تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ھەققىدە

بايانات

1623581_581295641964867_1496989102_n3

تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرىستان كۇلتۇر مەركىزى تەركىۋىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى بولۇپ، بۇگۈنكىدەك نازۇك بىر دەۋىردە خەلقىمىزگە ھەر ئىش قىلىشتىن ئاۋال پەننىي ئاقارتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، يېڭىچە دۇنيا قاراش تىكلەپ بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈپ، بىر تەرەپتىن خەلىقنى تەربىيەلەش، ئويغۇتۇش، يىتەكلەش مىللەتنىڭ كىلىچىگىنى لاھىيلەش ھەم ئىنشاھ قىلىشنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تۈزۈپ چىقىش مەقسىدىدە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ تور تۇرا ئارقىلىق رەسمىي تەسىس قىلىندى.

تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى پەن ساھەلىرىدە يىتىشىپ چىققان ئالىم، مۇتەخەسىس، يازغۇچى، شائىر ۋە سەننەتكارلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىدۇ، قوللايدۇ، قۇۋەتلەيدۇ. تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ھەرقايسى پەن ساھەلىرىدە يىتىشىپ چىققان ئالىم، مۇتەخەسىس، يازغۇچى، شائىر ۋە سەننەتكارلىرىمىزنى مىللىتىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىش يولىغا ئىلمىي، پروگراممىلىق ۋە پىلانلىق يېتەكلەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋىرسال ھاياتلىق مۇجادىلىسىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولىدۇ.

دۇنيا ئىنتايىن تىز تەرەققىي قىلىپ، تۈنۈگۈنكى ھەرقانداق نەرسە بۈگۈنكىگە، بۈگۈنكى ھەرقانداق نەرسە ئەرتىدىكىسىگە ئوخشىمايدىغان بىر دەۋىرگە كىردى. ئۇچقاندەك ئۆزگۈرىۋاتقان تەخنولوگىيە ۋە ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى ئىدىئولوگىيە ساھەسىنى قاتتىق تىترىتىپ، قەدىمقى تابۇلارنى يىقىتىپ ئىنسانىيەتنى بەكلا جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. ئەنەنىۋىي قىممەت قاراش ۋە ئىستىتىكىلىق ئۆلچەملەر ئاجىزلاپ ۋە يىقىلىپ يېڭى، بىزگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بىر دۇنياغا دۇچ كەلدۇق. شۇ سەۋەپتىن مىللىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر رىقابەت ۋە تەھدىت ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان روھىي ۋە ماددىي كىرزىستىن مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ كېتىشنى ھازىرغىچە ھىچكىم جىددىي كۈن تەرتىپ ۋە پىلانغا كىرگۈزمىدى.

مىللەتنىڭ ھايات-ماماتى خەلقىمىز يىتىشتۈرۈپ چىققان سەرخىللارنىڭ ئىلكىدە.مىللەتمۇ بىر باغقا ئوخشايدۇ.پەرۋىش قىلغانچە ئاۋال يوپۇرماققا، ئاندىن گۈل-چىچەككە ئاندىن مېۋىگە پۈركىنىدۇ. تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىلمىسە ياكى پىلانلىق پەرۋىش قىلىنمىسا ھارام شاخلار ۋە تىكەنلىك ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، قۇرۇپ قاخغال ئوتۇنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.دەۋلىتىمىز يوق دەپلا ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋلىتى بولمىغىنى بىلەن دۇنيادا دەۋلىتى بار نۇرغۇن مىللەتلەردە يوق ئەۋزەللىكلەرگەئىگە.

مۇستەملىكە دەۋىردە ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستان ياكى باشقا دەۋلەتلەردە ناھايىتى زور بىر مەدەنىيەت قوشۇنى يىتىشىپ چىقتى.بۇ قوشۇن تەشكىللەنمىگەن بولۇپ، ئاساسەن دىگۈدەك يات ياكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە سەپلىنىپ، ياللاپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتلىرى مىللىتىمىز ئۈچۇئۈن قانچىلىك پايدىلىق بىرنەرسە دېمەك تەس. ئۇلارنى مىللىي مەنپەتىمىزگە پايدىلىق يۆلۈنىشكە يىتەكلەش بولمايدىكەن، ئۇزاققا قالماي ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھادىسىلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى خەلقىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان، خەلقىمىز غەيرى رەسمى ئىگىدارچىلىق قىلىنىۋاتقان ۋە باشقا دەۋلەتلەر ۋە جەمىيەتلەرگە تەۋە بولۇپ، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك مۇئەسەسىلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ خىزمەتلىرىدىكى قۇلايلىق ۋە ئىجابىي ئامىللاردىن پايدىلىنىپ مىللىي ماۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرىستانلىقلار ۋەتىنىمىزدە ۋە ئوخشىمىغان دەۋلەتلەردە ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات، ئاخبارات مۇئەسەسىلىرى، ھەر تۈرلۈك تەشكىلات ۋە جەمىيەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ پايدىلىق ھادىسە بولۇپ، دىققەت قىلساق ئۇنىڭدىن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلانغىلى بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، سىياسىي، ئىجتىمايى، ئىقتىسادىي، مەنىۋىي مەسەلىسى خەلقارالىق بىر مەسەلىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىر دۇنيادا مىللىتىمىزدىن ياكى باشقا مىللەتلەردىن ناھايىتى ئۇزاق يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە مىللىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان زور كۆلەمدىكى زىيالىلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى!ئۇلارغا يول-يۆلۈنۈش كۆرسۈتۈپ بېرىش، ئۇلارنى پىلانلىق، نىشانلىق، پروگراممىلىق كوللىكتىپ ئىشلەشكە پىكىر ھازىرلاش ئىلمىيلىك تەلەپ قىلىدىغان زور ۋە ئەھمىيەتلىك ئىش.

بۇ ئالىم، يازغۇچى، شائىر، پەلەسەپەچى، سىياسەتچى، مۇتەخەسىس ۋە سەننەتكارلارنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە دۇنيا قاراشلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار پىكىر ئېقىمىغا ھە دېگەندە ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن.پايدىلانغىلى، باشقۇرغۇلى ۋە تەرتىپكە سالغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈڭەن بۇ كۈچنىڭ ئىنىرگىيەسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلىپ بېقىش لازىم.ئۇلارنى ھەركەتلەندۈرگىلى بولسا جەمىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ئاسان يەڭگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغاندا بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلىشتىن ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى دوگمىچىلىقتىن ساقلانغىنىمىز تۈزۈك. قارا قويۇق ئىنكار قىلىش ۋە شاكىلىنى پەرىق ئەتمەستىن ھەممىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى تالاي قېتىم تەجىرىبىدىن ئۆتتى.

زىيالىلار قوشۇنىمىزغا ئوخشىمىغان دەۋلەت ۋە ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە قانداق مۇئامىلە قىلىش مىللىي ماۋجۇتلۇقىمىز ھەم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسەلىسى بولۇپ قالدى. كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق تەھدىت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان شۇ مۇئەسەسىلەر، ياكى شەخىسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مۇساپىنى توغرا بېكىتىش، رىياللىققا ئۇيغۇن ئالاقە ئورنۇتۇش، ئىمكان بار تەرەپتىن مىللىي ئېدىئولوگىيىمىزنى قوغداش شەرتى ئاستىدا ئۆز-ئارا يول قويۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك! دوست دەۋلەت ۋە خەلقارا جەمىيەتلەرنىڭ، قېرىنداش خەلىقلەرنىڭ ۋە دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىق پىلانلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ توسقۇنلۇق قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرغا قويىشىمىز لازىم.

بىز تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يوقۇردا تىلغا ئېلىنغان مەسەلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇل قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ كۈرەش يىللىرىدىكى ئالاھىيدە سىياسىي ئاتموسپۇراسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، دەپ قارايمىز! مۇستەملىكە يىللاردىكى ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەننەت ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى شۇنداقلا ئالىم، مۇتەخەسىس ۋە سەننەتكارلىرىمىزنىڭ ھاياتى، دۇنيا قارىشى ھەمدە خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان مەنىۋىي بايلىقلىرىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشنى تەكىتلەيزىم.

بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ئىلمىي پىلانلانمىغان ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پەرۋىش قىلىنمىغان شەھىي ۋە ھادىسىلەر ئۇزاققا قالماي زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.ئىش قىلغاندا ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقانداق شەئى ۋە ھادىسىدە مىللىتىمىزگە پايدىلىق بىر ئامىلنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.زۆرۈر تېپىلغاندا ئەخلەتتىنمۇ پايدىلىشقا بولىدۇ. بىر قەۋىم ياكى بىر مىللەتمۇ شۇ. ئۇ پەرۋىش قىلىنىشقا مۇھتاج، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەخلەت دەپ قارالغان قىسمىدىنمۇ ئەنىرگىيە ھاسىل قىلغىلى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ.

بىز ھۈر ۋە ئازات بولمىغانلىقىمىز، كېلىچىكىمىزنى مىللىي دەۋلەت سايىسىدە كوللىكتىپ پىلانلاش ھوقۇقىمىز بولمىغىنى ئۈچۈن، مەنىۋىي ۋە ماددىي مەدەنىيىتىمىز دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە زىت قىلىپ قويىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ۋاقىت، بىلىم، ئىقتىدار، بايلىق، ئادەم قاتارلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىش سىستىمىسىنى، ئەمىلىي ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن ھالدا ئۆزىمىز تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم.بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن ۋە قېرىنداش مىللەتلەردىن، دوست قەۋىملەردىن يىتىشىپ چىققان زىيالىلارنىڭ رايىنى بۇ قۇرۇلۇشقا كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن مايىل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك!

بۇ خىل مەنىۋىي قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش پەقەت بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر خەلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇنداق خىزمەتنى كۆپ ھاللاردا دەۋلەت پىلانلايدۇ. بىزنىڭ دەۋلىتىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە تايىنىمىز. ئىشىنىمىزكى ئەگەر خەلقىمىز، ئويغاق پىكىرلىك مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىز بۇ قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ بەرسە، ئۇزاققا قالماي جەمىيىتىمىزدە سادىر بولىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە كۇلتۇرال مەسەلىلەر لايىقىدا ساغلاملىشىپ، ئىشلىرىمىز ئومۇمىي يۈزلۈك گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى

01.01.2015 گېرمانىيە

http://tengritagh.org/eine-seite/

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …