گوللاندىيەدە 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

IMG_4698

گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن شۇنداقلا بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىدەك بۇ يىلمۇ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىغىنى خاتىرىلەش، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھائاگ شەھرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ، كۆك بايراقلارنى يەنە بىر قېتىم لەپىلدەتتى. شۇنداقلا ھەممە بىردەك «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» «خىتايلار دۆلەت تېرورىنى توختاتسۇن» «شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» «ئىنسانىيەت قاتىلى خىتايلار» «سىياسى مەھبۇسلارنى تۇرمىدىن بوشات» « قاھار ئابدۇرېھىمغا ئەركىنلىك » «ئالىم ئابدۇرېھىمغا ئەركىنلىك » «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك » دېگەندەك تۈرلۈك شۇئارلارنى توۋلاشتى.

IMG_4697
شۇنداقلا گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى سادىقجان ھاجىم، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسا قارى ھاجىم ھەمدە بەلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندىملەر بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، غۇلجىدا تىنچ يولدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسەت ۋە ھەر قانداق باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ بايانات ھەمدە چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرۇغا قويۇپ ئۆتتى.

IMG_4715

بۇ نامايىشنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى يېقىندىن ھەمكارلاشقان. ھەمدە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھاۋانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 11 گرادۇس سوغۇق بولۇشىغا قارىماي 200 كىلومېتېر ئۇزاق يولنى بېسىپ كېلىپ بۇ نامايىشنىڭ جەڭگىۋارلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. بۇ نامايىشقا كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

IMG_4718
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …