21 . ئەسىردىكى يېڭىچە ئىمپېرىيالىزىم

شاگىرت ( 26 ياش)
نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنىلا 19 – ئەسىردىكى مۇستەملىكە دەۋرىنىڭ يوقۇرى چەككە يەتكەن مەزگىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ، مۇستەملىكە قىلش ۋە مۇستەملىكە قىلىنىش مۇناسىۋىتى دەپ چۈنۈشكە بولىدۇ .
ئۆتمۈشتە ياۋرۇپا  ئىمپېرىيالىزىمچى كۈچلىرى باشقا دۆلەتلەرنى  بىۋاستە مۇستەملىكە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۇلار مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەرگە بىۋاستە ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىش ، مەمۇرىي خادىملارنى مۇستەملىكە زىمىنىدا ۋەزىپىگە تۇرغۇزۇش قاتارلىق بىۋاستە ئارلىشىش يولى بىلەن مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى . بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى ئىمپېرىيالىستىك دۆلەتلەر ۋاستىلىك مۇستەملىكىچىلىك يولىنى تاللىۋلغان ئىدى . بۇ دۆلەتلەر مۇستەملىكە زىمىنىدا ، ئىمپېرىيەگە سادىق ھەرخىل فۇنكىسىيەلك قورچاق ھۆكۈمەتلەر ۋە سادىق يەرلىك غالچىلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ  مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى . 20- ئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا  ئافرىقا ، لاتىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە يەرشارى مىقىياسىدا ئىمپېرىيالىزىم دەۋرى تارىخقا ئايلانغاندك كۆرۈنگەن بىلەن ، لېكىن ئىنىچكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، ئىمپېرىيالىزىمنىڭ سېسىق ھىدى تېخى تولۇق تۈگىگىنى يوق . بۈگۈنكى دەۋرىدە ئىمىپېرىيالىزىمنىڭ پەقەت شەكلى ئۆزگەردى خالاس . ( شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ، بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇنلىغان خەلق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىگە ھەرخىل شەكىلىدە قارشىلىق كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە . )
ئالدى بىلەن بىز ئىمپېرىيالىزىم ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتەيلى . بېرتانىيە قامۇسىدا ئىمپېرىيالىزىمغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن . « ئىمپېرىيالىزىم : باشقا خەلقلەرنىڭ  زېمىنىنى بىۋاستە ئىگەللەش ، ياكى شۇ خەلقلەرنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ھەربىي ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى ۋاستىلىك كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسى ئىدىيىۋى سېستىما».
ھازىرقى زامان ئىمپېرىيالىزىمنىڭ ئاساسلىق نىشانى  ئىمپېرىيال دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇن ئۆزى مۇستەملىكە قىلغان دۆلەتلەرنى ئىقىتىسادى جەھەتتىن كونترول قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش .  بۇ ‹‹ زامانىۋى  مۇستەملكە » (  Neo-colonialism ) شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ .  دەسلىۋىدە سياسى ئالىملار  بۇ ئۇقۇمغا نەزىريىۋى جەھەتتىن ئېنىقىلىما بەرگەن ئىدى . مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئازاتلىققا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ  پەرەز قىلىنغاندەك تەرەققى قىلىپ قەددىنى رۇسلاپ كېتەلمەسلكى  سىياسى ئالىملارنى مەركۇز  ئۇقۇمغا  بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا  يەنە قوشۇمچە تەركىپلەرنى قېتىشقا مەجبۇر قىلدى . بۇ قوشۇمچە تەركىپلەر ئىمپېرىيال دۆلەتلەر، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ   يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەيشالىرىنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ئارقىلىق بۇ يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشنى توساش ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى ئىقىتىسادى كونترۇللۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش دېگەندەك مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ .
يەنە بىرسى ئىمپېرىيال كۈچلەر يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە قەرز بېرىپ تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ساقلايدۇ . بۇنىڭ بىر مىسالى ‹‹ پەسكەش قەرىز ›› دۇر . بۇنىڭدا  ئىمپېرىيال دۆلەتلەر يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ دېكتاتۇرلىرى ۋە پارىخور ئەمەلدارلىرىنى زور مىقتاردا كاپىتال بىلەن تەمنىلەپ ، مەركۇز كاپىتالنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ تەرەقىياتى ۋە خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەستىن  مۇشۇ دېكتاتۇرلار ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا بۇزۇپ چېچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . ئاندىن بۇ كاپىتالنى ناھايىتى يوقۇرى ئۆسۈم بىلەن قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن  مەركۇز دېكتاتۇرلارنىڭ قولى بىلەن خەلقتىن شىلىۋېلىنىدۇ.   نەتىجىدە خەلق ھالسىراپ  ئۆزىنىڭ قورسىقىنى بېقىشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان ، ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن   دېكتاتۇرلار بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ شىللىسىگە تېخمۇ دەسسىسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى كاپىتال بىلەن تەمنلەيدىغان ئىمپېرىيالىزىم كۈچلىرىگە خوشامەت قىلىپ  ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئىھتىياجلىرىنى بېجاندىل ئورۇنلايدۇ . نەتىجىدە ئىمپېرىيال دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى كونترۇللىقىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرالايدۇ . مەسىلەن ئامېرىكا 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيەگە ناھايىتى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن بولسا  ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر   گېرمانىيەنىڭ قەرزىنى بىكار قىلىۋەتكەن . بىراق ئۇرۇشتىن كېيىن 3 . دۇنيا ئەللىرى بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە بەرگەن قەرز ئەنگىلىيەگە بېرىلگەن قەرزنىڭ ئۆسۈمىگە سېلىشتۇرغاندا  5 ھەسىسە يوقۇرى ئۆسۈم بىلەن قەرزر بەرگەن . نەتىجىدە يوقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز  ۋە بۇ قەرزلەرنىڭ مۇبارەك، كازافىغا ئوخشاش دېكتاتۇرلارنىڭ قولىدا بۇزۇپ چېچىلىشى  ۋە خەلقنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىدا خانە ۋەيران بولىشى ئارقىسىدا بۈگۈنكى ئافرىقا دۆلەتلىرى يەنىلا غەرپ ئىمپېرىيال كۈچلىرىنىڭ ۋاستىلىك مۇستەمىلىكىسى ئاستىدا تۇرماقتا .
ئىمپېرىيال دۆلەتلەر  ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى  ھەرخىل دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرنى ، كۆلەملەشكەن ياساش سانائىتى بىلەن شوغىللىنىدىغان چوڭ – كىچىك كارخىنىلارنى  يېڭىدىن مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن  بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى جان تۇمۇرىنى كونترۇل قىلىدۇ . بۇ ئاتالمىش «  ئىقتىسادى ئەركىنىلىشىش » ( Economic liberalization   ) دېگەن چىرايلىق ئاتالغۇ  بىلەن يەرشارى مىقىياسىدىكى بارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان كونا مۇستەملىكە دۆلەتلىرىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ . بۇ خىل ئويۇندا خەلقئارا پۇل فۇندى  «  IMF  ‹‹(   International Monetary )     ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇنىڭغا يامايكىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق  ئەھۋال ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ دەپ قارايمەن . 20- ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ بېشىدا ئارال دۆلىتى يامايكانىڭ ئىقتىسادى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى .  شۇ چاغىكى يامايكانىڭ قابىل رەھبىرى  مايكول مەنلى (  Michael Manley) ئامالسىز ھالدا  IMF ۋە يامايكا كونسىرىۋاتىپ خەلق پارتىيەسىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ  بىر قاتار يېڭىچە ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى ئېلىپ باردى . بۇ ئقتىسادى سىياسەتلەرنىڭ ئاساسلىق يادرولۇق قىسمى«  دىمۇكىراتىك سوتسىيالىزم » (Democratic Socialism  ) ئەندىزىسى بويىچە دۆلەت ئىقتىسادىنى تەڭشەش ۋە باشقۇرۇشتۇر.  بۇ خىل ئىقتىسادى  ئەندىزىدە  ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىجتىمائىلاشتۇرۇش، تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، چەتئەل كاپىتالغا بولغان بېقىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ئىدى.  بۇ بىر قاتار ئىقتىسادى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1977 . يىلى   IMF   ياشانغانلارغا يوقۇرى  سوممىلىق پىنسىيە پۇلى بېرىش ، مال باھاسىنى ھۆكۈمەت قاتتىق تىزگىنلەش  شەرتى بىلەن ناھايىتى يوقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز بەردى .ئاقىبەت نېمە بولدى ؟ !  1980.  يىلىغا كەلگەندە يامايكا ئىقتىسادى IMF دىن قەرز ئېلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىدىكىدىنمۇ ئوساللىشىپ كەتتى .  يامايكانىڭ %30 ئەمگەك كۈچى ئىشىسىز قالدى . تاشقى پېرىۋوت قىزىل رەقىمى 1977 يىلدىكى سەۋىيەدىن يوقۇرى بولۇپ كەتتى . نەتىجىدە ھۆكۈمەت يوقۇرى سوممىلىق پىنىسىيە ۋە باشقا قوشۇمچە تەمىناتلارنى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇردى.  بۇ دەل ئىمپېرىيال دۆلەتلىرىنىڭ كۈتكىنى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەردىكى دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر ۋە چوڭ -كىچىك كارخانىلار ياماكاغا داغدام يۈرۈش قىلدى . چۈنكى بۇ شىركەت ۋە كارخانىلارنى  يامايكادا شاپاق نەرقىدىكى مىليونلىغان ئەمگەك كۈچى ساقلاپ تۇراتتى . بۇ شىركەت – كارخانىلار بىچارە يامايكا خەلقىنى تۆۋەن ئىش ھەققى ۋە قاتتىق ئەمگەك سىجىللىقى بىلەن خالىغانچە ئىكىسپالاتاتسىيە قىلالايتى . ئەڭ مۇھىمى مەركۇز ئىمپېرىيال دۆلەتلەر ئىقتىسادى سېستىمىلىق ۋەيران قىلىنغان، چەتئەل مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىغا مۇھتاج بولۇپ قالغان يامايكانىڭ بارلىق ھەربىي ،سىياسى ، ئىقتىسادى ، ئىجتىمائى پالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالايتى. ۋاھالەنكى  ياۋروپا مەركىزى بانكىسى IMF دىن پايدىلىنىپ  ئىرلاندىيەنىڭ قەرز كىرزىس مەزگىلىدە، ئىرلاندىيەدىكى مۇھىم ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى قوغدىدى . گىرىتسىيەدىمۇ ئوخشاش بولدى. گىرىتسىيە بانكىلىرى  IMF نىڭ كۈچۈلۈك يۆلىشى بىلەن ۋەيران بولۇش خەۋىپىدىن قۇتۇلدى .
دېمەك  ئىمپېرىيالىزىم كۈچلىرى  ھەر خل يوللار بىلەن ئۆز – ئارا  بىر- بىرىنى قوللىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى بۇرۇن مۇستەملىكە قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز – ئارا  تىل بىرىكتۈرۈپ ، ھەرخىل ئىقتىسادى  ۋاستىلەر بىلەن كونترول قىلىپ تۇرىدۇ .
گەرچە بۈگۈنكى زاماندا  ئامېرىكا  ۋە باشقا ئىمپېرىيالىزىم دۆلەتلىرى، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئەمدىلەتىن  تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنى يېڭىچە ئىمپېرىيالىزىم شەكىلى ئارقىلىق   ئىزچىل مۇستەملىكە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ قارشىلىق ھەرىكەتلەرمۇ كۈنسايىن كۈچەيمەكتە . كەلگۈسىدە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن 21 . ئەسىردە يېڭى ئىمپېرىيالىزىممۇ ئۆتمۈشتىكى بىۋاستە ئىمپېرىيالىزىمغا ئوخشاشلا ئەمەلدىن قېلىشى مۇقەررەر .

مەنبەسى: ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …