ئېچىنىمەن

ئاپتور: ئەلسۆي
– ھا ھا ھا، سەن بەك قىززىقچىكەنسەن. مېنىڭ ئىلگىرىمۇ بىر مىسىرلىق ئوقۇغۇچىم بار ئىدى. ئۇ بەك دىندار كىشى ئىدى. – دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى يېڭى ئوقۇغىچىلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنى بىردىن- بىردىن تونۇشتۇرۇشقا بويرىغانىدى. قىزىق پاراڭ سېلىشقا ئامىراق بۇدۈر چاچ ، قارا شەھلا كۆزلۈك چىرايلىق ئەرەب قىزى بۇشرا ئۆزى « مىسىر شاھىنىڭ مەلىكىسى» دەپ چاقچاق بىلەن تونۇش تۇرۇپ ھەممىنى كۈلدۈرىۋەتتى. سېرىقچاچ سېمىز ئايال ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، نەزىرىنى مودا كىيىنگەن، ئازراق سېرىقشىمال ئاقامتۇل ئەتلىك كىلىشكەن يىگىت ئەزىزگە بۇرىدى:
– مەن شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئەزىز ئەمەت، ئاتامنىڭ ئىسمى ئەمەت ئاۋۇت، بوۋامنىڭ ئىسمى ئاۋۇت ئەلا، ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئىسمى ئەلا ئابدۇللاھ، ئۇلۇغ بوۋام بۈيۈك ۋەتەن ئۇرۇشىدا ماناستا قازا قىلغان. – ئەزىزنىڭ خۇددىي ھەربىيدەك تۇرۇپ سۆزلىگەن گېپىنىڭ چاقچاق ياكى راستلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەن يېڭى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ زاماننىڭ ئېرەڭسىز ياشلىرىدەك مودا ياسىنىۋالغان ھالىتى بىلەن، بايىقى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىكى جەسۇرلىقىنى بىريەرگە ئېلىپ كېلەلمىدىمۇ، ئىشقىلىپ گاڭگىراپ قالغانىدى.  ھەممىسى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندا « قەھۋە تەنەپپۇسى» گە قويۇپ بېرىلىپ، سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش ئۈچۈن تەبئىي ھالدا ئەركىن مۇنازىرىنى باشلىدى.
– ئەزىز،سەن بىلەن تونۇشقىنىمغا خوشالمەن. سەن تۈركىيىنىڭ شەرقىدىن كەلدىڭمۇ؟ – قارىماققا مۇسۇلمان چىراي قوڭۇر ئەتلىك بالا كېلىپ ئەزىز بىلەن قول ئېلىشقاچ ئۇنىڭدىن سورىدى.
– ياق، مەن شەرقىي تۈركىستانلىق. – ئەزىز ئۇنىڭغا قايتا چۈشەندۈرگەچ سىنىپنىڭ تېمىغا چاپلانغان خەرىتە تەرەپكە ئۇنى باشلاپ كېلىپ، كۆرسەتكەچ:
– مانا، بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز 1949-يىلدىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. – دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىگە قىزىققان يەنە بىرقانچە ئاق ئەتلىك ، قوڭۇر ئەتلىك، بۇغداي ئەتلىك ۋە قارا ئەتلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، خەرىتىدىن ئۆز ۋەتەنلىرىنى كۆرسىتىشىپ سۆزلىشەتتى. ئارىدا چىرايى شەرقىي ئاسىيالىق ، كۆزەينەكلىك ئورۇق يىگىت كېلىپ شەرقىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش «توخۇسىمان» دائىرىنى كۆرسىتىپ ئۆز كىملىكىنى تونۇتماقچى بولدى. ئۇ ئەزىزنىڭ شۇ « توخۇ» نىڭ «قويرىقى»نى ۋەتىنىم دەپ كۆرسەتكەنلىكنى تېخى بايقىمىغان بولسا كېرەك، ئەزىزگە قاراپ خىتايغا خاس يىرىك تەلەپپۇزدا ئېنگىلىسچە :
– ۋېر ئايو ڧىرومو؟(تەرجىمىسى: سەن نەدىن كەلدىڭ؟)- دەپ سورىغاچ، كۆزەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويدى. ئەزىز ئۇنىڭغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
– لاۋزى سوڭ دوڭ تۇئېرچىسىتەن لەيدى، يوۋ شېنما پى خۇئا ياۋ شۇئو ما؟ (تەرجىمىسى: ئاكاڭ قارىغاي شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن، قانداق لاۋزا گېپىڭ بارمۇ سېنىڭ؟ ) – دېدى خەرىتىنى كۆرسىتىپ. ئەتراپتىكىلەر «ياۋروپالىق» دەپ ئويلىغان بۇ يىگىتنىڭ خىتايچە سۆزلىگەنلىكىدىن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قاراشتى. ئارىدا بىر بۇغداي ئەت بالا:
– ۋوۋ، ئاي نەۋېر سوۋت يوۋ كەن سىپېك چاينىس! خوۋ دۇ يوۋ نوۋ چاينىس؟ (تەرجىمىسى: پاھ، مەن سېنى خىتايچە بىلىدۇ دەپ ئەزەلدىن ئويلىماپتىكەنمەن! سەن قانداقچە خىتايچە بىلىسەن؟)-  دەپ پەخىرلەنگەندەك ئەزىزنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ، گەجگىسىنى يىنىك ئۇۋىلاپ قويدى. ئەزىز ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
– يېخ، بادى، يوۋ دونت خەۋ نو ئايدې ۋات ماي پىپول گو سروۋ، ئىت ئىز شەئېم تو مې سەي ماي كونچىي ئوككۇپايت باي چاينىسى…(تەرجىمىسى: ۋاي دوستۇم، سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ قانداق ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلمەيسەن، ماڭا نىسبەتەن « مېنىڭ دۆلىتىمنى خىتاي بېسىۋالغان» دېيىش ناھايىتى نومۇس…) – دەپ گەپنى باشلاپ، يۇمۇرلۇق سۆزلىرى بىلەن ئۇنى ۋە باشقىلارنى كۈلدۈرسە، تەسىرلىك سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئۇلارغا ئاڭلاتقاچ ، ئۆزىنىڭ خۇشچاقچاقلىقى ۋە يېقىشلىقى بىلەن، مەرت ۋە ئوچۇق مىجەزى بىلەن ئۇلار بىلەن بىردەمدىلا ئىچ قويۇن، تاش قويۇن بولۇشۇپ كەتتى. كۆزەينەكلىك خىتاي ھەممە خىتايلاردا بولىدىغان « بىز دېگەن دۇنيادىكى ئىككىنچى باي دۆلەتنىڭ پۇخراسى، يالاڭتۆشلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە ھەۋەس قىلىشى، بىزگە خۇددىي چولپانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك…» دەيدىغان پەسكەش خىيالىغا پوق چاپلاشقاندەك بولۇپ، مەكتەپنىڭ تۇنجى كۈنى مەكتەپ سوۋغا قىلغان قەھۋانى ئىچىشىپ توپلىشىپ كۈلىشىۋتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن خۇددىي ھىلىگەر تۈلكە ئوۋچىنى كۆرگەندە قويرىقىنى خادا قىلىپ، بېشىنى پەس قىلىپ قاچقاندەك يالغان كۈلۈمسىرەپ، تازىم قىلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاۋاق خىتاي ئوۋ ئىتلىرىدىن ئۆزىنى ئاران قاچۇرۇپ چىققان ئوغرى تۈلكىگە ئوخشاش،  سىنىپتىن چىقىپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدىدە، يەنە بىر خىتايغا تېلڧۇن قىلىپ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شۇ  تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى. كارىدوردا تامنىڭ بۇلۇڭىدا تۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقان ئىككى خىتاينىڭ گېپىنى يان تەرەپتە تېلڧۇن سۆزلىشىپ تۇرغان ئېگىز بۈدۈرچاچ «چەتئەللىك» نىڭ راۋان خىتاي تەلەپپۇزىدا ئېيتقان سۆزلىرى بۇزۇپ قويدى:
– نېمە ئۇ «تۈركىستان تېرورچىلىرى» دېيىشكىنىڭ؟ ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىغا كېلىۋالغىنىڭ بىر خوپ، ئۇيغۇرغا تىلىڭنى مەجبۇرىي تاڭغىنىڭ بىر خوپ، ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىر خوپ،«  سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك، «ئوغرى قوپۇپ «ئوغرى كەلدى» دەپ توۋلىدى» دېگەندەك بىزنى قاراقچى، مەدەنىيەتسىز، ياۋايى دېيىشىۋاتىسىنا! ياۋايى دېگەن سەن، مەدەنىيەتسىز دېگەنمۇ سەن! – يىگىتنىڭ گەپلىرىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىككى خىتاي بېشىنى پەس قىلىپ ئىگىسىز ئىتتەك تىرناقلىرىنى تاتلىغاچ، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلمەي، يا  يىغلىشىنى، يا كۈلىشىنى بىلمەي، ئەركەكلىك ئەزاسىغا ئىگە ئىنسانغا يات بولغان ھالەتتە بىر-بىرىگە ئوغۇرلۇقچە قاراپ تۇرىشاتتى. يىگىت يەنە:
– ئەندىشە قىلىشما، بىز سەنلەردەك ئىرقچىلاردىن ئەمەس، مىللىي كەمسىتىشكە ۋە ئادالەتسىزلىككە بىز قارشى. ئەمما شۇ يادىڭلاردا بولسۇنكى، يەنە بىزنى «ئوغرى»،«قاراقچى»،«تېرورچى»دېيىشسەڭ، نېمىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى سەنلەرگە ئوبدان بىلدۈرۈپ قويىمەن!…- دەپ بولۇپ ئۇلارغا غەزەپ نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالدى. ھېلىقى ئىككى خىتاي ئۇنىڭ كەتكەنلىكى كۆرۈپ ئۇھ تارتىپ بولۇپ:
– قاغىشتەككۈرلەر، شيې تيەن شىيې دى (تەرجىمىسى: ئاسمان زېمىنغا رەھمەت) بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بۇنداق ئەمەس. بىزنىڭ سىنىپتىمۇ بىرى باركەن بۇلارنىڭ، ئۆزىنى مەن «شىنجاڭدىن كەلدىم، مەن جۇڭگولۇق» دەپ تونۇشتۇردى. ھا ھا ھا، راستىمنى دېسەم تازا كۈلگۈم كەلدى. ئاخماق، بىزدىن قورققان گەپ! تەربىيە كۆرمىگەن ساراڭ ياۋايى، بىزنىڭ ياۋروپاغا كېلىش ئۈچۈن « مەن ڧالۇنگۇڭچى»،« مەن دېموكراتچى»، «مەن ئۇنداق، بۇنداق» … دېگەندەك گەپلەر بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى بىلمەيدۇ- دە ئۇ دۆت! – يەنە بىر خىتاي ئەزىزنىڭ سىنىپىدىن ئوۋچىدىن قاچقان تۈلكىدەك چىقىپ بايىقى بالىغا يۇلۇققان «بەختسىز» سەپدىشىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى.
– ۋاي، توغرا دەيسەن! ئۆتكەندە مەنمۇ گۇلى دەپ بىرىنى كۆرگەن، كاساپەت! بۇ ئوغرىلار تېگى پەس بولغان بىلەن، قىزلىرى چىرايلىق كېلىدۇ دېسە! خام يېگۈدەكلا نېمىكەن. ئۇمۇ ئۆزىنى ماڭا « شىنجاڭلىق» دېدى. ئۇنىڭدىن توي قىلىپ كەلگەنمۇ، ياكى ئوقىغىلىمۇ؟  دېسەن، « كۆچمەن بولغىلى» دەيدۇ. جاھان كۆرمىگەن ئوغرىلاردە يەنىلا، كىم بىلمەيدۇ، يا ئوقىمىسا،يا ئىشلىمىسە، يا ياۋروپالىق بىلەن توي قىلمىسا، قانداق بولۇپ «كۆچمەن» بولىدۇ؟! ھەقىچان جۇڭگو بىزنى ئۇنداق قىلدى، بۇنداق قىلدى، دەپ يالغان ئېيتىپ، دۆلەتنى سېتىپ پاناھلىق تىلىگەن قاراقچى ئۇ. – ئەزىز بىلەن بايىقى بالىدىن كۆرگەن دەشنام بىلەن كەلگەن ئاچچىقنى «گۈلى» گە يۆتكەپ تۆكىۋاتاتتى. يەنە بىر خىتاي ئاجايىپ ھىلىگەرلەرچە كۈلۈپ تۇرۇپ:
– دۆتكەنسەن. ئۇنىڭ تېلڧۇن نومۇرىنى ئېلىۋالماي؟! ھى ھى ھى .- يىرتىق كۆزىنى جىمىرلىتىپ قويدى.
– ئالدىم، ئەندىشە قىلما. بىر كۈنى چاقىرىپ، « ھەمىمىز جۇڭگولۇق بولغاندىكىن» دەپ تازا ئىندەككە كەلتۈرۈپ ئاچچىقىمىزنى چىقىرايلى. ھى ھى ھى ….- ئاۋاق خىتاي شۇنداق دېگەچ يانڧۇنىنى چىقىرىپ ئۇچۇر يازغاچ، سائىتىگە قاراپ ئىككىنچى خىتايغا مېڭىش ئىشارىسى قىلىپ بىرلىكتە سىنىپكە قاراپ كېتىپ قالدى.
مودا مۇزىكىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايرىغان يانڧۇنىنى نازۇك قوللىرىغا ئالغان خۇما كۆز چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولۇپ، يانڧۇن كونۇپكىسىدا نېمىلەرنىدۇر بېسىپ بولۇپ، يانڧۇننى يانچۇقىغا سېلىپ، يېنىدىكى كېلىشكەن يىگىتكە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
– سىزغۇ ياخشى بالا يالقۇن، ئەمما مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قوشۇلالمايمەن. سىز جۇڭگونىڭ قارا تىزىملىكىگە چوقۇم كىرىپ بولدىڭىز، ۋەتەنگە قايتالمايسىز. مېنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ ياشىغۇم بار. كىچىكىمدىن چەتئەلگە ھەۋەس قىلاتتىم، مۇشۇ ياۋروپانىڭ كوچىلىرىدا يۈرگۈم كېلەتتى. ئەمما ھازىر ۋەتەننى سېغىنىمەن. ئاتا-ئانامنى سېغىنىمەن. ۋەتەنداش بولۇشىمغا ئاز قالدى، پاسپورتنى ئېلىپلا ۋەتەنگە بارىمەن. مېنىڭ ھىجرەت- پىجرەت بىلەن چاتىقىم يوق! مەن دېگەن نورمال ئادەم، نورمال ياشىغۇم بار. خىتايلارمۇ ئادەم، مېنىڭ ئۇنداق بىتەرەپلىمە بولۇپ ياشىغىم يوق. سىزمۇ ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ يالقۇن. سىز ياخشى يىگىت، كەلگۈسىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا، ئۇنداق كىرىشىپ كەتمەڭ ئايىقى چىقمايدىغان ئىشلارغا. رېئال بولۇڭ، بىر تىيىنلىك پايدىسى يوق ئىشلار ئۇ! …- چىرايلىق زىبا قىز قويىۋېتىلگەن توم چاچلىرىنى نازۇك بىلەكلىرىدە ئوينىغاچ، كىشىنى مەست قىلغۇدەك گۈزەل كۆزلىرىنى يىگىتكە تىكىپ يىگىتنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتمەيلا، ئورنىدىن قوپماقچى بولدى.
– رامىلە، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم سىزنى شۇنداق گۈزەل قىلىپ يارىتىپتۇكى، سىزگە قارىغان كىشى مەست بولغىدەك گۈزەل جامالىڭىز بار. ھەر قېتىم سىزنى كۆرگىنىمدە ، مەيلى قانچىلىك يىراقتىن كۆرەي، سىزگە قاراپ يۈرەك رېتىمىم پۇتلىرى بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ئاياق تېۋىشىدەك سوقۇپ كېتىدۇ. ئەمما، ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ! مەن ئىلگىرى سىزنىڭ گۆشىڭىزنى، تېرىڭىزنىلا كۆرگەن ئىكەنمەن. قەلبىڭىزنى كۆرەلمەپتىمەن. گۆش-سۆگەكلەر قېرىيدۇ، ئۆلىدۇ، چىرىپ تۈگەيدۇ. سىزمۇ شۇنداق بولىسىز. دىن توغرىلىق سۆزلىگىدەك ساۋادىممۇ يوق، ئەمما شۇنداق ئېيتالايمەن: ۋەتەن ئۈچۈن مەن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشكە رازى، چۈنكى مەن مىللىتىمگە، شۇ مۇسۇلمان مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە شاھىت بولدۇم، شۇلارنىڭ نامىدا بۇ جايدا ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتىم. باشقا چوڭ قائىدىلەردىن سۆز ئاچالمايمەن، ئەمما شۇنى بىلىپ قويۇڭكى رامىلە: بىز شېھىتلەرنىڭ بەدىلى ۋە نامىغا بۇ جايدا ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بۇ پۇرسەت بىزگە باياشات ياشاش پۇرسىتى ئەمەس، بەلكى شۇ شېھىتلەرگە ئادالەتنى قايتۇرۇپ بېرىش پۇرسىتى! بىر تىيىنلىك پايدىسى يوق دەيسىز، توغرا، چۈنكى بۇ بۈيۈك ئىشنى چىرىپ ۋە دات بېسىپ تۈگەپ كېتىدىغان پۇل ۋە تەڭگىلەر بىلەن ھىسابلىغىلى بولمايدۇ! چۈنكى، بۇنىڭ پايدىسى مەڭگۈلۈك ھايات ۋە بېھىش ئۈنۋانىدۇر! … – يىگىت سۆيگەن، ئەمما ۋىسالىغا يېتەلمىگەن قىزغا قانداق بولۇپ بۇنداق شېئىرانە سۆزلەرنى قىلىپ سالغانلىقى ئۆزىگە ئاجايىپ تويۇلماقتا ئىدى. ئەجىبا، ئۇ قىزغا ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلسىمۇ تەمتىرەپ تىترەپ كېتەتتىغۇ؟!
– سىزگە ئېچىنىمەن، يالقۇن! مۇشۇ گەپلىرىڭىزدىن سىزنىڭ ئالجىغانلىقىڭىزنى بىلدىم. خىھ،… – چىرايلىق قىز يۇمىلاق يانپاشلىرىنى ئوينىتىپ كېتىپ قالدى.  يالقۇن قىزنىڭ ئارقىدىن قارىدى. ئەمما، قىزغا قارىغاندىكى يۈرەك رېتىمى ئىلگىرىكى ھېسسىياتتا ئەمەس، بەلكى باشقىچە بىر تۇيغۇدا سوقىۋاتاتتى. ئۇ ئولتۇرغان جايىدا يانڧۇنىنى ئېچىپ « ئۆڭبېتىك» (ڧەسې بووك) ىگە :
« ماڭا ئېچىنغانلارغا ئېچىنىمەن. چۈنكى ئۇلار مەن تاللىغان يولغا، مەن تاللىغان ھەقىقەتكە ئېچىنىدىغانلاردۇر. ئۇلارغا بەكرەك ئېچىنىمەن، چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيادىلا باتىنىي قاراڭغۇلۇقتا ياشاشنى تاللىغانلار بولماستىن، ئۇ دۇنيادىمۇ ق ئوت-لەۋا ۋە ئىس- تۈتۈنلەر تولغان ماكاندا  ياشاشنى تاللىغانلاردۇر… »ئېچىنىمەن

« ماڭا ئېچىنغانلارغا ئېچىنىمەن. چۈنكى ئۇلار مەن تاللىغان يولغا، مەن تاللىغان ھەقىقەتكە ئېچىنىدىغانلاردۇر. ئۇلارغا بەكرەك ئېچىنىمەن، چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيادىلا باتىنىي قاراڭغۇلۇقتا ياشاشنى تاللىغانلار بولماستىن، ئۇ دۇنيادىمۇ ق ئوت-لەۋا ۋە ئىس- تۈتۈنلەر تولغان ماكاندا  ياشاشنى تاللىغانلاردۇر… »

مەنبەسى: ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …