالغانچىلىقلار خۇددى سېھرىگەرلىكتەك كۆرۈنۈپ تۇرغان رېئاللىقنىڭ ئارقىسىدىكى بىز كۆرەلمەيدىغان يوشۇرۇن بوشلۇق ئارقىلىق بىزنى ئالدايدۇ. خۇددى ھىتلېر ئېيتقاندەك، يالغانچىلىق قانچە ھەيۋەت بولغانسېرى ۋە رېئاللىقتىن قانچە يىراقلاشقانسېرى، كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا سوئال قويۇشتىن ئەيمىنىپ قالىدۇ ياكى ئۇنى بىر ئەقلىي يوسۇندا چۈشىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. نەتىجىدە، ئادەم ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئەقلى يەتمەيدىغان—ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان—ئاشۇ مەنزىلگە چىن پۈتۈپ قالىدۇ.  دەل مانا مۇشۇ ھالقىما بوشلۇق بىزدىن تەبىئىي يوشۇرۇلغان بولىدۇ.

بىز كۆرەلمەيدىغان رېئاللىق دەل بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدىن ھالقىغان بوشلۇقتۇر. يالغانچىلىق مانا مۇشۇ يوشۇرۇن بوشلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىنى ھەقىقەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. يالغان سۆزلەش ھەقىقەتنىڭ يوقىلىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يوشۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھەلەنكى، مەيلى ھەقىقەت يالغانچىلىقتا قانچىلىك دەرىجىدە يوشۇرۇلمىسۇن، ئۇ يەنىلا يالغانچىلىقتا ئۆزىنىڭ يوقاتقىلى بولمايدىغان ئىزىنى ساقلاپ ماڭغان بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر بىر يالغانچىلىقتا ئۇ يوشۇرماقچى بولغان ھەقىقەت ساقلىنىپ ماڭغان بولىدۇ. دېمەك، ھەر بىر يالغانچىلىققا بىر ھەقىقەت يوشۇرۇنغان.

بۇنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىش ئۈچۈن، دانىيىلىك  خانز كرىسشېن ئەندېرسېننىڭ  «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دېگەن چۆچىكىگە قىسقىچە قاراپ چىقايلى. مەزكۇر چۆچەك يالغانچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئىجتىمائىي قائىدىنىڭ كۈچى، كوللېكتىپ رەت قىلىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ھېرىسمەنلىك، قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر ئەسەردە، كىشىلەر گەرچە ئالدىدا ھەيۋەت بىلەن مېڭىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتالمىغانلىقى سۆزلىنىدۇ—بۇنىڭدا، بىرى ئۇلار خاتا سۆزلەپ قويۇپ باشقىلارنىڭ مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقسا، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ نورماللىقتىن ھالقىغان بۇنداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ياكى يەنە بىرى ئۇلار پادىشاھنىڭ «كاتتا» كىيىمىنى كۆرەلىگەن-كۆرەلمىگەنلىكىگە جەزم قىلالمايدۇ. ئاخىرى بىر كىچىك بالا پادىشاھنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز جاكارلىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ چۆچەكنى ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈلمىگە تەدبىق قىلساق مۇنداق نەتىجە چىقىدۇ: «ھەممە ئادەم بۇنداق سىياسىي مۇھىتتا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.  بىر ئادەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ھېچكىم ھەممەيلەننىڭ يالغان سۆزلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىز راست گەپ قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يالغان سۆزلىدى دەپ ئەيىبلىشىدىن ۋە ھەتتا جازالىشىدىن قورقىدۇ. نەتىجىدە بىر-بىرىگە يالغان ئېيتىش داۋاملىشىۋېرىدۇ.»

شۇنىڭغا كۆرە، گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسىيونلىرى خىتايلارنىڭ كوممۇنىزم ھەققىدىكى يالغانچىلىقلىرىنى بىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئاۋازىنى چىقىرالمىغان. گەرچە ئۇلار باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، بىلمەسلىككە سالغان. نەتىجىدە، بۇ يالغانچىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېچقانداق توسالغۇسىز تارقىلىۋەرگەن. ئوتوپىيە ھەققىدىكى يالغانچىلىق دىستوپىيىلىك جەمئىيەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كېلىشىمىگە ئايلانغان.

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، غايەت زور دۆلەت ماشىنىسى تەرىپىدىن توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي يالغانچىلىقلار ئاخىرى ھېچكىمنىڭ جىددىي سوئاللىشىغا ئۇچرىمىغان. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئاڭلاۋاتقاننى ۋە كۆرۈۋاتقاننى ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا  ئادەتلەنگەن. [ii] گېنېرال پېڭنىڭ  قوشۇنىنى كۈتىۋېلىشقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىراتى بىر چۈشكە ياكى ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خام خىيالغا ئوخشايتتى. ئۇلار قوراللىق، يات ۋە مەككار بىر توپ تەرىپىدىن ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئاللىقانداق بىر دۈشمەنلەردىن ئازاد قىلىنىۋاتتى. ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە بولاتتى. ئۇيغۇرلار ئەمدى ئۈزۈلكېسىل بەخت –سائادەتكە ئېرىشىدىغاندەك ئىدى. ئەمما، خىتاي شۇنى ئېنىق بىلەتتىكى، ئاتالمىش «ئازادلىق» ھەققىدىكى بۇ فانتازىيە چوقۇم مۇئەييەن رېئاللىق تەركىبلىرىگە ئىگە قىلىنىشى  كېرەك ئىدى. بولمىسا، فانتازىيىگە زىيادە بېرىلىش كوللېىكتىپنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. بۇ ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي ھەرىكەت نەزەرىيىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ پرىنسىپىغا يات ئىدى. شۇ سەۋەب، شەرقىي تۈركىستانغا تىنچ-ئامان يەرلىشىۋالغان خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئۇلار ئازاد قىلىنىشى كېرەك بولغان «ھەقىقىي» دۈشمەننى تېزلا تېپىپ بېرىپ، «ئازادلىق» ھەرىكىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى: ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرى. يەنى، ئۇيغۇرلارنى «ئازادلىق» ھەرىكىتىگە ئىشەندۈرۈش  ئۈچۈن، ئۇلار چوقۇم ئىلگىرى ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ھالدا ياشاۋاتقان بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەمدىلىكتە چوقۇم ئازاد قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى بىر تەركىب بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇندىلا، ئۇيغۇرلارنى ھەم ئۆز-ئۆزىگە دۈشمەن قىلغىلى بولاتتى ھەم ئۇنىڭغا تاشقى كۈچنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تەبىئىي موھتاجلىقىنى بىلدۈرگىلى  بولاتتى.

مۇشۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ بايلىرى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا دۈشمەن قىلدى، گەرچە بۇ دۇشمەنلىك مىللىي دۈشمەنلىك ئەمەس بەلكى سىنىپىي دۈشمەنلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ. ئۇيغۇر بايلىرى كوللېكتىپ ھالدا تارىختىن بېرى ئۇيغۇر پرولېتارىياتلىرىنى شەپقەتسىزلەرچە ئەزگۈچىلەر، ئۇيغۇر پرولېتارىياتلىرى بولسا ئۇلار تەرىپىدىن ناھەق  ئېزىلگۈچىلەر سۈپىتىدە قارالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەن ھەم شۇ شۇ سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دۈشمىنى بولۇشى كېرەك خىتايلار ئەكسىچە ھەم مەسخىرىلىك يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى—ئازاد قىلغۇچى—قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

باش-ئاخىرى چىقماس سىياسىي كۈرەشلەر داۋامىدا، ئۇيغۇر بايلىرى دۈشمەن سۈپىتىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. ھەتتاكى، بەزىلىرى كوللېكتىپ مۇراسىم شەكلىدە سازايى قىلىندى ۋە ئامما ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر بايلىرىغا قارىتا خىتايلار تەرىپىدىن قەرەللىك ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىمسىمان جازالاشلار چوقۇم قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر خىل ئەقلىي تەرتىپتەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زوراۋانلىقنىڭ تەرتىپ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۇنى كىشىلەرگە خۇددى چوقۇم قىلىنىشى كېرەك بولغان توغرا ئىشتەك كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي شەكىلگە ئىگە قىلىنغان بۇ جازالاش مۇراسىملىرى خۇددى يىللارسېرى ۋە ھەتتا ئەسىرلەرسېرى كېچىككەن ھەققانىيەتنى ئاخىرى جارى قىلدۇرغاندەك كوللېكتىپ تەسىراتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. كۆچلۈك سىنىپىي دۈشمەنلىك قارىشى بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن بۇ جازالاشلار پرولېتارىياتنىڭ ھەققانىي دېكتارۇسى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىنى تۇتۇپ كەلگەن ۋە ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى بۇژۇئازىيە قاتلىمىنى ئەمدىلەتىن شەكىللەندۈرىۋاتقان بۇ ئىجتىمائىي قاتلام مانا مۇشۇنداق يوللار بىلەن تامامەن ۋەيران قىلىندى.

ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بېرى بايقىيالماي كەلگەن «دۈشمىنى» نى بايقاش ئېلىپ كەلگەن تەسۋىرلىگۈسىز روھىي زىلزىلىدىن سىلكىنمەي قالمىدى. بۇ سىلكىنىش تاسادىپىي بايقالغان ھەقىقەتنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ ئارتتۇرىۋېتەتتى—ئىنتايىن ئاز ساندىكى سەگەك كىشىلەرلا زىيادە كوللېكتىپ ھاياجانلىنىشنىڭ خەتىرىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتەلەيتتى. بايلارنى ئۈزۈل-كېسىل سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تارتىپ چىقىرىشلار، جازالاشلار ۋە پالاشلار ئۇيغۇرلارغا سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى سۈپىتىدە ھېس قىلدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار تاكى شۇ ۋاقىتقىچە بايقىيالمىغان تارىخىي «دۈشمىنى» ئەڭ ئاخىرىدا قاتتىق زەربىدە باش كۆتۈرەلمەس قىلىندى. ئۆزلىرىنىڭ بايلىرىنى جازالاشنىڭ ئەقلىيلىكى ۋە ھەققانىيلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ گۇناھ تۇيغۇسىدىن يىراق بولدى، چۈنكى ھەممە ئىش تارىخنىڭ توسىۋالغۇسىز ۋە ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن ھالقىغان يۈزلىنىشى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلدى.

نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ توسۇۋالغۇسىز يۈزلىنىشى سۈپىتىدە تەرغىپ قىلىنغان ۋە خىتايلار قوزغىغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقىدىن پەخىر ۋە شادلىنىش ھېس قىلدى.  بايلاردىن، زېمىندارلاردىن، چەتكە باغلانغانلاردىن ۋە كاپىتالىزم يولىغا ماڭغانلاردىن  كوللېكتىپ ھېستېرىيە شەكلىدىكى ھېساب ئېلىش ئاۋامنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ھەقىقىي تاجاۋۇزچى بولغان خىتايلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە—ئۆز ئىچىگە—قاراتتى. مەسىلىنىڭ ئەڭ ئىزتىراپلىق نۇقتىسى شۇ بولدىكى، بۇ شەخسلەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى تارتىۋاتقان ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبكارلىرى قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، خىتايلار يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ، ئۇرۇشتا تەلتۆكۈس غەلىبە قازاندى. دۈشمەنلىك بىلەن قېرىنداشلىق—«بىز» بىلەن «ئۇلار»—ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پۈتۈنلەي خىرەلەشتى. «دۈشمەنلەر» «قېرىنداش» بولدى؛ «قېرىنداشلار» «دۈشمەن»  قىلىندى.

بىر مىللەت ئۈچۈن ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى ئورنىدا دۈشمەن كۆرۈشتۇر. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، دەل ئاشۇ ھەقىقىي دۈشمەننىڭ ئۆز-ئۆزىگە دۈشمەن بولۇپ، جان تالىشىۋاتقان مىللەتنى يەنە قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆز-ئۆزىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەندۈرۈشتۇر. ئۇيغۇرلار ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ساۋاق شۇكى، دۈشمەنلىك تۇيغۇسى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر. ئەمما ئۇ چوقۇم ھەقىقىي دۈشمەنگە—تاشقىي دۈشمەنگە قارىتىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەقىقىي دۈشمەن ئەشۇ مىللەتنى ئۆز-ئۆزىگە دۈشمەن قىلىش يولى بىلەن، ھېچقانداق ھەرەج تارتماستىن مەغلۇب قىلالايدۇ. چۈنكى، ئۆز-ئۆزىگە دۈشمەن بولغان ياكى قىلىنغان مىللەت ياكى ئاخىرى ھالسىراپ تاشقى دۈشمەن تەرىپىدىن قىلچە كۈچ سەرپ قىلىنماستىنلا مەغلۇب قىلىنىدۇ ياكى ئۆز-ئۆزىگە نەپرەتلىنىش سەۋەبىدىن ئۆز ئىچىدىن تۈگىىشىدۇ.

ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ سىستېمىلىق جازالىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر بايلىرى نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر ئىقتىسادىنى—مەيلى بۇ ئىقتىساد قانچىلىك ئىپتىدائىي شەكىلدە بولسۇن—تۇتۇپ تۇرغۇچىلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر كۇلتۇرىنىڭ ماددىي ئاساسىنى تارىختىن بېرى قوغداپ كېلىۋاتقانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتى مۇئەييەن تەرتىپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ، ئۇلار ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى، بايلىق تەقسىملىنىشىنى، ئىجتىمائىي كۇلتۇرنى باشقۇرۇۋاتقان مۇھىم ئاساس ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەدرىجىي ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادنى مەركەزلىك ۋە پىلانلىق باشقۇرۇش سىياسىتىدە ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادى ۋەيران مىللەتنىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، بېشى ئېگىلىدۇ، روھى سۇنىدۇ. بىر مىللەت سىياسىي مۇستەملىكىدە يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىسىلا. ئەمما، ئىقتىسادى ۋەيران بولغان مىللەتنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقى ۋەيران بولىدۇ، سىياسىي مەۋجۇتلۇقى ۋەيران بولغان مىللەتنىڭ كۇلتۇرال مەۋجۇتلۇقى ۋەيران بولىدۇ، كۇلتۇرال ماۋجۇتلۇقى ۋەيران بولغان مىللەتنىڭ ئاخىرىدا ھەممە نېمىسى ۋەيران بولىدۇ.

ئىنساننىڭ تۈپكى ئىنتىلىشى بولغان ماددىي مەئىشەتنى قوغلىشىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىستىكىنى قايمۇقتۇرۇشىدا ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۆزىنىڭ «دۈشمىنى» بولغان بايلارنىڭ ئازراق ماللىرى ۋە يەرلىرىدىن نېسىۋىلەندۈرۈلگەن ئاچ-يالىڭاچ خەلق خۇددى ماددىي موھتاجلىقتىن ئازاد قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولدى. ئۇيغۇرلاردىن شۇ ھەقىقەت ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇلدىكى،  ئۇيغۇر بايلىرىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ تارتىۋېلىنغان ھېسابسىز بايلىقنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى ھاياتلىقنىڭ قاتتىقچىلىقىدا ئىڭراۋاتقان بۇ خەلققە چېچىپ بېرىلدى؛ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا، خىتاينىڭ ئەمدىلا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىندى.

ئادەمنى تېخىمۇ ئىزتىراپقا سالىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇ بولدىكى، «ئازادلىق» تىن ئىبارەت بۇ سىياسىي خام خىيال ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىلىرى دەپ قارالغان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كۆپتۈرۈلۈپ ماختالدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» دېگەن شېئىرىدىن تارتىپ، ئەلقەم ئەختەمنىڭ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرىغىچە، ھەممىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئازاد» قىلغانلىقى كۈچەپ مەدھىيىلەندى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1954 – يىلى نەشر قىلغان ‹‹تاڭ ناخشىلىرى›› ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا 27 ئۇيغۇر شائىرىنىڭ 42 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى شېئىرلاردا ئەمدىلا ئىجادىيەتكە تەلپۈنۈۋاتقان ياش شائىرلارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي دۆلىتىگە ۋە «ئازادلىق» تېڭىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى  ماگمىدەك ھېسسىياتلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ توپلام بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان مىللەت دېگەن قارىشىمىزنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا «ئازادلىق» فانتازىيىسىدە تەسۋىرلەنگەن شۇنداق بىر جەننەتسىمان دۇنيا باركى، ئۇنىڭدا نە ئېزىلىش، نە ئازاب، نە قورقۇنچ ۋە نە ئىزتىراپ يوق بىر مۇكەممەل دۇنيانىڭ تەسۋىرى بار.

. بۇ توپلامغا ئابدۇسالام توختى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، رەھىم قاسىم، مەھمۇت زەيىدى قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ئازاد يېزامغا››، ‹‹باھار دولقۇنى››، ‹‹تىيانشان ناخشىسى››، ‹‹توقۇمىچى ئاچامغا››، ‹‹دېھقان قىزىغا››، ‹‹سېنى سۆيدۈم››، ‹‹ئىشچى دوستۇمغا››، ‹‹يېڭى شىنجاڭ››، ‹‹ھىندى قىزىغا››، ‹‹موسكۋا قىزىغا››، ‹‹يۈرەكتىن خەت››، ‹‹يېزامدا باھار››، ‹‹بىزنىڭ ۋەتەن››، ‹‹ئېتىزدا››، قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. تۆۋەندىكىسى شائىر رەھىم قاسىمنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە بېغىشلاپ يازغان ‹‹شاد بەختىمىزگە بول ئامان›› ناملىق شېئىرىدىن ئۈزۈندىدۇر:

چېلىشىڭ بىلەن گۈللەندى زامان،

سەن بىلەن كۈلدى مىليونلىغان جان،

نۇرلارغا چۆمدى بىزنىڭ بۇ ماكان.

بۇ شېئىرلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ئازادلىق» قا بولغان چەكسىز مەدھىيە ئاۋامنى شۇنداق تونۇش بىلەن يېتەكلىگەنكى، ئۇيغۇرلار پەقەت خىتايلار چۈشۈرگەن پارلاق تاڭ قۇياشى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتى.  ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەد مىننەتدار بولۇشى كېرەك.  ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئەينى ۋاقىتتا ۋە ھەتتا ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئىلىملىكلىرى دەپ قارالغان بۇ ئۇيغۇر شائىرلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ شېئىرلار قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئالدىدا نوقۇل ھالدىكى ئامان قېلىشنى كۆزلەشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئۇلار بەلكى كوللېكتىپ ھاياجانلىنىش، مەپتۇنلۇق، كىرىشىپ قېلىش ۋە چوقۇنۇشنىڭ بىنورمال ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. كوللېكتىپ روھىي بىنورماللىقنىڭ ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شېئىرلار خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا يۇيغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ خىل مېڭە يۇيۇشنىڭ ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان قىسمى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دوزاقسىمان مۇستەملىكە رېئاللىقىنى سېزىش قابىلىيىتىدىن قانچىلىك ئېچىنىشلىق ھالدا مەھرۇم قىلىنغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كومپارتىيىىگە بولغان ئوخشاش مەدھىيىنى ئوخشاش شەكىلدە قايتا-قايتا تەكرارلىشىدۇر. بۇ تەكرارلىق بىزگە كىرىشمە مەجبۇرەنلىك بىنورماللىقىنى ئەسلىتىدۇ (ئىنگلىزچىسى obsessive compulsive disorder  دۇر).

ئەنسىرەش بىنورماللىقى سۈپىتىدىكى بۇ سىندرومدا، گەرچە ئۆزى كۆرۈشنى خالىمىسىمۇ، بىمار ئۆزىدە ئۆزىنىڭ ئىختىيارىسىز قايتا-قايتا كۆرۈلىدىغان ئويلار، ئوبرازلار ۋە قوزغىلىشلارنى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار يەنە  قايتىلىنىدىغان ۋە مۇراسىم شەكلىنى ئالغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرگە زىيادە كۆپ ۋاقىت كەتسىمۇ، بىمار ئۇنى توختىماستىن تەكرارلايدۇ (مەسىلەن، قولىنى دائىم مەينەت دەپ قاراپ، توختىماستىن يۇيۇشتۇر.) بۇ بىنورماللىقنىڭ ئىپادىلىرىدە تاشقىي دۇنيا  ئۆلۈم، كېسەللىك ۋە مەينەتچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغاچقا، بىمار ھەر ۋاقىت ئىپادىلەپ بەرگۈسىز قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ بۇ مۇراسىمسىمان ھەرىكەتلەرنى بىر خىل زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە قايتا-قايتا قىلىش ئارقىلىق، قورقۇنچىنى يەڭگىللەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما، قانچە قورققانسېرى، ھەرىكەت شۇنچە كۆپ تەكرارلىنىدۇ؛ ھەرىكەت قانچە كۆپ تەكرارلانغانسېرى، قورقۇنچ پەسەيمەستىن كۈچىيىدۇ. بۇ رەزىل ئايلانما تاكى بىمار بىلەن ئۇنىڭ رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى (مەسىلەن پىسخولوگنىڭ) ئارقىلىق نورماللاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.
يۇقىرىقى شائىرلاردىن شۇنى كۆرىمىزكى، ئۇلار گەرچە شېئىرلىرىدا جەننەتسىمان رېئاللىقنى يازغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە خىتاي مۇستەملىكە ماشىنىسىدىن ئۆزلىرى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە چوڭقۇر قورقۇنچقا چۈشكەن—ئۇلار بۇ قورقۇنچنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھېس قىلالمىغانكى، سوتسىيالىزمدا (كوللېكتىپ) قورقۇنچقا ئەمەس بەلكى سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبىسىنى مەدھىيىلەر ئارقىلىق تەنتەنە قىلىشقىلا ئورۇن بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار قورقۇنچىنى يوشۇرۇشى—يەنى بېسىۋېلىشى–كېرەك ئىدى؛ نەتىجىدە، بېسىۋېلىنغان بۇ قورقۇنچ ئەكسىچە چەكسىز مەدھىيە شەكلىنى ئالغانىدى. بۇ ئارقىلىق، بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلىرى بىر تەرەپتىن شېئىرلىرىدىكى مەدھىيە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا قەلبىنى تاپشۇرۇشنى ئىستىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، قورقۇنچنى پەسەيتمەكچى بولغانىدى.

ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن «سوتسىيالىستىك رېئالىزملىق» ئەدەبىياتى ئەمەلىيەتتە رېئاللىقنى كوممۇنىزمنىڭ نىشانى ئۈچۈن بۇرمىلاشنىڭ ۋاسىتىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق ئېلىپ بارغان سىياسىي يالغانچىلىقلىرى توپتوغرا بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئالدىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار تارتقان ئەڭ زور زىيان شۇ بولدىكى، خىتايلار تەشۋىقاتتا يەنە بىر قېتىم ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيدى. مەسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى شۇكى، بۇ شائىرلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا قاتناشقانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېڭىسىمۇ ئاللىبۇرۇن يۇيۇلغانىدى. شۇڭا، ئاداققى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېڭە يۇيغۇچىلارنىڭ مېڭىسى ئاللىبۇرۇن يۇيۇلغان بولىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتماقچىمىزكى، خىتاي ئىككىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر چوڭ ھەم تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان «دۈشمىنى» نى تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى «ئازاد» قىلدى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭ مىللەتچىلىكتىن ئىبارەت مەپكۇرە ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ۋە بېيىتقان ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسىيونلىرى، رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى 1950-يىلىدىن باشلاپلا يەرلىك مىللەتچىلىك قالپىقى بىلەن قارىلىنىپ، خەلق دۈشمىنى قىلىندى. نەتىجىدە، ھەقىقىي مىللىي قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئۆلچەم ئاستىن-ئۈستۈن قىلىندى. ئەمدى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توختىلىمىز.

(داۋامى بار)

[i]   شۇ نەرسە دىققەتنى چېكەرلىككى، ئۇيغۇرلار «ئازادلىق» ئاتالغۇسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئىپادىلىگەن بىلەن، ئۇلار «شىنجاڭ ۋاقتى» (ئۈرۈمچى ۋاقتى) نى قوللىنىشتا باشقىچە يول تۇتقان. يەنى ئۇلار «شىنجاڭ ۋاقتى» نى ئىشلىتىپ]، «بېيجىڭ ۋاقتى» نى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. گەرچە بەزىلەر ئۈچۈن بۇ قارىماققا ئاددىي ئىشلاردەك كۆرۈنگىنى بىلەن، خىتاي ئۈچۈن بۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر، چۈنكى ۋاقىتنى قانداق ئۆلچەش نوقۇل تەبىئەت ھادىسىنىڭ ئۆلچىنىشىلا ئەمەس بەلكى ناھايىتى  سەزگۈر سىياسىي پوزىتسىيىنىڭمۇ ئۆلچىنىشىدۇر.

[ii]   رېئاللىق تۇيغۇسى قانچە ساختىلاشقانسېرى، سىياسىي يالغانچىلىقلار شۇنچە ئاسان كىشىلەرنىڭ ئىشىنىشىگە ئېرىشىدۇ.  يالغانچىلىقلار ۋە ساختىلىقلار ئەدىگەنسېرى، كىشىلەر ئۆز رېئاللىقىنى مۇستەقىل سېزىش، ئۇنىڭغا ئىدراكىي ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئەقلىي شەكىلدە ئويلىنىشتىن ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ۋاز كېچىدۇ—چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ رېئاللىقى بارغانسېرى ياتلىشىدۇ. رېئاللىققا قارىتا ئەمەلىي ۋە ئەقلىي ئىنكاس قايتۇرۇش نەتىجىسىز بولغاندا، كىشىلەر خام خىيال ئارقىلىق رېئاللىقنى قايتىدىن ئۆزى خالايدىغان شەكىلدە قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا مايىل بولىدۇ. ئەمما رېئاللىق بۇنىڭغا بوي سۇنمىغانسېرى، خام خىيال تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە تېخىمۇ غەيرىي ئەقلىي تۈس ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خام خىيالنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ غەيرىي ئەقلىي تۈس ئېلىشى ھەرقانداق بىر تەشۋىقات ستراتېگىيىچىسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم پۇرسەتتۇر. چۈنكى، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا يېڭى يالغانچىلىقلارنى بازارغا سېلىپ، كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ—مانا تەشۋىقاتتىكى رەزىل ئايلانمىدۇر.

http://oylar.blogspot.de/search?updated-max=2015-02-03T22:57:00%2B11:00

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …