سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى(2 – قىسىم)

سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى

haus-fliege-10203720

  ( پوۋېست )


سۈبھى

(ئىزاھات : بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ  ھەممىسى خىيالى بىر توقۇلمىدىن ئىبارەت. ئەگەر پېرسوناژلارنىڭ خارەكتېرى رېئاللىقتىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ خارەكتېرىگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق )

2 – قىسىم

سېلىم چىۋىن ئەسلىدە يەرگە ئەمەس بەلكى بىر گۈل تەشتىكىنىڭ ئىچىگە چۈشكەن ئىدى. قاتتىق ئاغرىق ئازاۋىدىن ئۇنىڭ بېشى قېيىپ ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى. لىكىن – ھېلىمۇ گۈل تەشتىكىنىڭ ئىچىگە چۈشتۈم ، بولمىسا ئادەملەر مېنى دەسسىۋېتەر ئىكەن – دەيتتى ئۇ  ئاستا پىچىرلاپ . سۇ قويۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان نەمخۇش گۈل تەشتىكى، سۇلۇپ چۈشكەن گۈل بەرگىلىرى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پانالىنىدىغان ياخشى جاي بولغان ئىدى. تەشتەك ئىچىدە گۈل بەرگىلىلىرىنى پاناھ جاي  قىلىپ ياتقان سېلىم چىۋىننىڭ يادىغا ئاپپاق كىرلىكلەر بىلەن خۇشپۇراق ئەتتىرلەر چېچىپ ئورۇن سېلىپ بېرىدىغان ئانىسى،  ئاندىن رەنا كەلدى. ئۇ تەشتەك ئىچىدىكى گۈل بەرگىلىرىدىن قاچاندۇر بىر چاغلار پۇرىغان تونۇش ۋە سۆيۈملۈك بىر ئەتتىرنىڭ پۇرىقىنى سەزگەندەك بولدى.
– ئالو گۈلۈم، بىر كورا سۇيۇق – سەلەڭ قىلىپ كەلگەن بولساڭلار ، ھازىدارلارنىڭ ئىچى قۇرۇپ كەتتى. سېلىم چۈشكەن يوغان گۈل تەشتىكىنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرغان ئەخمەت ئوۋچىنىڭ يوقۇرى ئاۋاز بىلەن قىلغان سۆزلىرى ئۇنى شىرىن خىياللاردىن ئويغاتتى. ئەخمەت ئوۋچى خانىمى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ بۇ دۆلەتتىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى خانىمىنى گۈلۈم  – دەپ چاقىرىدىغان بىردىن بىر ئۇيغۇر ئىدى.  خانىمىغا ھازىدارلار ئۈچۈن بىر كورا سۇيۇق – سەلەڭ بۇيرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ۋەتەن ، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئامېركا ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىپ ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە  سېلىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئۆلۈمنىڭ چەتئەللەردىكى قانداق ئېچىنىشلىق ئۆلۈم بولغانلىقىنى، ئۆلۈمگە كىملەرنىڭ كېلىپ نىمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يەتكۈزۈپ بولدى. ئۇ سۆزلىگەندە يوقۇرى ئاۋاز بىلەن زالنى بېشىغا كېيەتتى. بەزىدە ئۇ كىملەردىندۇر بىرلىرىدىن نارازى بولۇپ ، ئىچىدە بىرنېمىلەرنى دەپ غۇدۇرلاپ قوياتتى. ئۇ  ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە ئېنتەرنەتتىن قالسا 2-ئورۇندا تۇراتتى . شۇڭا كىشىلەر ئۇنى « سىمسىز رادىو » دەپمۇ  قويىشاتتى.
ئەخمەت ئوۋچىنىڭ قولىدىن بۈگۈن تېلېفون چۈشمىدى.تۈركىيەگە 5 ياكى 6 قېتىم تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ ھەر قېتىم تېلېفوننى قويغاندا ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ –  مۇاۋىن باشقاننىڭ سىلەرگە سالامى بار-  دېيىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. بۈگۈنمۇ  ھەر دائىمدىكىدەكلا چاپىنى بېنورمال ئۇزۇن، كاستىيۇم بۇرۇلكا كىيىپ ، ئاق كۆينىكىنىڭ ئۈستىگە گالىستۇكنى چىڭ تاقىۋالغان ئىدى . يىراقتىن قارىماققا ئۇ سېمىز ۋە دىقماق تۇرقى بىلەن بەئەينى ياپۇنلۇق ئاياللار نازۇك بارماقلىرى بىلەن بىرمۇ بىر تىكىپ چىققان ، بوينى يوق قوچاققا ئوخشايتتى.
ئۇنىڭ يۇرتى ئاقسۇ كەلپىندىن . كەلپىنلىكلەرنىڭ – ئېزىتقۇ-  دېگەن لەقىمى بار. بۇ مۇنداق بىر ئەپسانىۋى رىۋايەتتىن پەيدا بولغان :  ئاتۇش بىلەن كەلپىننى پەقەت بىرلا تاغ ئايرىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئىككى نەپەر ئاتۇش ئادىمى ئۆيلىنىش  ئۈچۈن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار دەل ئەشۇ تاغنىڭ ئىچىگە كەلگەندە ، گۈزەللەر گۈزېلى ئىككى  نەپەر قىزغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئىككى  نەپەر ئاتۇش ئادىمى بۇ قىزلارغا ئاشىق بوپتۇ ۋە  ياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى، پىلدىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا بېقىشقان ھالدا بۇ ئىككى گۈزەل قىزنى نىكاھىغا ئاپتۇ.  ئەسلىدە بۇ ئىككى گۈزەل قىز ئادەم ئەمەس جىنلار ئىكەن . كەلپىنلىكلەر مانا ئەشۇ ئاتۇش ئادىمى بىلەن جىندىن تۆرەلگەن ئىكەن. كەلپىنلىكلەرگە قويۇلغان – ئېزىتقۇ دېگەن ناممۇ  ئەنە ئاشۇ رىۋايەتتىن قالغان ئىكەن . دېمەككى كەلپىنلىكلەرنىڭ دادىسى ئاتۇش ئادىمى ،  ئانىسى جىن ئىكەن. شۇندىن ئېتىبارەن كەلپىن دېگەن بىر ناھىيە پەيدا بولۇپ، ھاياتلىق داۋام ئېتىشكە باشلاپتىمىش.  ئۇلار بۇ ناھىيەنىڭ نامىنىمۇ ئاتۇشتىن كېلىپ پىنھاندا توي قىلغانلار دېگەن مەنىدە – كەلپىن ، دەپ ئاتاپتىمىش.

ئەخمەت ئوۋچىنى تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ دەل ئەشۇ ئىككى نەپەر گۈزەل جىن قىزنىڭ بىرىنىڭ بالىسىدەكلا بىلىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپى يەنى ئېغىز تەرەپ ئانا جەمەتىنى، ئاياق تەرەپ دادا جەمەتى – ئاتۇش ئادىمىنى تارتقان ئىدى. جامائەتچىلىك ئىشلىرى، دەۋا ئىشلىرى ۋە باشقا توي – تۆكۈن ، ئۆلۈم  – يىتىم ، نەزىر – چىراق ئىشلىرى ، شۇنىڭدەك قىتئەمۇ – قىتئە يۈگرەپ يۈرۈپ يىغىنلارغا قاتنىشىش ،  پۇل توپلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان چەتئەللەردە زۆرۈر بولغان بارلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا ئۇنىڭ ئايىقى ھەر زامان يۈگۈرۈك ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاغزىمۇ بېسىقماي سۆزلەپ تۇراتتى. ئادەملەر ئوتتۇرسىدا قىلىنغان گەپ سۆزلەرنى توشۇپ قويۇش، كاللىنى كاللىغا سوقۇشقا سالدۇرۋېتىش ، غۇم – ئاداۋەت  ۋە پىتنە-  پاسات پەيدا قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئانا تەرەپ گېنى يەنى جىنلىق گېنى ئاكتىپلىشىپ كېتەتتى – دە ، بىردەمنىڭ ئىچىدە ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ ، چېگىش ، توقىناق پايپاق يىپىدەك بولۇپ كېتەتتى. ئۇ  سىز بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتۈپ يەنە بىرسى بىلەن كۆرۈشتىمۇ ئەيھەنناس، ئۇ كىشىگە سىز بىلەن بولۇنغان گەپ –  سۆز ۋە مەخسەت -نىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆز – قاراش ۋە تەپەككۈرلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، پەش ، چېكىتلىرى بىلەن قوشۇپ دوكلات قىلاتتى. جۈملىلەر قوشۇلسا قوشۇلاتتىكى ئەمما بىرەر ئېغىز گەپ – سۆز چۈشۈپ قالمايتتى. بۇ ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئۆزىنىڭ مەيلى ئەمەس، بەلكى جىنلىق گېنىنىڭ كۈشكۈرتىشى ئىدى. ئۇ  يۈگرەكلىكى بىلەن ئادەملەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خۇددى كوچا يۇيۇش ماشىنىسىدەك، ئۆز ئاغزى بىلەن يۇيۇپ نۆلگە تەڭ قىلىپ ماڭاتتى. ھەي بۇ ئۆزگەرمەيدىغان خۇي – پەيلىدە. ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق . چۈنكى ئۇنىڭ ئانا جەمەتى جىن تۇرسا. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەخمەت ئوۋچى بەدىنىدە جىن بىلەن ئاتۇش ئادىمىنىڭ گېنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، چەتئەللەردە خېيىم – خەتەرسىز ياشاۋاتقىنىغا توپ توغرا ئون  يىل بولدى . ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنى مالىماتاڭ قىلغاندىن باشقا، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئادەملەرنىڭمۇ تىتان تومۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى جىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نەچچە قېتىم شەھەر سىرتىدىكى ساقچىدىن خالى جايلارغا ئېلىپ بېرىلىپ قاتتىق تاياق يەپ قوۋۇرغىلىرى سۇنۇپ كەتتى. ھەي ئەسكى بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسكىسىدە.  تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. يەنە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇنى بېقىپ ، يوخلاپ دېگەندەك ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى.
ئەخمەت ئوۋچى ئۆز ئاغزى بىلەن ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، ئۇ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا « شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى » نى قۇرغانمىش. ئەينى يىللاردا ئۇ ئەمدىلا ئونبەش  ياش بولۇپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى تېزلىكتە  ۋەتەنننىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ ، ئەزا سانى ( ئەخمەت ئوۋچىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا پىدائىلار ىسانى) ئون مىڭغا يېتىپتىمىش . بۇ سەۋەپلىك ئەخمەت ئوۋچى ئون يىل تۈرمىدە ياتقانمىش. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قانداق قىينىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق قىيىن قىستاقلار ئالدىدا تەشكىلاتقا ئائىت سىرلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىدەك ، بىر تەسىرلىك ۋەقەلىكنى ناھايىتى يومۇرلۇق قىلىپ سۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر ئادەملەرگە بىر خىيالى فانتازىيەلىك فىلىمنى سۆزلەۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ . چۈنكى ھەممە ئادەم ئەخمەت ئوۋچىنىڭ بىرلا ۋاقىرسا بۈگۈنكىنى دەيمۇ ، تۆنۈگۈنكىنىمۇ – دەيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ  دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋەتەندىكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى ئۆزلىرى قۇرغان.  ئۇلار ھەر ئون  ياكى يىگىرمە يىلدا بىر قېتىم ئەنە شۇنداق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ،  ئەخمەت ئوۋچىدەك كىشىلەرنى يەمچۈك قىلىپ تاشلايدۇ –  دە ، ئاندىن شۇ بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ مېڭىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۇيۇلغان ، يۇيۇلمىغانلىقىنى، مۇستەققىللىق ۋە نارازىلىق خاھىشلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولىدۇ. بىر مەھەل ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن بۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىغا تازا ئادەم توپلۇشۇپ كۈچىيىشكە باشلىغاندا،  تورنى بىر يىغىدۇ- دە ، نۇرغۇنلىغان ياشلارنى تۈرمىگە تاشلايدۇ ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئويۇنىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى. رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەخمەت ئوۋچى – مەن چەتئەللەردىكى ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇرمەن – دەپ ماختىناتتى .   ئەمما رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن  ئۇ يەنە – مەن  ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم – دەپ ئېتىراپمۇ قىلاتتى.
سېلىم چىۋىننىڭ نەزىرسى داۋاملاشماقتا ئىدى. ئۇ  قاتتىق زەربىدىن سەنتۈرۈلۈپ چۈشكەن يوغان گۇلتەشتىكىنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ ،  نەزىرگە كەلگەنلەرگە توختىماي سۆزلەۋاتقان ئەخمەت ئوۋچىنىڭ گېپى ئۇنىڭغا  يۆتكەلدى. – : تېخى ئۈچ  ھەپتە بۇرۇن سېلىم ماڭا تېلېفون قىپتىكەن –  ئەخمەت ئاغىنە سىلەرگە ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى ، ياردەم قىلغان بولساڭلار دەپ . نېمە ئىشتى-  دەپ بارسام ، شۇ كۆڭۈل ئىشىكەن . ئاغىنە ، يەتتە ياشلىق ۋە توققۇز ياشلىق ئىككى ئوغۇل بالا باتتى . شۇلارغا ئىىكى كۈن قاراپ تۇرغان بولساڭلار،  كۈنلىكىڭلىگە ئىككى يۈز دوللاردىن تۆت يۈز دوللار بېرەي – دېدى….. سېلىم چىۋىن ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئادەملەردىن ئەڭ نۇمۇس قىلىدىغان ئۆزىگە ئائىت بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ ئىنتايىىىن ئوڭايلا سېتىلىپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى – دە ،  بىر ئىرغىپ ئۇچقانچە تەشتەك ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئەخمەت ئوۋچىغا ھۇجۇم قىلدى. سېلىم ۋىڭ ، ۋىڭ ۋىڭىلداپ ، غەزەپ بىلەن ئەخمەت ئوۋچىنىڭ بىردە ئاغزىغا ، بىردە يۈزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەت ئوۋچى قوللىرى بىلەن سېلىم چىۋىننى قورۇپ قويۇپ ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى –  كۆزلىرى خۇددى قارا زەيتۇندەك قاپقارا ، چىرايلىق كەلگەن بىر چوكانكەن. سېلىم بۇ چوكاننى ئۇيغۇرلاردىن قىزغىنىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر يوق بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. : كىم چوكانكەن ئۇ ؟ قەيەردىن كەپتۇ؟ – سورىدى توپنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن.  – ۋەتەندىن كەلگىنىگە يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ . ھەيييييييي سە……لىممممم – دەپ كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ توۋلىسا ، كاساپەت كۆزلىرى خۇمالىشىپ جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىكەن. ئەخمەت ئوۋچىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايتۇرۇپ  توپ ئىچىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى . چۈنكى ئەخمەت ئوۋچى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ چوكاننى شۇنداق كېلىشتۇرۇپ بىر دورىۋەتكەن ئىدىكى ئۇنىڭ ياغ قاپلاپ كەتكەن قوساقلىرى تىترەپ، بويۇنلىرى ئامەرىكا ھامبۇرگەرلىرىدەك قات – قات چىقىپ كەتتى. – نېمە كۈلكە بۇ! كۈلۈشنىڭ ئورنىغا ئىبرەت ئېلىش كېرەك ….ئىبرەت…بۈگۈن بىز بىر قېرىندىشىمىزنىڭ جەسىدىگىمۇ ئىگە بولالمىدۇق. جامائەتكە تەبلىغ قىلىۋاتقان قارىم  بىر بۇلۇڭدىن كۆتۈرۈلگەن بۇ ھاجەتسىز كۈلكىنى ئاڭلاپ ، دېققىتىنى شۇ تەرەپكە بۇرىدى – دە،  بىرمۇنچە كايىدى. ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر گەرچە قوللىرىنى قوشتۇرۇپ ، يەرگە قاراپ تۇرىشۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن دوراشلىرىدىن ئىچىدە خىقىراپ كۈلۈشمەكتە ئىدى. بىرھازادىن كېيىن ھېلىقى ئادەملەر توپى يەنە ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئەتراپىغا توپلاندى. – رەھمەتلىك ئۇ چوكاندىن بەك رازى بولاپ كەتىپتىكەن – دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ –  بوپتۇ قاراپ بەرسەم قاراپ بېرەي ئىككى كۈنلۈككە تۆت يۈز  دوللار ئوڭاي پۇل ئەمەس – دېدىم -دە ،  گۈلۈمگە باشقا بىر شەھەرگە ئىش كۆرگىلى بارىمەن – دەپ،  يالغان ئېيتىپ ، سېلىماخۇننىڭ خىزمىتىدە بولدۇم . قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداقراق ئاغىنە ئەھۋالىڭ – دىسەم ، بىزمۇ مۇشۇ خوتۇنلارنى خوتۇن دەپ ياشاپ يۈرۈپتۇق دېگىنە ئوۋچى سالتاڭ . ۋاي ۋاي ۋاي خوتۇن دېگەن ئەسلى مۇنداق بولىدىكەن ئەمەسما. ئىككى  كۈندە ئون  ياش ياشىرىپ كەتتىم  – دىگەنتى رەھمەتلىك .  ھەي بىردەمنىڭ ئىچىدە رەھمەتلىك بولاپ كەتتى دەپ ئېغىر ئۇھ تارتتى ئەخمەت ئوۋچى.  ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئانا تەرەپ جىنلىق گېنى يەنە ئاكتىپلاشقان بولۇپ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سېلىمنىڭ ئادەم ۋاقتىدىكى شەخسىيىتىگە ئائىت ھەممە ئۇچۇرلارنى تۆكىۋەتتى – دە،
بىردىنلا ئۇ نىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ،  چىرايلىرى سەل قارىداشقا باشلىدى .  ئۇ بۇ قېتىم سېلىمنى يەنە باشقا بىر تېمىدا سېسىتىدىغاندەك  قىلاتتى. ئۇ ئىچىدە نېمىلەرنىدۇر دەپ غۇدۇراپ قويدى. بۇنى سەزگەن توپنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن – ئەخمەت ، چىڭ چىڭ گەپ قىلىڭلا ئاغىنە ، بىزمۇ ئاڭلايلى . سېلىم قان بىلەن قاتتىق يېقىن بولاپ كېتىپتىكەنسىلەردە – دىۋىدى ، ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى – ھەي باللا، مەن سېلىمگە قىلغان ئۇنداق ياخشىلىقنى خېلى-خېلى ئوغۇل بالا قىلمايدۇ جۇما . ئەمما مەن سېلىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر گەپنى ئاڭلاپلا لاتا نىمىكەنسەن دەپ ، تاكى ئۆلەپ كەتكىچە يۈزىگىمۇ قارىمىغانتىم – دېدى ئۇ ئاغرىنغانلىقىنى ئوچۇق چاندۇرۇپ. – قانداق لاتىلىق قىلدى ، دەپلا تۈگەتمەمسەن – دېدى توپ ئىچىدىكى يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ. – ئۆزەڭلا بىلىسىلەر ، بۇ  يېقىندا جەمئىيەتنىڭ سايلىمى بولىدىغۇ، شۇڭا  مەن جەمئىيەتكە رەئىس بولۇش ئارزۇيىمنى ئېيتىپ ، ئۆزەمنى  نامزاتلىققا كۆرسەتسەم ، خەق مېنى سايلامۇ – دەپ،  سېلىمگە مەسلەھەت سالغىلى بارغانتىم . ئۇ گۇي سەل ئىچىۋالغانمۇ،  ئىشقىلىپ بوينۇمغا ئېسىلىپ ، قۇلىقىمنىڭ يېنىغا كېلىپ : ھەي ئوۋچى سالتاڭ ! سەن يوغانراق بىر ئەر كىشىنىڭ پالان نېمىسىدەكلا تۇرساڭ ، خەق سېنى رەئىس قىلامدا – ۋەىت…….دەيدۇ – دېدى ئۇ، ھېچ ئۇيالماستىن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا توپ ئىچىدىن تېخىمۇ قاتتىق قىقاس كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. نەزىردە ئارقا ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۈلكە ئاۋازى زال ئىچىدىكى ئادەملەرنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ يۇرتنىڭ ئىمامى تېخىمۇ قايناشقا باشىدى – مانا مانا، مۇشۇنداقلىقىمىزدىن ئاللا بىزگە بۇ كۈنلەرنى كۆرسىتۈۋاتىدۇ.  ئاللا خالىسا بىزنى جەسىدىمىز بىلەن يەرلىككە قويۇشقا نېسىپ قىلىدۇ . خالىسا جەسەتلىرىمىزنىمۇ مانا مۇشۇنداق پارام پارچە، تونۇغۇسىز قىلىۋېتىدۇ. مەيلى ئوقىغان ئالىم زىيالى بول . نېمە بولساڭ بولۇش، بارىدىغان جايىڭ ئاللانىڭ دەرگاھى . ناماز ئوقۇش . ئۆلۈمدە كۈلگەننىڭ ئورنىغا ئىبرەت ئېلىش ……
ئەسلىدە سېلىم ۋەتەندىن  يېڭى كەلگەن بۇ ئايالنى مۇشۇ دۆلەتتىكى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋالىق بېرىش يىغىنىغا ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پۇرسەتنى ئىنتايىن تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئۇ خانىممۇ ۋەتەندە ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولىۋاتقان ياش يىگىتلەر ۋە تۈرمىلەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىۋاتقانلار، شۇنىڭدەك ساراڭ بولۇپ قېلىۋاتقانلار ھەققىدە گۇۋالىق بەرگەن ئىدى. سېلىم ئەسلىدە،  ياخشى نىيەتلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان « ئەخمەت ئوۋچىنى ئوڭشاش  گورۇپپى » سىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى . بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر كۈنى مەسلىھەتلىشىپ ئەخمەت ئوۋچىنى ئوڭشاش قارارىغا كەلدى – ئاغىنىلەر، ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئاغزىدا چاتاق بولغان بىلەن ئايىغى يەڭگىل ، قولى ئوچۇق يىتىم . ئۇنى ئارىمىزغا ئېلىپ ئانى قىل ، مانى قىلما دەپ،  ئوڭشىۋالايلۇق – دىدى،  ئۇزۇن تۇرا ، ئاۋاق كەلگەن ياسىناخۇن كۆپچىلىككە . ياسىناخۇننىڭ ئەشۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەن  بەش – ئالتە ئەركىشىدىن تەركىپ تاپقان «   ئەخمەت ئوۋچىنى ئوڭشاش گورۇپپى » سى قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا تەرەپ – تەرەپتىن گەپ قىلىپ، گەپ توشۇمايدىغان،  گەپكە گەپنى قاتمايدىغان، كاللىنى كاللىغا سوقۇشقا سالدۇرمايدىغان ، پىتنە تارقاتمايدىغان يېڭى بىر ئەخمەت ئوۋچىنى تەربىيەلەپ چىقىش ئىدى . ئەمما بۇ گورۇپىمۇ  ئۇنىڭ خارەكتېرىنى ئۆزگەرتەلمىدى . بەزى سورۇنلاردا ئەخمەت ئوۋچى ھەققىدە چاخچاقلار بولۇپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئاغزىغا قۇلۇپ ، ياكى سېرىتما بېكىتىپ ئاچقۇچىنى گۈلىگە بېرىپ قويايلى.  ئەگەر مۇھىم گەپ قىلىش زۆرۈر بولغاندا گۈلى قۇلۇپنى ئېچىپ بەرسۇن – دېگۈچىلەرمۇ بولدى . چۈنكى ئۇنى  ئوڭشاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى . ئۇ ئاخىرقى تىنىقلىرى قېلىپ ، ساكىراتقا چۈشكەن مەزگىللىرىدىمۇ، ياسىن ئوقۇۋاتقان قارىمغا بىر مۇنچە ئاۋۇ  ماۋۇنى دېگەن،  ئۇ بۇنى دېگەن – دېگەنگە ئوخشاش ئەرەپنىڭ چېچىدەك چىگىش بىرنېمىلەرنى دېيىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ،  جان بېرىشى مۈمكىن. ئۇنىڭغا  ئوۋچى تەخەللۇسىنىڭ قانداق قويۇلۇپ قالغانلىقى نامەلۇم .  ئەمما كىشىلەر ئۇنى ئوۋچى تەخەللۇسىنى قوللانماي- ئەخمەت دەپلا چاقىرسا، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالاتتى – دە –  ئاۋۇ ھارامدىن بولغان جالاپ خوتۇننىڭ بالىسى مېنى ئەخمەت دەپلا چاقىرىپ يۈرىدۇ يا، خۇددى مەن ئۇنىڭ بىژنىمىسىنى بىژنىمە قىغاندەك – دەپ، ئاغىزىنى بۇزۇپ،  غۇدۇڭشۇپ كېتەتتى . ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە يۈزلىرى خۇددى پاكىز قانسىراتقان ئۆپكىدەك ئاقىرىپ كېتەتتى – دە،  يۈزلىرىنىڭ ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرىدىكى قارا مەڭلەر خۇددى قارا مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ كېتەتتى.
ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئۆزى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سېلىم چىۋىننىڭ ئەرلىك غورۇرى ئىنتايىن دەپسەندە بولدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئادېمىلىكتىن كەلگەندە. ئۇ ئاخىردا يەنە گۇنانى ئۆزىگە قويدى –  ئىككى ئادەم بىلگەن نەرسە سىر بولمايدۇ ئەلۋەتتە – دېدى – دە ،  شۇكلىگىنىچە ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشقاباشىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئۆزى سەزمىگەن ھالەتتە ئاقماقتا ئىدى . چۈنكى ئۇ ۋەتەن مىللەت ھەققىدە ئويلۇنۇپ،  ئۇ تەرىپى ئۇزاق ئۆتمۈش ، بۇ تەرىپى كېلەچەككە قەدەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئارقىلىق،  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىق ۋە ھۆرلۈك ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئادەم ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەتتەر ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق بولىۋاتقىنى ئۇيغۇر روھىيىتىدە  بارغانچە زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقان زىيالىلىق، ئادېمىيلىك ۋە ئەركەكلىك غورۇر ئىدى . بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مىللەتتىكى بېخوتلۇق كېسىلى دېيىشكە توغرا كېلەتتى.
مەيلى ئەر،  مەيلى ئايال بولسۇن ۋە ياكى كۆزلەرنىڭ ، رەڭگى چوڭلىقى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ياش ئوخشاش . ياشنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش.  يەنى يۈرەك – ئىچكى تۇيغۇ.  يىغلاشتىن ھېچ قورقمىغىنكى، ئىچىڭدىكى سېنى ئازاپلاۋاتقان ئاچچىق زەرداپلار ياش بىلەن بىللە چىقىپ كەتسۇن . دۇنيادىكى بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەر كۆپ يىغلىغان مىللەتلەردۇر .  شۇڭا ئۇلار قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق قەدىرلەش كېرەكلىكىنى تازا ياخشى بىلىدۇ. روھى پاكىز ۋە جەسۇر مىللەتلەرمۇ كۆپ يىغلىغان مىللەتلەردۇر. ئۇلار ياش ئارقىلىق ۋۇجۇدىدىكى مەينەت زەرداپلارنى تازلاپ تۇرىدۇ. سېلىم چىۋىننىڭ ياشلىرى گۈل تەشتىكىدىكى تۇپراق بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزىرسى داۋاملاشماقتا ئىدى. گەرچە دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭ جەسىدى بولمىسىمۇ لېكىن  بۇ دۆلەتتە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائېتى بىر تەقلىدى جىنازا ھازىرلاپ ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ، بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىشنى ۋە قەبرە تېشى ئورنۇتۇپ ،  سېلىمنىڭ مۇھاجىرەتتە قۇربان بولغان تۇنجى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ، قانداق ئۆلگەنلىكىنى يېزىپ ، تارىخ قىلىپ قويۇشنى لايىق كۆرۈشتى . مەخسۇس ئۆلچەملىك قىلىپ بۇيرۇتۇلغان جىنازىمۇ يېتىپ كەلدى ۋە زالنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . پېشىن ۋاقتى بولۇپ قالغان بولغاچقا،  قارىم يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن ، جىنازە  نامىزى چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەرمۇ ئابدەست  ئېلىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىشقا باشلىدى . شۇ ۋەجىدىن سېلىم قونىۋالغان گۈل تەشتىكىنىڭ ئەتراپىمۇ چۆلدەرەپ قالغاچقا ئۇ  ئاستا ئۇچۇپ،  ئاۋال بىر ئورۇندۇقنىڭ گىرۋىكىگە،  ئاندىن ئىشىكلەرگە قونۇپ دېگۈدەك  ئادەملەر توپىغا قوشۇلىۋالدى . ئۇنىڭ قۇلىقىغا –  ئەي خۇدا ئۇلۇقكەن جۇمۇ.  بۇ دۇنيادا  كىمگە قىلساڭ ، ئۇنىڭ ئەينىسىنى ساڭا كۆرسىتىدىكەن .  بۇرۇن تاغ ئايلانغان بولسا ھازىر بوسۇغا………..ھەي…… – دېگەن سۆزلەر كىرىپ قالدى. بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان سېلىم چىۋىننىڭ يۇرتلىقى ئەزىز ئادىداس ئىدى . ئەينى يىللاردا سودا-  تىجارەت جانلانغان چاغلاردا ، ئەزىز ئوتتۇرا ئاسىياغا ئادىداس يۆتكەپ سېتىپ پۇل تاپقان بايلاردىن ئىدى . سېلىم چىۋىن ئاستا ئۇچۇپ كېلىپ ئەزىز ئادىداسنىڭ ياقىسىغا قونىۋالدى – دە،  گەپ تىڭشاشقا باشلىدى –  : ئۆتكەن يىلى ئاپام – داداملار ۋەتەندىن كەلگەندە، سېلىم ئەشۇ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە ، بىر ئېغىز ئېڭگىلىزچە بىلمەيدىغان دادام- ئاپاملارنى ماشىنىسىدىن چۈشۈرىۋېتىپتىكەن قاراڭلار خالايىق ، بۇ يىل دەل ئۆزى ئاشۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن  چۈشۈپ كېتىپتۇ . قىپ – قىزىل ساراڭ نېمىتى ئۇ . ئەل قىساسى مىنەل ھەق دېگەن شۇدە.
ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغان ئىدى . ئۆتكەن يىلى ئەزىز ئادىداسنىڭ ۋەتەندىن ئاتا- ئانىلىرى كەلدى . ئۇيغۇرلار ئۇلارنى بىرمۇ- بىر ئۆيلىرىگە چاقىرىشىپ كاتتا مىھمان قىلىشتى. سېلىممۇ شۇ قاتاردا مىھمان دوستلۇقىنى كۆرسەتتى . ئۇ بىر قوينى سويۇپ قوۋۇرغا كاۋاپ، زىق كاۋاپ،  تونۇر كاۋاپ  ۋە توخۇ كاۋاپ دېگەندەكلەرنى تەييارلىدى . ئۇنىڭ خانىمى ئاشلەڭپۇڭ، سېرىق ئاش، شىرنە قىسماق ۋە نۇرغۇنلىغان سوغۇق سەيلەرنى تەييارلاپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر لارنى چاقىرىپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر كۆل بويىغا دالا تامىقى ئورۇنلاشتۇردى.  ئەزىز ئادىداسنىڭ ئاتا – ئانىلىرى  شەھەر سىرتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، چەكسىز كەتكەن ياپيېشىل ئېتىزلىقلار، مۆرىشىۋاتقان كالا ،قوي پادىلىرى، ۋە غۇچچىدە ئېچىلغان ياۋا گۈل، قۇچاق يەتكۈسىز دەرەخلەردە ئېچىلىپ تۇرغان رەڭگا- رەڭ چىچەكلەرنى ، شۇنداقلا بۇ شەھەرنىڭ ھەم تېنىچ  ھەم ساپ ھاۋاسىنى ۋەتەننىڭ كۈنەس،تېكەس، نىلقا ۋە موڭغۇلكۈرە يايلاقلىرىغا ئوخشۇتۇپ ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. سورۇندا دۇتار، تەمبۇر، ئاكاردىيۇنلارمۇ چېلىنىپ ناھايىتى قىزغىن بىر كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.
بىلگىڭ كەلدىمۇ يايرىم،
كىم بىلەن يۈرگەنىمنى.
ئەسلەپ قويارسەنمۇ يايرىم،
سېنىلا سۆيگەنىمنى.
ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى،
شېرىن كېچىلەر كەتتى.
مېنى شۇنداق كەتتى دەمسەن؟
قەلبىم سەن بىلەن كەتتى.
………………
كىردىمۇ چۈشلەرىڭگە،
ئۈچدەرۋاز كوچالارى.
ئەگەر سۆيسەڭ يۈرەگىڭدىن
ئەسلەپ قويارسەن مېنى.
كاۋاپلار بىر قۇر تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، سېلىم ئاكاردىيۇننى قولىغا ئالدى- دە ، ياش ۋاقتىلىرىدا كۆپ چالغان يوقۇردىكى ناخشىنىى جىرلاشقا باشلىدى.  كۆز يەتكۈسىز ئۇزاقلارغا سوزۇلغان كۆپ- كۆك كۆل سۈيى ، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سەلكىن شامالدا تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ كېلىپ ساھىل ئانىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتماقتا ئىدى. ئادەمسىز تېنچ ياپ – يېشىل باغچە، كۆل سۈيى ۋە ئۆلمەس ناخشىلار قوشۇلۇپ سورۇننىڭ كەيپىياتى باشقىچە جانلانغان  بولۇپ،  قەلبلەردە ۋەتەن ۋە ئانا يۇرتنى سېغىنىش ئىستىگى تىپچەكلىمەكتە ئىدى  . سېلىم كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ پۈتۈن زىھنى ، ئىشتىياقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ئاكاردىيۇننى چالماقتا. شۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بوستان شەھەر غۇلجىنىڭ ھەر بىر گۈل – گۈلىستان مەھەللىلىرى، ئىلى دەريا بويلىرى، ئالمىزارلىق قورۇلار بىرمۇ ، بىر كۆرۈنۈش بولۇپ ئۆتمەكتە ئىدى . سورۇندا دۇتتار ، تەمبۇرمۇ چېلىنىپ ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئورۇنلاندى.  بىر قۇر كۈلكە چاخچاقمۇ بولۇپ ئۆتتى . ئەلۋەتتە بۇ دۆلەت بەك كۆپ غەۋغا، شاۋقۇن – سۈرەننى كۆتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، غۇلجا سورۇنلىرىدا ئۇچرايدىغان خەپشۈك ھەي …………..خەپشۈك. ئو،ھوي… راس ھوي راس – دەپ ۋاقىراشلار، ۋۇششەرە- دەپ رۇمكا سوقۇشتۇرۇشلار، ئازراق قىزىۋالغاندىن كېيىنكى كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشلەر، مەسلەرنىڭ  ھاياجانلىنىپ مەيدىلىرىگە ئۇرۇشلىرىدەك كۆرۈنۈشلەر بولمىسىمۇ ئەمما ناھايىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەت، سۆھبەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر سورۇن بولغان ئىدى…….
دۇنيادا ئۆزەڭنىڭ نەرسىلىرىڭدەك قىممەتلىك نەرسىلەر بولمىسا كېرەك . مەيلى ئۇ ئىجابى نەرسىلەر بولسۇن ۋە ياكى سەلبى نەرسىلەر بولسۇن. دۇنيانىڭ نەرىگە باساڭ بار، ئۆز نەرسىلىرىڭنى سېغىنىسەن ، پۇرايسەن ، ئىزلەيسەن . ساڭا ئۇ ھەر زامان سايە بولۇپ ئەگىشىپ ، سېنىڭ سېغىنىش پۇراقلىرىڭنى، پىغانلىرىڭنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. بەزەن مىيىغىڭدا كۈلۈپ قويىسەن،  بەزەن ئۇھ تارتىسەن . بۇ سورۇنغا داخىل بولغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەن سورۇنلىرىدىكى ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئۇششاق ئامىللار ھەتتا غىققىدە ئىچىۋېلىپ ھار ۋاقت ئۆزىنى مالاڭ قىلىدىغان، يىغلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل چۈشەندۈرۈپ، بىر گەپنى قايتىلاۋېرىدىغان  مەسلەرگىچە چوڭقۇر سېغىنغان ئىدى. سورۇندا يىيىش،  ئىچىش ۋە ساز- پازلار بىر قۇر تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن ، سېلىمنىڭ خوشنىسى داۋۇت سورۇنغا داخىل بولغان مىھمانلارنى  ئۆز – ئارا تونۇشتۇردى . تونۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆز – ئارە سۆھبەت باشلىنىپ كۆپچىلىك ئەزىزنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ۋەتەننىڭ،  يۇرت – جامائەت، تونۇش – بىلىش، ئەل – ئاغىنىلەرنىڭ  ئەھۋالىنى سوراشقا باشلىدى.
– ھازىر بۇرۇنقىدىن جىق ياخشى بولۇپ كەتتى شىنجىاڭدا ئىشلار- دەپ ، گەپ باشلىدى ئەزىزنىڭ دادىسى مەترېھىم . مەنمۇ دەم ئېلىشقا چىققىلى بەش يىل بولدى . ئىلى ئوبلاستلىق سىياسى كېڭەش ئەزاسى بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىمغا ئون يىل بولدى . ھەر ھالدا ھۆكۈمەت قانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا بىزدىن مەسلىھەت ئېلىپ قىلىدۇ . ئاللاغا مىڭ شۈكۈر.
مەترېھىمنىڭ ئاغىزىدىن چىققان « شىنجىاڭ » ئاتالغۇسى بىلەن سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسىمەن دېگەن ئىبارىنى تۇيۇش بىلەن تەڭ سېلىمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ ئۆرتەندى ئەمما ئۇ چاندۇرمىدى . -بەلكىم شىنجىاڭنىڭ شەرقى تۈركىستان – دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى  بىلمەيدىغاندۇر . نەدىن بىلسۇن بۇ بىچارە، ۋەتەندىن باشقا يەرگە چىقىپ باقمىسا دەپ- مەترېھىمگە ھەق بېرىشكە  تىرىشتى ئۇ خىيالەن . لېكىن ئۇنىڭ -مەن سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسىمەن – دىگەن سۆزلىرى ،سېلمنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا ئانتراكتىكىنىڭ مۇزدەك سۈيىنى چېچىۋەتكەندەك بولدى . چۈنكى ئۇ سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەملەردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى . 5-فېبرال غۇلجا ئىنقىلاۋى بولغان مەزگىللەردە ، خىتاي ھۆكۈمىتى  دەرھال سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ خارەكتېرىنى ئومۇمى يۈزلۈك  قارىلاشقا ئاتالمىش « خەلق پىكرى » ئاساسىنى تۇرغۇزغان . ئازراق ۋىجدانى بار، ئاق- قارىنى پەرق ئېتىدىغان ، روھى تېخى ئۆلمىگەن سىياسى كېڭەش ئەزالىرى، ئەزالىقتىن دەرھال ئىستىپا بەرگەن ۋە ياكى بانايى سەۋەپ كۆرسىتىپ، شۇ كۈنكى تېلىۋىزوردا ئاڭلىتىلغان    قارىلاش يىغىنىغا قاتناشمىغان ئىدى . ئەمما نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىللىق غالچا سىياسى كېڭەش ئەزالىرى، 5- فېبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىغا قاتناشقان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى قارىلىغان ھەتتا نومۇس قىلماستىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەكىتلەيدىغان « ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى  كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك ئۇر -ئۇر قىلىش كېرەك » دېگەن  ئىبارىلەرنىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا  بەس – بەستە تەكرارلاشقان ئىدى . ئەنە شۇ يىللاردا سېلىم غۇلجىدا ئىدى . تېلىۋىزورئاڭلىتىشلىرىدا  بۇ خائىنلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارىلىغان مۇھاكىمىلىرى ئايلارچە  ھەتتا يىللارغىچە سوزۇلغان ئىدى . لېكىن ھېچقانداق بىر سىياسى كېڭەش ئەزاسى بۇ بالىلارنى قەيەرگە سولىدىڭلار، ھىچبولمىغاندا بۇلارنىڭ ئىز – دېرىگىنى بولسىمۇ بېرىڭلار، ئاتا – ئانىلار ، ئائىلىلىرى خاتىرجەم بولسۇن ،   سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ سانى ئەللىكتىن   ئاشتى، بىز سىياسى كېڭەش ئەزالىرى تۈرمىلەرنى ، ساقچىخانىلارنى زىيارەت قىلىپ باقساق – دېگەن گەپنىمۇ دېيەلمىگەن ئىدى . سېلىم ۋە ئۇنىڭ ئەل – ئاغىنىلىرى بىرلىشىپ سىياسى كېڭەش ئەزالىرىغا  بىر تەكلىپ يوللىغان بولسىمۇ ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن ئىدى.  ئارىدىن 15 -16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ  سىياسى كېڭەش ئەزالىرىغا بولغان قاتتىق نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى ئۇ يۈرىكىىدە  كۆتۈرۈپ يۈرمەكتە ئىدى.  ۋەتەندىن كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرى سېلىمنىڭ كونا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئېچىنىشلىق يارىسىغا تۇز سەپكەن ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالدى . چۈنكى ئۇ ساھىپخان- دە . ئۇ يەنە -خەيرىيەت ، گۇنا روھى دۇنياسى قاراڭغۇ ئورماندا قالغانلاردا ئەمەس، بەلكى  روھىيىتىمىزنى ئەشۇ قاراڭغۇ ئورمانغا باشلاپ كىرگەنلەردە- دەپ،  ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە باشلىدى. كۈچلۈك ئىمپېريالىستلارنىڭ ھەر ۋاقت قوللىنىدىغان ھىلىسى، ئاجىز مىللەتلەرنىڭ روھىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرىدا قۇل قىلىش . بىزنىڭ بۇندىن كېيىن چەتئەللەردە ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر دەۋايىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر روھىيىتىنى جۇلالتىش ، ئۆزىمىز ئۆلسەك ئۆلەيلىكى، ئەمما ئۇيغۇرلۇق روھىمىز ئۆلمىسۇن – دەپ ئويلىدى . قانداقلا بولمىسۇن سورۇن جېدەل – غەۋغاسىز، تارتىشما ، ھەم مۇنازىرىسىز ، ساق- سالامەت ئاخىرلاشتى.
يازنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرى داۋاملاشماقتا ئىدى . ئۇلار ئەتتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت  5 كىچە ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەمدى قايتماقچى بولۇشتى. سورۇندىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز ئۆيلىرىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە ئۈچ سائەتلىك يول بار ئىدى.
سېلىم ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قوزغۇلاي دەپ تۇرىۋىدى ، ئەزىز ئادىداس  –  توختا-توختا دەپ قول ئىشارىتى قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا  يۈگرۈپ كەلدى ۋە – مېنىڭ ماشىنام كىچىك  بولغاچقا   دادام ئاپاملار بۇ ياققا كەلگىچە راھەت بولالمىدى، قايتىشتا سېنىڭ ماشىناڭ 7 كىشىلىك  بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى سەن ئېلىۋالغان بولساڭ – دەپ ئۆتۈندى  . – چاتاق يوق ، چىقسۇن-  دېدى سېلىم ئوغۇل بالىچىلىق قىلىپ . شۇنداق قىلىپ  ئۇ ،  ۋەتەندىن كەلگەن سىياسى كېڭەش ئەزاسى  ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن ئۆزى خالىمىغان ھالدا يەنە سەپەرداش بولۇپ قالدى. ماشىنا قوزغۇلۇپ ئالاھەزەل 15 مىنۇتلار ئۆتكەنگە قەدەر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . ئۇلار ئادەتتىكى يوللاردىن قايرىلىپ  شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىگە قاراپ سوزۇلغان يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغىمۇ بىمالال كىرىۋالدى.
– ئۇكام ، ئۆزىڭىزغۇ خويمۇ ئوبدان بىر بالىكەنسىز . ئاكاردىيۇننىمۇ چېلىپ ، جىرلاپ دېگەندەك چاڭ چىقىرۋەتتىڭىز. دۇتتار، تەمبۇر دېگەننىمۇ چالىدىكەنسىز . ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىمۇ ياخشى ئېيتىدىكەنسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئوبدان ئائىلىڭىز ياخشى ، ئىقتىسادىڭىزمۇ باركەن .  ئېڭگىلىزچىنىمۇ سۇدەك سۆزلەيدىكەنسىز . نېمىشقا بۇنداق يوللارغا كىرىپ قالغانسىز ؟ – دىدى سىياسى كېڭەش ئەزاسىنىڭ خانىمى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
– قايسۇ يولنى دەيسىز ھەدە؟ – سورىدى سېلىم ، خانىمنىڭ سوالىغا سوال بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ.
– ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىدىغانچۇ؟
– ھە، مۇنداق دەڭ……..سېلىم كۈلۈپ كەتتى ۋە – مەن ئۆزەم خالاپ تاللىغان بۇ يولنى . پۇشمان قىلمايمەن ھەدە -دېدى جاۋابەن. ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق قاپلىدى . ئاندىن سىياسى كېڭەش ئەزاسى سۆزلەشكە باشلىدى. – ھازىر غۇلجىلار بەك ياخشى بولۇپ كەتتى . تەلكە تاغلىرىنى تېشىپ ، ناھايىتى يوقۇرى تېخنىكا بىلەن مۇشۇ يولغا ئوخشاشلا يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسالدى . .. سىياسى كېڭەش ئەزاسى « ناھايىتى » –  دېگەن گەپنى سوزۇپ ۋە يىمىرىپ ئېتاتتى . ئۇ يەنە داۋام ئەتمەكتە – غۇلجىغا پويۇز كەلدى . ھازىر غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە پەقەت سەككىز سائەتتىلا كىرىپ كەتكىلى بولىدۇ. ئىلى دەرياسىغا  يېڭى كۆۋرۈك سېلىندى………….سىياسى كېڭەش ئەزاسى توختىماي خىتاينى ماختايتتى . خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس خىتاينى ماختاش ئۈچۈن ئۇنى چەتئەلگە چىقارغاندەكلا.  ئالاھەزەل يېرىم ساەتچە ماختىغاندىن كېيىن ، سىياسى كېڭەش ئەزاسى  جىمىپ قالدى . بەلكىم چارچاپ قالغان بولسا كېرەك. سېلىم ئۇنىڭ ماختاشلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي ، سۈكۈت ئىچىدە ماشىنىسىنى ھەيدەۋەردى. بۇ قېتىم سىياسى كېڭەش ئەزاسىنىڭ خانىمى سۆزلەشكە باشلىدى. – ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى . ئەگەر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەت ئېلىشقا توغرا كەلسە ، ئۇلارغا ئەسلى باھادىن ئۈچ ھەسسە يوقۇرى باھا بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى قۇرۇلۇشلارغا توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇنداق.
ئارىنى سۈكۈنات قاپلىدى. سېلىم ئىچىدە ئاللاھىم  ! يا رەببىم ، ماڭا ئۆزەڭ سەبىر بەرگەيسەن . مېنى كىم بىلەن ئۇچراشتۇرساڭ ئۇچراشتۇرغىنكى ، ئەمما بۇنداق روھى ئۆلگەن ئادەملەر بىلەن ھەرگىز ئۇچراشتۇرمىغىن-  دەپ ، دۇئا قىلاتتى  ئىچىدە. – ئەمما بەزى مىللى بۆلگۈنچى ، تېرورچىلار ئۇ يەر،  بۇ يەرلەردە خەنزۇ يولداشلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ يۈزىمىزنى بەك تۆكۈۋەتتى . ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ كىرگەن خەنزۇ ساقچىلار، بىزگىمۇ ئامال يوق ھەدە ! ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يول قويساق بولمايدۇ – دېيىشىپ  ئۆزرە ئېيتىدۇ بىزگە- دېدى ، ھېلىقى موماي كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ . ئۇنىڭغا ئۇلاپلا  سىياسى كېڭەش ئەزاسى سۆزلەشكە باشلىدى –  ئۇيغۇرلار ھورۇن،  بەك ھورۇن . خەنزۇ يولداشلار – بىزگە   تارتقۇزۇپ قويمىغان پەقەت جامىرىڭلارلا قالدى ، قالغان ھەممە نېمەڭلارنى تارتقۇزۇپ قويدۇڭلار – دەۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بەك كۈچلۈك ھازىر.  تېرورچىلار بۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا ئۇيغۇرلانىڭ يۈزىنى بەك تۆكىۋېتىدۇ…ھازىرمۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قالمىغىلى تۇردى.
سېلىم ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى – دە،  ئاندىن ھەي ئاكا، دەريادىكى سۇ  يوقۇرى ئۆرلىگەنسىرى بېلىقلار دەريادىكى ھاشارەتلەرنى يەيدۇ . دەريا سۈيى چېكىنگەندە بولسا ھاشارەتلەر بېلىقلارنى يەيدۇ . بۈگۈن ھېچكىم ئۆزىنىڭ كۆچلۈكلىكى ۋە شۆھرىتى بىلەن ماختىنىشقا ھەقلىق ئەمەس . چۈنكى ئەتە كىمنى كىمنىڭ يەيدىغانلىقىنى سۇنىڭ كۈچى بەلگىلەيدۇ – دېدى – دە، سۈرئەتنى سەل ئاستىلاتتى ۋە يوقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ  توختاش رايۇنىغا ئۆتۈپ ، ماشىنىسىنىڭ جىددى ئەھۋالدا توختاش سىگنالىنى ئېچىپ تۇرمۇزلىدى . ئۇ  ھېلىقى ۋىتىلداق  خانىمىنىڭ –  سېلىم  ئۇكام ئۇنداق قىلماڭ – دېگىنىگىمۇ قۇلاق سالماي ،   ماشىنىدىن ئىرغىپ چۈشتى- دە،  ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ ئىشىكنى ئاچتى ۋە زەردە بىلەن :  ماشىنامدىن چۈشۈش – دەپ ۋاقىرىدى . ۋوي ، ۋوي نېمە بولدى ؟ بىز قانداق كېتىمىز بۇ يەردىن .  ئەزىز نەدە قالدى ؟ ھېچبولمىسا ئۇنى  چاقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز – دېدى تىترەپ تۇرغان سىياسى كېڭەش ئەزاسى بىلەن ئۇنىڭ خانىمى يىلىنىپ. . – قەلبىڭدىكى ناھايىتى ھۆرمەتلىك ۋە كۈچلۈك خىتاي كونسۇلى ۋە ئۇ يەردىكى ساڭا سىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان  خەنزۇ بۇرادەرلىرىڭ كېلىپ سەنلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ.   ئەنسىرەشمە – دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن . شۇنداق قىلىپ  سېلىم بۇ سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بىلەن  ئۇنىڭ مومىيىنى يوقۈرى سۈرئەتلىك تاش يولغا تاشلاپ قويدى -دە  يەتمىش پۇشتۇڭنى  پالان قىلاي شوۋىكەش گۇيلار ! پالان نېمەم….- دەپ ئاغزىنى بۇزغانچە خانىمى بىلەن  يۈرۈپ كەتتى . بۇ چاغدا خېلى كەچ كىرىپ قالغان بولۇپ ، ماشىنىلار يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا   يۈز يىگىرمە  – يۈز ئوتتۇزلۇق   سۈرئەت بىلەن ئۇچماقتا ئىدى .
ئەگەر بەدەننىڭ ئۆلۈشى بىلەن روھنىڭ ئۆلۈشىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ، ئۆلۈم ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش ئەمەس .  ئەسلى يوقۇتۇش ياشاۋاتقان ھالدا  ئىچىمىزدە تۇرۇپ ئۆلگەنلەردۇر . بىرىنجىسىدە بەدەن ئۆلگەن . ئىككىنچىسىدە بولسا رۇھ ئۆلگەن بولىدۇ . بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سۆيگەنلىرىنى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ ماڭغان قاتىلارنى ياشىسۇن دەپ شوئار توۋلايدۇ .  رۇھ بىزنى جاسارەت بىلەن شان شەرەپ يولىغا باشلايدىغان ماياكتۇر . سېلىم قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياشلار چەتئەللەرگە چىقىپ ۋەتەن دەۋاسى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جاسارەتنى ئانا خەلقى ۋە ۋەتىنى بەرگەن ئۇلۇق  رۇھتىن ئالغان . تاغلار يىلتىزلىرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقى نىسبىتىدە يۈكسىلىدۇ .  ئەمما مىللەت ئۆزىدە قانچىلىك رۇھنىڭ بارلىقى بىلەن يۈكسىلىدۇ. سېلىم ھەر قاچان غەزەپلەنگەندە  چەتئەلگە يولغا چىقىش ئالدىدا ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان ۋەسىيەتلىرىنى يادىغا ئالاتتى : « ئوغلۇم ، سەن تۇغۇلغاندا ھەممە ئادەم كۈلدى ، ئەمما سەن يىغلىدىڭ ، كەت يىراقلارغا كەت ، ئەمما سەن ئۆلگەندە ھەممە ئادەم يىغلىسۇنكى سەن كۈل .  ئەگەر بۇ دۇنيادا قايتا كۆرۈشەلىسەك كۆرۈشەلىدۇق . ئەگەر كۆرۈشەلمىسەك بۇ مېنىڭ ۋەسىيىتىم ساڭا .  ئۇ دۇنيادا كۆرۈشەيلى »
شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە سېلىمنىڭ ئۆيىگە ساقچىلار كەلدى . ئۇلار سېلىمدىن نېمىشقا بۇ دۆلەتكە ساياھەتكە كەلگەن بۇ ئىككى نەپەر مىھماننى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا تاشلاپ قويغانلىقىنى سورىدى . ئۇ  ساقچىلارغا : مەن ئۇ ئىككەيلەننى ئاشۇ يەرگە كەلگىچە ئەكىلىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم .  ئۇلارنى مەنزىلىگە ئاپىرىپ قويۇشنى خالىمىدىم -دىدى . ساقچىلار يەنە – سەن ئۇنىڭ ئوغلىغا ئۆيىگە قەدەر ئاپىرىپ قويۇشقا  ۋەدە بەرگەن ئىكەنسەن – دېدى، سوراق تەرىقىسىدە . – شۇنداق ۋەدە بەرگەن ئىدىم . ، لېكىن  يېرىم يولغا كەلگەندە قارارىمنى ئۆزگەرتتىم . چۈنكى ئۇلار مېنىڭ شەخسىيىتىمگە تېگىدىغان گەپلەرنى جىق قىلىپ ،  مېنى قاتتىق بىئارام قىلىۋەتتى . مەن  يولنى ئۇلار بىلەن بىللە  داۋاملاشتۇرسام ،بىرەر ھادىسە چىقىرىپ قويۇشۇمدىن ئېھتىيات قىلىپ ، ئۇلارنى شۇ يەرگە تاشلاپ قويدۇم . ساقچىلار يەنە –  ئۇنداقتا نېمىشكە يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ ، ئادەتتىكى بىر يەرگە چۈشۈرۈپ قويمىدىڭ – دەپ سورىۋىدى ، سېلىم  – بۇلار ئاتەيتەن زىيارەتكە كەلگەن ئىكەن  يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىمۇ ياخشى زىيارەت قىلىپ پەيزىنى سۈرۈپ كەتسۇن – دەپ شۇنداق قىلدىم –  دىدى،  ساقچىلارغا خۇددى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارغا چاخچاق قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە .  ساقچىلارمۇ كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى. ئەتىسىدىن باشلاپ  «  مەشرەپ  » ۋە « ئۇيغۇر ئامېركا بىرلەشمىسى»  تور بەتلىرىنىڭ مۇنازىرە مەيدانلىرىدا سېلىمنى تىللاش باشلىنىپ كەتتى.
: ئۇلار سېلىمنى – ۋەتەندىن ئۇزاق يوللارنى بېسىپ تۇققان يوقلاشقا كەلگەن،  ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىنى يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا تاشلاپ قويغان ئىپلاس ، ناچار ئادەم، بۇنى قانداقمۇ  مىللەتچى دېگىلى بولسۇن ، خائىن، نېرۋىسىدىن ئاداشقان ساراڭ – دەپ تىللاشتى. بۇ مۇنازىرە مەيدانلىرىدىكى بىر-بىرىنى تىللاشلار قىزىپ ، خۇددى يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدەك پىژغىرىم ئەھۋالغا كەلدى . سېلىم بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاپ قايتۇرمىدى. ئارىدىنئىككى 2 ھەپتە ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن ، بۇ دۆلەتتىكى ئەزىز ئادىداس  گوروسىدىكى ئۇيغۇرلار يىغىن تەشكىللەپ –  سېلىم  قان  ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىدىن ،  شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر جامائېتىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەكلىىنى  تەلەپ قىلىپ  ئۇختۇرۇش تارقاتتى. سېلىم شۇ كۈنى ئېچىلغان يىغىنغا ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆينەك،  شەرقى تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە سۇس ھاۋا رەڭ سارجىدىن كاستىيۇم بۇرۇلكا، سۇس ھاۋارەڭ گالىستۇك تاقاپ، چاچ ، ساقال بۇرۇتلىرىنى پاكىز ياسىتىپ باردى. ئۇ ، يىغىن مەيدانىغا ئىنتايىن تەمكىن كىرىپ كەلدى ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ھۆمىيىپ قارىماقتا ئىدى . يىغىن رىياسەتچىسى رۇستەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«  ھۆرمەتلىك خانىملار،  ئەپەندىلەر.  يېقىندا 18 يىل كۆرمىگەن ئوغلى ھەمشەھرىمىز ئەزىزجاننى كۆرۈش ئۈچۈن، ئەزىز ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن ئەزىزنىڭ ئاتا ئانىلىرى  بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ، ئۆزىنى ئىنتايىن مىللەتچى دەپ قارايدىغان  بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ   قاتتىق دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچۇردى . يەنى سائېتىگە 130  كىلو مېتىر لىق تېزلىكتىكى   يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلدى .. . ئۇنىڭ سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە  زال ئىچىنى ئۆز – ئارا غۇلغۇلا قاپلاشقا باشلىدى . – سۆيۈملۈك يۇرتداشلار تېنىچلىنايلى…..تېنىچلىنايلى – دەپ،  سۆزىنى داۋاملاشتۇردى رۇستەم –  شۇنداق، بۇ ۋەقە بىز ياشاۋاتقان بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىلا بىئارام قىلماستىن ، بەلكى تور ئارقىلىق  ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئىنتايىن بىئارام قىلدى . بىز 30 ئوغۇل چېيى (تېئا پارتي) دىكى  بارلىق ئاغىنىلەر  بۇ ئىشقا نىسبەتەن قاتتىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.  بۇ ئاق كۆڭۈل ، سەمىمى ئاتا – ئانىغا قىلىنغان  ھۆرمەتسىزلىككە  ئىنسان قانداقمۇ  چىداپ تۇرالىسۇن . بىز بۇ يەرگە ھەرقايسىڭلارنى ئىككى ئىشقا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن چاقىردۇق . بىرىنچىسى بۇ رەھىمسىزلىكنى سادىر قىلغان ئەپەندىم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ۋەقەگە ئىزاھات بېرىشى ۋە ئەزىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن  ، شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائېتىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك  . ئىككىنچىسى بىز بۈگۈن ھەرقايسىڭلاردىن  بۇ رەھىمسىز قىلمىشنى سادىر قىلغان  ئەپەندىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىمزا  توپلاش ھەرىكىتىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز . »  رۇستەمنىڭ سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە ھەممە كىشىنىڭ كۆزلىرى سېلىمگە مەركەزلەشتى . رۇستەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ –  بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان سېلىم ئەپەندىنى  ئىزاھات بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز – دېدى.
سېلىم سەھنىگە چىقىپ سۆزلەشكە باشلىدى :  ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلۇرۇم . مەن ۋەتەندىن ۋەتىنىمنىڭ نامىنى شىنجىاڭ ئەمەس، شەرقى تۈركىستان دېيەلەمدىمكىن – دەپ ئايرىلدىم.  سۆيۈملۈك ۋەتىنىمنى ، ئەزىز خەلقىمنى، ئاتا – ئانامنى، شۇنىڭدەك ئەجداتلىرىمنىڭ قەبرىلىرىنى، گۈل- گۈلۈستان مەھەللىلىرىمنى، شەرقى تۈركۈستان  – دەپ ياشىماق ۋە شەرقى تۈركىستان دەپ ئۆلمەك ئۈچۈن، ئەزىز ۋە مۇقەددەس بايرىقىمىزنى  باغرىمغا يېقىپ جان بەرمەك ئۈچۈن تەرك ئەتتىم  ۋە شۇ مۇقەددەس ئەقىدە يولىدا ئونبەش يىلدىن بۇيان چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرىۋاتىمەن .  مۇشۇنداق بىر ئەركىن دۆلەتتە نەپەس ئېلىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ، مېنىڭ ماشىنامغا چىققان بىر ئادەمنىڭ ماڭا، مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ نامىنى مۇستەملىكىچى نام  بىلەن شىنجىاڭ دەپ ئاتىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمەن. ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلۇرۇم ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىن ئىنتايىن قورقۇپ كەلدى، ساپ بىرەر خەنزۇمۇ ئارلىشىپ قالمىغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك جاي . خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىمىزنى، ئۇيغۇر مەدىنيىتىمىزنى يوق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەقسىدىدە مەھەللىمىزدىكى كونا ئۆي ۋاقلىزىمىزنى قىممەت پۇلغا سېتىۋېلىپ چېقىپ تاشلاۋاتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدار چاقىردۇق دېگەن بانا بىلەن  نۇرغۇنلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستانغا چاقىرىپ چىقىپ ، ئالاھىدە ئولتۇراق ئۆي رايۇنلىرىنى قۇرماقتا. بۇ ئولتۇراق ئۆي رايۇنلىرىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى خىتايلارنىڭ قولىدا بولۇپ، يوغان قورۇ جايلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىكى پۇل  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە خىتايلار  بەرپا قىلغان بىر يۈرۈش تاۋار ئۆيىنى سېتىۋېلىشقا يەتمەيدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  قان تەرىنى شوراپ، پۈتۈن بايلىقلىرىنى تالان –  تاراج قىلىۋاتقان ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆيلىرىدىن ، باغ- ۋاران ، مەھەللىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ  زىمىنلىرىغا  خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى پىلانلاۋاتقان  خىتاينىڭ بۇنداق رەزىل سىياسىنى قوللايدىغان ، ئەزىزنىڭ ئاتا ئانىسىدەك بۇنداق روھى ئۆلگەن ئادەملەرنى مەن ھەرگىز ماشىنامغا ئالالمايمەن . بىلىپ قېلىڭلاركى بۇ ئوچۇق – ئاشكارە غالچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.  بۇنداق غالچىلارنى ماشىنىدىن چۈشۈرىۋەتكەننىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىنقىلاپ . زال ئىچىدىن ئالقىشلار ۋە ئىسقىرتىشلار كۆتۈرۈلدى.
ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار،  سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلۇرۇم ، مەن ھەقىقەتەن دوستىمىز ئەزىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنى  يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋەتتىم  . بۇنى ئېقرار قىلىمەن . چۈنكى مەن ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى خىتاي جاللاتلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خورلىنىۋاتقان ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئازات قىلىش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۈرەشچىلىرىمىزنى، ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمىزنى، بۇ دۆلەتكە كەلگەن ھېچكىمنىڭ خۇددى خىتاينىڭ باياناتچىسىدەك كاكىراپ تۇرۇپ « مىللى بۆلگۈنچى، تېرورچى » دەپ ئاتىشىغا ئەسلا يول قويمايمەن ھەم قوبۇل قىلالمايمەن . ئەگەر بۇ دۆلەتكە تۇققان يوقلاشقا كېلىشىدىكەنسەن، غەرپ دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ غۇرۇرى ۋە ئار نومۇسى بىلەن ئويناشما ۋە چاخچاق قىلما. ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن ، قانداق كېتىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قويۇش . –  زالنى يەنە چاۋاك ۋە ئىسقىرتىشلار قاپلىدى ۋە – ياشىسۇن شەرقى تۈركىستان ، ياشىسۇن ئەزىز ئۇيغۇر خەلقىم . مېنىڭ سۆزۈم مۇشۇ يەردە  تۈگىدى . ھەممىڭلارنىڭ كەلگەن قەدىمىڭلارغا كۆپ رەخمەت . ئۇ سۆزىنى تۈگۈتۈپلا زالدىن ئايرىلدى ۋە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. ئۇزۇندىن بۇيان بۇ دۆلەتتە بۇنداق تەسىرلىك ۋە جاندىن ئۆتكىدەك نۇتۇق سۆزلەنمىگەن ئىدى. سېلىم بۇ نۇتۇقنى  خۇددى ئامېركىدىكى قۇللارنى ئازات قىلغان ئابراھام لىنكولىندەك ، ياكى نېلسون ماندىلادەك ئىىچىدىن قايناپ چىققان غەزەپ ۋە ئىشەنچ  بىلەن باشلاپ، پۈتمەس غورۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى . زال ئىچىدە غۇلغۇلا باشلىنىپ كەتتى. ئاياللارنىڭ –  ۋىيەي ، ئۇلارمۇ  خىتاينى نىمانچە ماختاپ كەتكەندۇ- دېگەن گەپلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
( داۋامى بار )