ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» توغرىسىدىكى خەۋىرى(RFA)

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى 2014-12-07
gollandiye-uyghur-germaniye-uyghur.jpg

گېرمانىيە «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» دىن كەلگەن 6 كىشىلىك ھەيئەت گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتتە. 2014-يىلى 6-دېكابىر، گوللاندىيە.

RFA/Pidaiy

6‏-دېكابىر شەنبە گېرمانىيەدىن كەلگەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇرېھىمجان ئابدۇرەشىد ئەپەندى ۋە ئالىمجان ئەپەندى قاتارلىق 6 كىشىلىك ھەيئەت، ۋەتەن-خەلقىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالى ھەققىدە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن سادىقجان سەلەي ئەپەندى مېھمانلارنى قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، تەشكىلاتلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار ناسىر ئەپەندى 2009‏-يىلدىن بۇيان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلغان غەلىبىلىك پائالىيەتلىرىدىن قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ مېھمانلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى سالام ۋە رەھمەتتىن كېيىن سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، تەشكىلاتلار ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ بۈگۈنكى تەقەززالىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈن دۇنيا خەلقى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ تونۇلۇشى مەلۇم بىر باسقۇچنى تاماملىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بېسىشقا تېگىشلىك قەدەمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇئەييەن بىر قىممەتكە ئايلاندۇرۇشتا بەكرەك گەۋدىلەنمەكتە ئىكەن.

كۆپچىلىك ئۆز-ئارا غىزالىنىش ۋە ھەم-سۆھبەتتە بولۇش بىلەن بىرگە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ، كەلگۈسى دوستلۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىر-بىرىگە ئامانلىق تىلەپ تارقىلىشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن گوللاندىيەنىڭ تۇنجى بېكەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا سالام يوللىدى.

سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ ئىجابىي قىممىتىگە ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىكى «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» دىن كەلگەن مەسئۇللار ئەتىسى يەنى 7‏-دېكابىر ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى ۋە ئۇ يەردىمۇ يېرىم كېچىگىچە ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئەركىن سۆھبەتتە بولدى.

مېھمانلار 8‏-دېكابىر گوللاندىيىدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىگە زىيارەتتە بولغاندىن باشقا، تۈركىي قېرىنداشلىرىنىڭمۇ تەكلىپلىك زىيارەتلىرىدە بولۇپ قايتىشتى.

شۇنىڭ بىلەن 6‏-7‏- ۋە 8-دېكابىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكەن كۈنلەر بولدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/gollandiye-uyghur-12092014154858.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …